< Yeshua 22 >

1 U waqitta Yeshua Rubenler, Gadlar we Manasseh yérim qebilisidikilerni chaqirip ulargha: —
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ
2 Siler bolsanglar Perwerdigarning quli Musaning silerge buyrughinining hemmisige emel qildinglar, méning silerge emr qilghan barliq sözlirimgimu qulaq saldinglar;
سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالدىڭلار؛
3 siler bu nurghun künlerde taki bügün’ge qeder qérindashliringlarni tashliwetmey, belki Perwerdigar Xudayinglar [silerge] emr qilghan wezipini tutup keldinglar;
سىلەر بۇ نۇرغۇن كۈنلەردە تاكى بۈگۈنگە قەدەر قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار [سىلەرگە] ئەمر قىلغان ۋەزىپىنى تۇتۇپ كەلدىڭلار؛
4 emdi Perwerdigar Xudayinglar wede qilghinidek, qérindashliringlargha aramliq berdi; shunga siler Perwerdigarning quli Musa Iordan deryasining u teripide silerge bergen miras zémininglargha, öz chédirliringlargha qaytip béringlar.
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ۋەدە قىلغىنىدەك، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئاراملىق بەردى؛ شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سىلەرگە بەرگەن مىراس زېمىنىڭلارغا، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار.
5 Peqetla Perwerdigarning quli Musa silerge buyrup tapshurghan qanun-emrlerge emel qilishqa, yeni Perwerdigar Xudayinglarni söyüp, Uning barliq yollirida méngip, emrlirini tutup uninggha baghlinip, pütün qelbinglar we pütün jan-dilinglar bilen Uning xizmitide bolushqa ixlas bilen köngül bölünglar, — dédi.
پەقەتلا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا سىلەرگە بۇيرۇپ تاپشۇرغان قانۇن-ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ــ دېدى.
6 Shuning bilen Yeshua ularni bext-beriket tilep, yolgha saldi; ular öz chédirlirigha qaytip kétishti.
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلارنى بەخت-بەرىكەت تىلەپ، يولغا سالدى؛ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
7 Manasseh yérim qebilisige bolsa Musa ulargha Bashanni miras qilip bergenidi; yene bir yérim qebilige Yeshua Iordan deryasining bu qéti, yeni gherb teripide ularning qérindashlirining arisida miras berdi. Yeshua ularni öz chédirlirigha qaytish yoligha salghan waqtida, u ularghimu bext-beriket tilep,
ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە بولسا مۇسا ئۇلارغا باشاننى مىراس قىلىپ بەرگەنىدى؛ يەنە بىر يېرىم قەبىلىگە يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ قېتى، يەنى غەرب تەرىپىدە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس بەردى. يەشۇئا ئۇلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىش يولىغا سالغان ۋاقتىدا، ئۇ ئۇلارغىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ،
8 ulargha: — Intayin köp bayliqlar, intayin köp charpaylarni, shundaqla köp miqdarda kümüsh, altun, mis, tömür we kiyim-kécheklerni élip, öz chédiringlargha qaytip béringlar; düshmenliringlardin alghan oljini qérindashliringlargha üleshtürüp béringlar, dédi.
ئۇلارغا: ــ ئىنتايىن كۆپ بايلىقلار، ئىنتايىن كۆپ چارپايلارنى، شۇنداقلا كۆپ مىقداردا كۈمۈش، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، ئۆز چېدىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار؛ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان ئولجىنى قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىڭلار، دېدى.
9 U waqitta Rubenler, Gadlar we Manasseh yérim qebilisi Qanaan zéminidiki Shilohdin chiqip Israillardin ayrilip, Perwerdigarning Musaning wasitisi bilen qilghan emri boyiche ularning teelluqati bolghan öz miras zémini Giléad yurtigha qarap qaytip mangdi.
ئۇ ۋاقىتتا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدىن چىقىپ ئىسرائىللاردىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ تەئەللۇقاتى بولغان ئۆز مىراس زېمىنى گىلېئاد يۇرتىغا قاراپ قايتىپ ماڭدى.
10 Rubenler, Gadlar we Manasseh yérim qebilisi Qanaan zéminidiki Iordan deryasining boyidiki Gelilotqa yétip kelgende, u yerde Iordan deryasining boyida bir qurban’gahni yasidi; qurban’gah nahayiti chong we heywetlik yasalghanidi.
رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى گەلىلوتقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ قۇربانگاھ ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغانىدى.
11 Israillargha: «Mana Rubenler, Gadlar we Manasseh yérim qebilisi Qanaan zéminidiki Iordan deryasining u qétidiki Gelilotta, yeni Israillarning udulida bir qurban’gahni yasaptu» dégen xewer anglandi.
ئىسرائىللارغا: «مانا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى گەلىلوتتا، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قۇربانگاھنى ياساپتۇ» دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى.
12 Israillar bu xewerni anglighan haman, ularning pütkül jamaiti ular bilen urushush üchün Shilohqa toplandi.
ئىسرائىللار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن شىلوھقا توپلاندى.
13 U waqitta Israillar kahin Eliazarning oghli Finihasni Giléad zéminidiki Rubenler, Gadlar we Manasseh yérim qebilisige mangdurdi
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە ماڭدۇردى
14 we shundaqla uning bilen on emirni, Israilning herbir qebilisidin jemet bashliqi bolghan birdin emirni uninggha hemrah qilip ewetti; herbir emir herqaysi ata jemettiki minglighan Israillarning kattiwéshi idi.
ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئون ئەمىرنى، ئىسرائىلنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەمەت باشلىقى بولغان بىردىن ئەمىرنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتى؛ ھەربىر ئەمىر ھەرقايسى ئاتا جەمەتتىكى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى.
15 Bular emdi Giléad zéminigha, Rubenler, Gadlar we Manasseh yérim qebilisige kélip ulargha: —
بۇلار ئەمدى گىلېئاد زېمىنىغا، رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە كېلىپ ئۇلارغا: ــ
16 Mana Perwerdigarning pütkül jamaiti silerge mundaq deydu: «Silerning Perwerdigargha egishishtin yénip, özünglargha qurban’gahni yasap, Israilning Xudasidin yüz örüp, Perwerdigargha asiyliq qilip ötküzgen bu rezillikinglar zadi qandaq ish?
مانا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، ئۆزۈڭلارغا قۇربانگاھنى ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ رەزىللىكىڭلار زادى قانداق ئىش؟
17 Péorda burun ötküzgen qebihlikimiz bizge yétip ashmasmu? Gerche Perwerdigarning jamaitining béshigha waba chüshken bolsimu, biz téxi bügün’ge qeder bu ishtin özimizni paklandurmiduq.
پېئوردا بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكىمىز بىزگە يېتىپ ئاشماسمۇ؟ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنىڭ بېشىغا ۋابا چۈشكەن بولسىمۇ، بىز تېخى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىشتىن ئۆزىمىزنى پاكلاندۇرمىدۇق.
18 Siler bügün Perwerdigargha egishishtin yandinglar; shundaq boliduki, siler bügün Perwerdigargha asiyliq qilghan bolghachqa, u jezmen ete Israilning pütkül jamaitige ghezeplinidu.
سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ياندىڭلار؛ شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان بولغاچقا، ئۇ جەزمەن ئەتە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە غەزەپلىنىدۇ.
19 Halbuki, mubada siler miras qilip alghan zémin napak bolup qalghan bolsa, Perwerdigarning teweliki bolghan zémin’gha, Uning chédiri tiklen’gen yurtqa yénip kélip, arimizda miras élinglar. Peqet Perwerdigar Xudayimizning qurban’gahidin bashqa özünglar üchün qurban’gah yasash bilen Perwerdigargha we bizlerge asiyliq qilmanglar.
ھالبۇكى، مۇبادا سىلەر مىراس قىلىپ ئالغان زېمىن ناپاك بولۇپ قالغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا، ئۇنىڭ چېدىرى تىكلەنگەن يۇرتقا يېنىپ كېلىپ، ئارىمىزدا مىراس ئېلىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ياساش بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزلەرگە ئاسىيلىق قىلماڭلار.
20 Zerahning oghli Aqan haram békitilgen nersilerdin élip, itaetsizlik qilghan emesmu? Shu sewebtin qebihliki üchün yalghuz ular öltürülüp qalmay, Perwerdigarning ghezipi yene pütkül Israil jamaitining üstige chüshken emesmu?».
زەراھنىڭ ئوغلى ئاقان ھارام بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن قەبىھلىكى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ قالماي، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟».
21 Shuning bilen Rubenler, Gadlar we Manasseh yérim qebilisi minglighan Israillarning kattiwashlirigha jawab bérip mundaq dédi: —
شۇنىڭ بىلەن رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
22 «Ilahlarning ilahi Perwerdigardur! Ilahlarning ilahi bolghan Perwerdigar Özi buni bilidu, Israilmu uni bilgey! Eger bu ish asiyliq bolsa yaki Perwerdigargha itaetsizlik bolsa, emdi bizlerni bügun ölümdin ayimanglar!
«ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى پەرۋەردىگاردۇر! ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بۇنى بىلىدۇ، ئىسرائىلمۇ ئۇنى بىلگەي! ئەگەر بۇ ئىش ئاسىيلىق بولسا ياكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك بولسا، ئەمدى بىزلەرنى بۈگۇن ئۆلۈمدىن ئايىماڭلار!
23 Eger bizning özimiz üchün qurban’gahni yasishimiz Perwerdigargha egishishtin yénish üchün bolghan bolsa, shundaqla qurban’gahning üstide köydürme qurbanliq sunush, ashliq hediyelirini sunush, inaqliq qurbanliqlirini sunush üchün bolghan bolsa, undaqta Perwerdigar Özi bu ish toghruluq bizdin hésab alsun;
ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قۇربانگاھنى ياسىشىمىز پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىش ئۈچۈن بولغان بولسا، شۇنداقلا قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش، ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇنۇش، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى بۇ ئىش توغرۇلۇق بىزدىن ھېساب ئالسۇن؛
24 eksiche bu ishni qilishimizning sewebi heqiqeten shuki, kelgüside silerning baliliringlar bizning balilirimizgha: «Silerning Israilning Xudasi Perwerdigar bilen qandaq munasiwitinglar bar?
ئەكسىچە بۇ ئىشنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن شۇكى، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا: «سىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار؟
25 Ey Rubenler we Gadlar, Perwerdigar biz bilen silerning otturimizda Iordan deryasini chégra qilip qoyghan emesmu? Shunga silerning Perwerdigardin héchqandaq nésiwenglar yoqtur!» déyishidin endishe qilduq.
ئەي رۇبەنلەر ۋە گادلار، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوقتۇر!» دېيىشىدىن ئەندىشە قىلدۇق.
26 Shunga biz: «Qopup bir qurban’gah yasayli; lékin bu köydürme qurbanliqlar üchünmu emes, bashqa xil qurbanliqlar üchünmu emes,
شۇڭا بىز: «قوپۇپ بىر قۇربانگاھ ياسايلى؛ لېكىن بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، باشقا خىل قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس،
27 belki kelgüside Perwerdigarning aldida köydürme qurbanliqlirimiz bilen bashqa xil qurbanliqlirimiz we inaqliq qurbanliqlirimiz bilen uning ibaditide bolushimiz üchün, siler we bizning otturimizda, shundaqla kéyinki dewrlirimizde bir esletme guwahliq bolsun üchün uni yasiduq; baliliringlarning kelgüside balilirimizgha «Perwerdigardin héchqandaq nésiwenglar yoq» démesliki üchün shundaq qilduq.
بەلكى كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن باشقا خىل قۇربانلىقلىرىمىز ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشىمىز ئۈچۈن، سىلەر ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلىرىمىزدە بىر ئەسلەتمە گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ياسىدۇق؛ بالىلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىرىمىزغا «پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوق» دېمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.
28 Eger ular kelgüside biz bilen ewladlirimizgha shundaq dése, biz jawab bérip: «Mana, köydürme qurbanliq sunush üchün yaki bashqa xil qurbanliqlarni sunush üchün yasalghan emes, belki siler bilen bizning otturimizda bir guwahliq bolsun dep yasalghan, bu Perwerdigarning ata-bowilirimiz yasighan qurban’gahining endizisidur!» déyeleymiz.
ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە بىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېسە، بىز جاۋاب بېرىپ: «مانا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ياكى باشقا خىل قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ ياسالغان، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياسىغان قۇربانگاھىنىڭ ئەندىزىسىدۇر!» دېيەلەيمىز.
29 Perwerdigargha asiyliq qilip, Perwerdigargha egishishtin yénip, Perwerdigar Xudayimizning chédirining aldida turghan qurban’gahtin bashqa ikkinchi bir qurban’gahni yasap, uning üstide köydürme qurbanliq, ashliq hediyeler we bashqa xil qurbanliqlarni ötküzüsh niyiti bizdin néri bolghay!».
پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قۇربانگاھتىن باشقا ئىككىنچى بىر قۇربانگاھنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە باشقا خىل قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىزدىن نېرى بولغاي!».
30 Kahin Finihas we uning bilen bille kelgen jamaet emirliri, yeni minglighan Israillarning kattiwashliri Rubenler, Gadlar we Manassehlerning éytqan sözlirini anglighanda ular shuningdin xush boldi.
كاھىن فىنىھاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن جامائەت ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇلار شۇنىڭدىن خۇش بولدى.
31 Eliazarning oghli kahin Finihas Rubenler, Gadlar we Manassehlerge: — Siler Perwerdigargha bu itaetsizlikni qilmighininglar üchün Perwerdigarning otturimizda turuwatqanliqini emdi bilduq; siler bu ish bilen Israillarni Perwerdigarning qolidin qutquzdunglar, dédi.
ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن فىنىھاس رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرگە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا بۇ ئىتائەتسىزلىكنى قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق؛ سىلەر بۇ ئىش بىلەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭلار، دېدى.
32 Andin Eliazar kahinning oghli Finihas bilen emirler Rubenler we Gadlarning yénidin, Giléad zéminidin chiqip Qanaan zéminigha Israillarning yénigha yénip kélip bu xewerni ulargha dep berdi.
ئاندىن ئەلىئازار كاھىننىڭ ئوغلى فىنىھاس بىلەن ئەمىرلەر رۇبەنلەر ۋە گادلارنىڭ يېنىدىن، گىلېئاد زېمىنىدىن چىقىپ قانائان زېمىنىغا ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا دەپ بەردى.
33 Bu ish Israillarning neziride yaxshi köründi; Israillar Xudagha hemdusana éytip, Rubenler bilen Gadlargha hujum qilip, ular bilen urushup ularning turuwatqan zéminini weyran qilayli, dégen gepni ikkinchi tilgha almidi.
بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈندى؛ ئىسرائىللار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، رۇبەنلەر بىلەن گادلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان زېمىنىنى ۋەيران قىلايلى، دېگەن گەپنى ئىككىنچى تىلغا ئالمىدى.
34 Rubenler bilen Gadlar bu qurban’gahqa «Guwahliq» dep at qoydi; chünki ular: — «U arimizda Perwerdigarning Xuda ikenlikige guwahtur» dédi.
رۇبەنلەر بىلەن گادلار بۇ قۇربانگاھقا «گۇۋاھلىق» دەپ ئات قويدى؛ چۈنكى ئۇلار: ــ «ئۇ ئارىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھتۇر» دېدى.

< Yeshua 22 >