< Ayup 35 >

1 Élixu yenila jawab bérip mundaq dédi: —
ئېلىخۇ يەنىلا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 «Sen mushu gépingni, yeni «Heqqaniyliqim Tengriningkidin üstündur» déginingni toghra dep qaramsen?
«سەن مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟
3 Shundaq bolghanliqi üchün sen: «Heqqaniyliqning manga néme paydisi bolsun? Gunah qilmighinimning gunah qilghinimgha qarighanda artuqchiliqi nede?» dep soriding.
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سەن: «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ.
4 Özüm sözler bilen sanga [jawab bérey], Sanga hem sen bilen bille bolghan ülpetliringge jawab bérey;
ئۆزۈم سۆزلەر بىلەن ساڭا [جاۋاب بېرەي]، ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي؛
5 Asmanlargha qarap baqqin; Pelektiki bulutlargha sepsalghin; Ular sendin yuqiridur.
ئاسمانلارغا قاراپ باققىن؛ پەلەكتىكى بۇلۇتلارغا سەپسالغىن؛ ئۇلار سەندىن يۇقىرىدۇر.
6 Eger gunah qilghan bolsang, undaqta Tengrige qaysi ziyankeshlikni qilalaytting? Jinayetliring köpeysimu, undaqta uninggha qandaq ziyanlarni salalar iding?
ئەگەر گۇناھ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا تەڭرىگە قايسى زىيانكەشلىكنى قىلالايتتىڭ؟ جىنايەتلىرىڭ كۆپەيسىمۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق زىيانلارنى سالالار ئىدىڭ؟
7 Sen heqqaniy bolghan teqdirdimu, Uninggha néme béreleytting? U séning qolungdin némimu alar-he?
سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟
8 Séning eskilikliring peqet sendek bir insan’ghila, Heqqaniyliqing bolsa peqet insan balilirighila tesir qilidu, xalas.
سېنىڭ ئەسكىلىكلىرىڭ پەقەت سەندەك بىر ئىنسانغىلا، ھەققانىيلىقىڭ بولسا پەقەت ئىنسان بالىلىرىغىلا تەسىر قىلىدۇ، خالاس.
9 Ademler zulum köpiyip ketkenlikidin yalwuridu; Küchlüklerning bésimi tüpeylidin ular nale-peryad kötüridu.
ئادەملەر زۇلۇم كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن يالۋۇرىدۇ؛ كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ.
10 Biraq héchkim: «Kéchilerde insanlargha naxsha ata qilghuchi yaratquchum Tengrini nedin izdishim kérek?» démeydu.
بىراق ھېچكىم: «كېچىلەردە ئىنسانلارغا ناخشا ئاتا قىلغۇچى ياراتقۇچۇم تەڭرىنى نەدىن ئىزدىشىم كېرەك؟» دېمەيدۇ.
11 Uning bizge ögitidighini yer-zémindiki haywanlargha ögitidighinidin köp, Hem asmandiki uchar-qanatlargha ögitidighinidin artuq emesmu?
ئۇنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى يەر-زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن كۆپ، ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟
12 Ular nale-peryad kötüridu, biraq rezil ademlerning hakawurluqining tesiri tüpeylidin, Uni Xuda ijabet qilmaydu.
ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ.
13 Berheq, Tengri quruq duagha qulaq salmighan yerde, Hemmige Qadir mushulargha ehmiyet bermigen yerde,
بەرھەق، تەڭرى قۇرۇق دۇئاغا قۇلاق سالمىغان يەردە، ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە،
14 Sen: «Men Uni körelmeymen» déseng, [U qandaq qulaq salsun]? Dewaying téxi Uning aldida turidu, Shunga Uni kütüp turghin.
سەن: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» دېسەڭ، [ئۇ قانداق قۇلاق سالسۇن]؟ دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن.
15 Biraq U hazir [towa qilish pursiti bérip], Öz ghezipini téxi tökmigen ehwalda, Ayup özining tekebburluqini bilmemdighandu?
بىراق ئۇ ھازىر [توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرىپ]، ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا، ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
16 Chünki Ayup quruq gep üchün aghzini achqan, U tuturuqsiz sözlerni köpeytken».
چۈنكى ئايۇپ قۇرۇق گەپ ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچقان، ئۇ تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى كۆپەيتكەن».

< Ayup 35 >