< Yuhanna 20 >

1 Heptining birinchi küni tang seher, Magdalliq Meryem qebrige bardi we qebrining aghzidiki tashning éliwétilgenlikini kördi.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.
2 Shunga u yügürginiche kélip Simon Pétrus we Eysa söygen héliqi muxlisning yénigha kélip, ulargha: — Ular Rebni qebridin yötkiwétiptu, uni qeyerge qoyghinini bilmiduq! — dédi.
شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى.
3 Pétrus bilen héliqi muxlis tashqirigha chiqip, qebrige qarap yol aldi.
پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى.
4 Ikkiylen teng yügürüp mangdi, lékin héliqi muxlis Pétrustin téz yügürüp, qebrige birinchi bolup yétip bardi.
ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى.
5 U éngiship ichige qarap, kanap képenlerning u yerde yéyiqliq turghanliqini kördi, lékin ichkirige kirmidi.
ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى.
6 Uninggha egiship kelgen Simon Pétrus yétip kélip, qebrige kirdi we u yerde yéyiqliq turghan kanap képenlerni,
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى،
7 shundaqla Eysaning béshigha oralghan yaghliqnimu kördi. Yaghliq képenler bilen bir yerde emes, belki ayrim yerde yögeklik turatti.
شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى.
8 Andin qebrige awwal kelgen héliqi muxlismu qebrige kirip, ehwalni körüp ishendi
ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى
9 (chünki ular uning ölümdin qayta tirilishining muqerrerliki heqqide muqeddes yazmilardiki bésharetni téxiche chüshenmeytti).
(چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى).
10 Shuning bilen ikkiylen öz turalghulirigha qaytishti.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى.
11 Emma Meryem bolsa qebrining sirtida turup yighlawatatti. U yighlap turup qebrining ichige éngiship qariwidi,
ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى،
12 mana aq kiyim kiygen ikki perishte turatti; ularning biri Eysaning jesiti qoyulghan yerning bash teripide, yene biri ayagh teripide olturatti.
مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.
13 Ular Meryemdin: — Xanim, némishqa yighlaysen? — dep soridi. — Rebbimni élip kétiptu, uni nege qoyghanliqini bilelmeywatimen, — dédi u ulargha.
ئۇلار مەريەمدىن: ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
14 U shu sözlerni qilipla, keynige buruluwidi, Eysaning shu yerde turghanliqini kördi. Lékin u uning Eysa ikenlikini bilmidi.
ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.
15 Eysa uningdin — Xanim, némishqa yighlaysen, kimni izdeysen? — dep soridi. Meryem uni baghwen shu, dep oylap: — Teqsir, eger uni siz shu yerdin yötkiwetken bolsingiz, qeyerge qoyghanliqingizni éytip bergeysiz. Men uni élip kétimen, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى.
16 Meryem! — dédi Eysa uninggha. Meryem burulupla, ibraniy tilida: — Rabboni! — dédi (bu söz «ustaz» dégen menide).
مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە).
17 Eysa uninggha: — Manga ésilmighin! Chünki men téxi atamning yénigha chiqmidim. Bérip qérindashlirimgha: Méni «Silerningmu Atanglarning, yeni méning Atamning, silerning Xudayinglarning, yeni méning Xudayimning yénigha chiqimen!» deydu, — dep yetküzgin, dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى.
18 Shuning bilen Magdalliq Meryem muxlislarning yénigha bérip, ulargha: «Rebni kördüm!» dédi we shundaqla Eysa özige éytqan u sözlerni ulargha yetküzdi.
شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.
19 Shu küni kechte, yeni heptining birinchi küni kechte, Yehudiylardin qorqqanliqi üchün muxlislar yighilghan öyde ishiklirini him taqiwalghanidi; shu waqitta, Eysa kélip ularning otturisida [körünüp], öre turghan halda ulargha: — Silerge aman-xatirjemlik bolghay! — dédi.
شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا [كۆرۈنۈپ]، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.
20 Buni dep, qollirini we biqinini ulargha körsetti. Shuning bilen muxlislar Rebni körginidin shadlandi.
بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى.
21 Shunga Eysa ulargha yene: — Silerge aman-xatirjemlik bolghay! Ata méni ewetkinidek, menmu silerni ewetimen, — dédi.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى.
22 Bu sözni éytqandin kéyin, u ularning üstige bir püwlep: — Muqeddes Rohni qobul qilinglar.
بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ: ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار.
23 Kimning gunahlirini kechürsenglar, uning gunahi kechürüm qilinidu; kimning gunahlirini tutuwalsanglar, shuning gunahi tutuwélinidu! — dédi.
كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى.
24 Emma on ikkiylenning biri, yeni «qoshkézek» dep atalghan Tomas Eysa kelgende ularning yénida emes idi.
ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.
25 Shunga bashqa muxlislar uninggha: — Biz Rebni körduq! — déyishti. Lékin Tomas ulargha: — Uning qollirida mixlarning izini körmigüche, mixlarning izigha öz barmiqimni we biqinigha öz qolumni tiqip baqmighuche, hergiz ishenmeymen, — dédi.
شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى.
26 Sekkiz kündin kéyin, muxlislar yene shu öy ichide jem bolghanda, Tomasmu ular bilen bille idi. Ishikler taqaqliq tursimu, Eysa kélip ularning arisida turup: — Silerge aman-xatirjemlik bolghay! — dédi.
سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.
27 Andin u Tomasqa: — Barmiqingni bu yerge tegküzüp, qollirimgha qara. Qolungni uzitip, biqinimgha tiqip, gumanda bolmay, ishen’güchi bolghin! — dédi.
ئاندىن ئۇ توماسقا: ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى.
28 Tomas uninggha: — Méning Rebbim hem méning Xudayimsen! — dep jawab berdi.
توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
29 Eysa uninggha: — Méni körgenliking üchün ishending. Körmey turup ishen’güchiler bextliktur! — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى.
30 Eysa muxlislirining aldida bu kitabta xatirilenmigen bashqa nurghun möjizilik alametlernimu körsetti.
ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى.
31 Lékin mushular silerni Eysaning Mesih, shundaqla Xudaning Oghli ikenlikige ishensun hem bu arqiliq [uninggha] étiqad qilip, uning nami arqiliq hayatliqqa érishsun, dep yézildi.
لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.

< Yuhanna 20 >