< Ayup 28 >

1 — «Shübhisizki, kümüsh tépilidighan kanlar bar, Altunning tawlinidighan öz orni bardur;
ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛
2 Tömür bolsa yer astidin qéziwélinidu, Mis bolsa tashtin éritilip élinidu.
تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ.
3 Insanlar [yer astidiki] qarangghuluqqa chek qoyidu; U yer qerigiche charlap yürüp, Qarangghuluqqa tewe, ölümning sayiside turghan tashlarni izdeydu.
ئىنسانلار [يەر ئاستىدىكى] قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ.
4 U yer yüzidikilerdin yiraq jayda tik bolghan quduqni kolaydu; Mana shundaq adem ayagh basmaydighan, untulghan yerlerde ular arghamchini tutup boshluqta pulanglap yüridu, Kishilerdin yiraqta ésilip turidu.
ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ.
5 Ashliq chiqidighan yer, Tekti kolan’ghanda bolsayalqundek körünidu;
ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛
6 Yerdiki tashlar arisidin kök yaqutlar chiqidu, Uningda altun rudisimu bardur.
يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر.
7 U yolni héchqandaq alghur qush bilmeydu, Hetta sarning közimu uninggha yetmigen.
ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن.
8 Hakawur yirtquchlarmu u yerni héch dessep baqmighan, Esheddiy shirmu u jaydin héchqachan ötüp baqmighan.
ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان.
9 Insan balisi qolini chaqmaq téshining üstige tegküzidu, U taghlarni yiltizidin qomuriwétidu.
ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ.
10 Tashlar arisidin u qanallarni chapidu; Shundaq qilip uning közi herxil qimmetlik nersilerni köridu;
تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛
11 Yer astidiki éqinlarni téship ketmisun dep ularni tosuwalidu; Yoshurun nersilerni u ashkarilaydu.
يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ.
12 Biraq danaliq nedin tépilar? Yorutulushning makani nedidu?
بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟
13 Insan baliliri uning qimmetliklikini héch bilmes, U tiriklerning zéminidin tépilmas.
ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس.
14 [Yer] tégi: «Mende emes» deydu, Déngiz bolsa: «Men bilenmu bille emestur» deydu.
[يەر] تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ.
15 Danaliqni sap altun bilen sétiwalghili bolmaydu, Kümüshnimu uning bilen bir tarazida tartqili bolmas.
دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس.
16 Hetta Ofirda chiqidighan altun, aq héqiq yaki kök yaqut bilenmu bir tarazida tartqili bolmaydu.
ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ.
17 Altun we xrustalnimu uning bilen sélishturghili bolmaydu, Ésil altun qacha-quchilar uning bilen héch almashturulmas.
ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس.
18 U ünche-marjan, xrustalni ademning ésidin chiqiridu; Danaliqni élish qizil yaqutlarni élishtin ewzeldur.
ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
19 Éfiopiyediki sériq yaqut uninggha yetmes, Sériq altunmu uning bilen beslishelmeydu.
ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
20 Undaqta, danaliq nedin tépilidu? Yorutulushning makani nedidu?
ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟
21 Chünki u barliq hayat igilirining közidin yoshurulghan, Asmandiki uchar-qanatlardinmu yoshurun turidu.
چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ.
22 Halaket we ölüm peqetla: «Uning shöhritidin xewer alduq» deydu.
ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ.
23 Uning mangghan yolini chüshinidighan, Turidighan yérini bilidighan peqetla bir Xudadur.
ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر.
24 Chünki Uning közi yerning qerigiche yétidu, U asmanning astidiki barliq nersilerni köridu.
چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.
25 U shamallarning küchini tarazigha salghanda, [Dunyaning] sulirini ölchigende,
ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، [دۇنيانىڭ] سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە،
26 Yamghurlargha qanuniyet chüshürginide, Güldürmamining chaqmiqigha yolini békitkinide,
يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە،
27 U chaghda U danaliqqa qarap uni bayan qilghan; Uni nemune qilip belgiligen; Shundaq, U uning bash-ayighigha qarap chiqip,
ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ،
28 Insan’gha: «Mana, Rebdin qorqush danaliqtur; Yamanliqtin yiraqlishish yorutulushtur» — dégen».
ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن».

< Ayup 28 >