< Yeshua 9 >

1 Emdi shundaq boldiki, Iordan deryasining gherb teripidiki, yeni taghliq rayondiki, Shefelah oymanliqidiki, Ulugh Déngiz boyidiki, Liwanning udulighiche sozulghan barliq yurtlardiki padishahlar we shuningdek Hittiylar, Amoriylar, Qanaaniylar, Perizziyler, Hiwiylar, Yebusiylarning padishahliri bu ishtin xewer tapqanda,
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى، يەنى تاغلىق رايوندىكى، شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى، ئۇلۇغ دېڭىز بويىدىكى، لىۋاننىڭ ئۇدۇلىغىچە سوزۇلغان بارلىق يۇرتلاردىكى پادىشاھلار ۋە شۇنىڭدەك ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنىڭ پادىشاھلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا،
2 hemmisi bir bolup Yeshua bilen Israilgha qarshi jeng qilghili ittipaqlashti.
ھەممىسى بىر بولۇپ يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلغىلى ئىتتىپاقلاشتى.
3 Emma Gibéon ahaliliri Yeshuaning Yérixo bilen Ayigha néme qilghinini anglighanda,
ئەمما گىبېئون ئاھالىلىرى يەشۇئانىڭ يېرىخو بىلەن ئايىغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا،
4 ular hiyle-mikir ishlitip, özlirini [uzun] seperde bolghandek körsitip, ésheklerge kona taghar-xurjun bilen kona, yirtiq-yamaq sharab tulumlirini artip,
ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنى [ئۇزۇن] سەپەردە بولغاندەك كۆرسىتىپ، ئېشەكلەرگە كونا تاغار-خۇرجۇن بىلەن كونا، يىرتىق-ياماق شاراب تۇلۇملىرىنى ئارتىپ،
5 putlirigha yamaq chüshken kona keshlerni kiyip, kona jul-jul éginlerni üstige orighan idi; ular seperge alghan nanlarning hemmisi paxtiliship qurup ketkenidi.
پۇتلىرىغا ياماق چۈشكەن كونا كەشلەرنى كىيىپ، كونا جۇل-جۇل ئېگىنلەرنى ئۈستىگە ئورىغان ئىدى؛ ئۇلار سەپەرگە ئالغان نانلارنىڭ ھەممىسى پاختىلىشىپ قۇرۇپ كەتكەنىدى.
6 Ular Gilgal chédirgahigha bérip Yeshuaning qéshigha kirip uning bilen Israillargha: — Biz yiraq yurttin kelduq; biz bilen ehde tüzsenglar, dédi.
ئۇلار گىلگال چېدىرگاھىغا بېرىپ يەشۇئانىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا: ــ بىز يىراق يۇرتتىن كەلدۇق؛ بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭلار، دېدى.
7 Lékin Israillar Hiwiylargha jawab bérip: — Siler bizning arimizda turuwatqan mushu yerlikler bolushunglar mumkin; undaqta biz siler bilen qandaqmu ehde tüzimiz? — dédi.
لېكىن ئىسرائىللار ھىۋىيلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرلىكلەر بولۇشۇڭلار مۇمكىن؛ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ ئەھدە تۈزىمىز؟ ــ دېدى.
8 Ular Yeshuagha: — Biz séning qulliringmiz, dédi. Yeshua ulardin: — Siler kim, qeyerdin keldinglar? — dep soridi.
ئۇلار يەشۇئاغا: ــ بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز، دېدى. يەشۇئا ئۇلاردىن: ــ سىلەر كىم، قەيەردىن كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
9 Ular uninggha jawab bérip: — Séning qulliring bolsa Perwerdigar Xudayingning namini anglighanliqi üchün nahayiti yiraq yurttin keldi. Chünki biz Uning nam-shöhritini we Uning Misirda qilghan hemme ishlirini,
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ قۇللىرىڭ بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى يىراق يۇرتتىن كەلدى. چۈنكى بىز ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىردا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى،
10 shundaqla Uning Iordanning u teripidiki Amoriylarning ikki padishahi, yeni Heshbonning padishahi Sihon bilen Ashtarotta turuqluq Bashanning padishahi Ogqa néme qilghinini angliduq.
شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىئورداننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن ئاشتاروتتا تۇرۇقلۇق باشاننىڭ پادىشاھى ئوگقا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىدۇق.
11 Shunga aqsaqallirimiz bilen yurtta turghuchi hemme xelq bizge söz qilip: — Qolunglargha seperge lazimliq ozuq-tülük élip, bérip Israillar bilen körüshüp ulargha: «Biz silerning qulluqunglarda bolimiz; shunga biz bilen ehde tüzünglar», denglar, dep bizni ewetti.
شۇڭا ئاقساقاللىرىمىز بىلەن يۇرتتا تۇرغۇچى ھەممە خەلق بىزگە سۆز قىلىپ: ــ قولۇڭلارغا سەپەرگە لازىملىق ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ، بېرىپ ئىسرائىللار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا: «بىز سىلەرنىڭ قۇللۇقۇڭلاردا بولىمىز؛ شۇڭا بىز بىلەن ئەھدە تۈزۈڭلار»، دەڭلار، دەپ بىزنى ئەۋەتتى.
12 Silerning qéshinglargha qarap yolgha chiqqan künide biz sepirimiz üchün öyimizdin alghan nan issiq idi, mana hazir u qurup, paxtiliship kétiptu.
سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قاراپ يولغا چىققان كۈنىدە بىز سەپىرىمىز ئۈچۈن ئۆيىمىزدىن ئالغان نان ئىسسىق ئىدى، مانا ھازىر ئۇ قۇرۇپ، پاختىلىشىپ كېتىپتۇ.
13 Bu sharab tulumliri bolsa sharab qachilighanda yéngi idi, mana emdi yirtilip kétiptu. Biz kiygen bu kiyimler we keshler seperning intayin uzunluqidin konirap ketti, — dédi.
بۇ شاراب تۇلۇملىرى بولسا شاراب قاچىلىغاندا يېڭى ئىدى، مانا ئەمدى يىرتىلىپ كېتىپتۇ. بىز كىيگەن بۇ كىيىملەر ۋە كەشلەر سەپەرنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلۇقىدىن كونىراپ كەتتى، ــ دېدى.
14 Shuning bilen Israillar ularning ozuq-tülükidin azraq aldi, lékin Perwerdigardin yol sorimidi.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىدىن ئازراق ئالدى، لېكىن پەرۋەردىگاردىن يول سورىمىدى.
15 Shundaq qilip, Yeshua ular bilen sülhi tüzüp, ularni tirik qoyushqa ular bilen ehd baghlidi; jamaet emirlirimu ulargha qesem qilip berdi.
شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنى تىرىك قويۇشقا ئۇلار بىلەن ئەھد باغلىدى؛ جامائەت ئەمىرلىرىمۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ بەردى.
16 Ular ehde baghliship üch kündin kéyin, bu xelqning özlirige qoshna ikenlikini, özlirining arisida olturushluq ikenliki ulargha melum boldi.
ئۇلار ئەھدە باغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى.
17 Israillar sepirini dawamlashturup üchinchi küni ularning sheherlirige yétip keldi; ularning sheherliri Gibéon, Kefirah, Beerot bilen Kiriat-yéarim idi.
ئىسرائىللار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى گىبېئون، كەفىراھ، بەئەروت بىلەن كىرىئات-يېئارىم ئىدى.
18 Jamaetning emirliri ilgiri Israilning Xudasi Perwerdigarning nami bilen ulargha qesem qilghan bolghachqa, Israillar ulargha hujum qilmidi. Buning bilen pütkül jamaet emirler üstidin ghotuldashqili turdi.
جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى ئىلگىرى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قەسەم قىلغان بولغاچقا، ئىسرائىللار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جامائەت ئەمىرلەر ئۈستىدىن غوتۇلداشقىلى تۇردى.
19 Lékin emirlerning hemmisi pütkül jamaetke: — Biz ulargha Israilning Xudasi Perwerdigarning [nami] bilen qesem qilip bergechke, ulargha qol tegküzelmeymiz.
لېكىن ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بىز ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم قىلىپ بەرگەچكە، ئۇلارغا قول تەگكۈزەلمەيمىز.
20 Biz ulargha qilghan qesemimiz tüpeylidin, üstimizge ghezep chüshmesliki üchün ularni tirik qaldurushmiz kérek; ulargha shundaq qilmisaq bolmaydu, dédi.
بىز ئۇلارغا قىلغان قەسەمىمىز تۈپەيلىدىن، ئۈستىمىزگە غەزەپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇشمىز كېرەك؛ ئۇلارغا شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ، دېدى.
21 Andin emirler jamaetke yene: — Ularni tirik qoyunglar; halbuki, ular pütkül jamaet üchün otun yarghuchi we su toshughuchilar bolidu, dédi. Bu ish emirler jamaetke dégendek boldi.
ئاندىن ئەمىرلەر جامائەتكە يەنە: ــ ئۇلارنى تىرىك قويۇڭلار؛ ھالبۇكى، ئۇلار پۈتكۈل جامائەت ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچىلار بولىدۇ، دېدى. بۇ ئىش ئەمىرلەر جامائەتكە دېگەندەك بولدى.
22 U waqitta Yeshua ularni chaqirip ulargha: — Siler arimizdiki yerlikler turup, némishqa biz yiraqtin kelduq, dep bizni aldidinglar?
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا ئۇلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئارىمىزدىكى يەرلىكلەر تۇرۇپ، نېمىشقا بىز يىراقتىن كەلدۇق، دەپ بىزنى ئالدىدىڭلار؟
23 Buning üchün siler emdi lenetke qélip, aranglarda Xudayimning öyi üchün otun yaridighan we su toshuydighan qul bolushtin birer ademmu mustesna bolmaydu, — dédi.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئەمدى لەنەتكە قېلىپ، ئاراڭلاردا خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئوتۇن يارىدىغان ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولۇشتىن بىرەر ئادەممۇ مۇستەسنا بولمايدۇ، ــ دېدى.
24 Shuning bilen ular Yeshuagha jawab bérip: — Perwerdigar Xudayingning Öz quli bolghan Musagha emr qilip, barliq zéminni silerge bérishke, shundaqla zéminda turuwatqanlarning hemmisini aldinglardin yoqitishqa wede qilghanliqi qulliring bolghan péqirlargha éniq melum qilindi; shunga biz silerning tüpeylinglardin jénimizdin jezmen ayrilip qalimiz dep wehimige chüshüp, bu ishni qilip salduq.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا ئەمر قىلىپ، بارلىق زېمىننى سىلەرگە بېرىشكە، شۇنداقلا زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقى قۇللىرىڭ بولغان پېقىرلارغا ئېنىق مەلۇم قىلىندى؛ شۇڭا بىز سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن جېنىمىزدىن جەزمەن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپ، بۇ ئىشنى قىلىپ سالدۇق.
25 Emdi biz qolunggha chüshtuq; neziringge néme yaxshi we durus körünse shuni qilghin, — dédi.
ئەمدى بىز قولۇڭغا چۈشتۇق؛ نەزىرىڭگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، ــ دېدى.
26 Yeshua ene shundaq qilish bilen ularni Israilning qolidin qutquzdi; Israillar ularni öltürmidi.
يەشۇئا ئەنە شۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى.
27 Lékin shu küni Yeshua Perwerdigar tallaydighan jayda jamaet üchün we Perwerdigarning qurban’gahi üchün ularni otun yarghuchilar we su toshughuchilar dep békitti. Ular bügün’ge qeder shundaq qilip kelmekte.
لېكىن شۇ كۈنى يەشۇئا پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا جامائەت ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوتۇن يارغۇچىلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلار دەپ بېكىتتى. ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە.

< Yeshua 9 >