< Ayup 24 >

1 — Némishqa Hemmige Qadir [soraq] künlirini békitmeydu? Némishqa Uni tonughanlar Uning shu künlirini bikardin-bikar kütidu?
ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر [سوراق] كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟
2 Mana, ademler pasil qilin’ghan tashlarni yötkiwétidu; Ular zorawanliq bilen bashqilarning padilirini bulap-talap özliri [ochuq-ashkara] baqidu;
مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى [ئوچۇق-ئاشكارا] باقىدۇ؛
3 Ular yétim-yésirlarning éshikini bulap heydep kétidu; Ular tul xotunning kalisini képillik üchün éliwalidu.
ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ.
4 Ular miskinlerni yoldin néri ittiriwétidu; Shuning bilen zémindiki ézilgenlerning hemmisi möküshüwalidu.
ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ.
5 Mana, ular desht-bayawanlardiki yawayi ésheklerdek, Tang seherde olja izdesh «xizmiti»ge chiqidu; Janggal ular we ularning baliliri üchün yémeklik teminleydu.
مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ.
6 Ular yamanning [kaliliri] üchün dalada ot-chöp oridu, Uning üchün ashqan-tashqan üzümlirini tériydu;
ئۇلار ياماننىڭ [كالىلىرى] ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛
7 Ular kéchini kiyimsiz yalang ötküzidu, Soghuqta bolsa yépin’ghudek kiyimi yoqtur.
ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر.
8 Ular taghqa yaghqan yamghurlar bilen süzme bolup kétidu, Panahsizliqidin tashni quchaqlishidu.
ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ.
9 Ademler atisiz balilarni emchektin bulap kétidu, Ular miskinlerdin [bowaqlarni] képillikke alidu.
ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلار مىسكىنلەردىن [بوۋاقلارنى] كېپىللىككە ئالىدۇ.
10 [Miskinler bolsa] kiyimsiz, yéling ötidu, Bashqilar üchün bughday baghlirini kötürsimu, yenila ach qalidu;
[مىسكىنلەر بولسا] كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛
11 Ular bashqilarning öyide zeytunlarni cheylep yagh chiqarghan bolsimu, Hoylilirida sharab kölchikini cheyligen bolsimu, Yenila ussuzluqta qalidu.
ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ.
12 Sheherdin ademlerning ah-zarliri chiqip turidu, Qilich yégenlerning janliri nale-peryad kötüridu; Biraq Tengri héchkimning iplasliqini eyiblimeydu.
شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ.
13 — Nurgha qarshi isyan kötüridighanlarmu bar; Ular nurning yollirini bilmeydu, Uning teriqiliride turmaydu.
ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ.
14 Qatil tang nuri kélishi bilen ornidin turup, Kembegheller we miskinlerni öltüridu; Kéchide u oghridek yüridu.
قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ.
15 Zinaxormu «Méni héch köz körmeydu» dep zawal waqtini kütidu, Bashqilar méni tonumisun dep ayalning chümbilini yüzige tartiwalidu.
زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ.
16 Qarangghuluqta [oghrilar] öyning tamlirini kolap téshidu; Kündüzde ular özlirini öz öyige qamap qoyidu; Ular nurni tonumaydu.
قاراڭغۇلۇقتا [ئوغرىلار] ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ.
17 Ular üchün tang seher ölüm sayisidek tuyulidu; Ular qap-qarangghuluqning wehimilirini dost tutidu.
ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ.
18 Ular sularning yüzidiki köpüklerdek yoqap ketsun! Ularning yer-zémindiki nésiwisi lenet qilin’ghanki, Shunga ulardin héchkim üzümzarliqqa yene mangmisun!
ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن!
19 Qurghaqchiliq hem tomuz issiq qar sulirinimu yep tügitidu; Tehtisaramu oxshashla gunah qilghanlarni yep tügetsun! (Sheol h7585)
قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن! (Sheol h7585)
20 Uni, tughqan anisimu untusun! Qurt shölgeylirini éqitip uni yésun! Eske héch élinmisun! Shuning bilen heqqaniysizliq derextek késilsun!
ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن! ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن! شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن!
21 U balisi yoq tughmaslardin olja alidu, U tul xotunlarghimu héch shepqet körsetmeydu.
ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ.
22 Biraq [Xuda] Öz qudriti bilen mundaq küch-hoquqi barlarning [künini] uzartidu; Ular hetta hayatidin ümidsizlensimu qaytidin ornidin turidu.
بىراق [خۇدا] ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ [كۈنىنى] ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.
23 [Xuda] yenila ularni amanliqta muqimlashturidu, Shunga ular xatirjem bolidu; U ularning yollirini közde tutqan emesmu?
[خۇدا] يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟
24 Ularning mertiwisi birdemlik östürülidu, Andin ular yoq bolidu; Ular ongda qaldurulidu, andin bashqa ademlerge oxshashla yighip élip kétilidu; Ular peqetla pishqan serxil bughday bashaqliridek késilip kétidu.
ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ.
25 Bu ishlar mundaq bolmisa, qéni kim méni yalghanchi dep ispatliyalaydu. Méning geplirimni kim quruq gep déyeleydu?».
بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟».

< Ayup 24 >