< Ayup 21 >

1 Ayup jawaben mundaq dédi: —
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 «Geplirimge qulaq sélinglar, Bu silerning manga bergen «teselliliringlar»ning ornida bolsun!
«گەپلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن «تەسەللىلىرىڭلار»نىڭ ئورنىدا بولسۇن!
3 Söz qilishimgha yol qoysanglar; Söz qilghinimdin kéyin, yene mazaq qiliwéringlar!
سۆز قىلىشىمغا يول قويساڭلار؛ سۆز قىلغىنىمدىن كېيىن، يەنە مازاق قىلىۋېرىڭلار!
4 Méning shikayitim bolsa, insan’gha qaritiliwatamdu? Rohim qandaqmu bitaqet bolmisun?
مېنىڭ شىكايىتىم بولسا، ئىنسانغا قارىتىلىۋاتامدۇ؟ روھىم قانداقمۇ بىتاقەت بولمىسۇن؟
5 Manga obdan qaranglarchu? Siler choqum heyran qalisiler, Qolunglar bilen aghzinglarni étiwalisiler.
ماڭا ئوبدان قاراڭلارچۇ؟ سىلەر چوقۇم ھەيران قالىسىلەر، قولۇڭلار بىلەن ئاغزىڭلارنى ئېتىۋالىسىلەر.
6 Men bu ishlar üstide oylansamla, wehimige chömimen, Pütün etlirimni titrek basidu.
مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن، پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ.
7 Némishqa yamanlar yashiwéridu, Uzun ömür köridu, Hetta zor küch-hoquqluq bolidu?
نېمىشقا يامانلار ياشىۋېرىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ھەتتا زور كۈچ-ھوقۇقلۇق بولىدۇ؟
8 Ularning nesli öz aldida, Perzentliri köz aldida mezmut ösidu,
ئۇلارنىڭ نەسلى ئۆز ئالدىدا، پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ،
9 Ularning öyliri wehimidin aman turidu, Tengrining tayiqi ularning üstige tegmeydu.
ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋەھىمىدىن ئامان تۇرىدۇ، تەڭرىنىڭ تايىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگمەيدۇ.
10 Ularning kaliliri jüplense uruqlimay qalmaydu, Iniki mozaylaydu, Moziyinimu tashlimaydu.
ئۇلارنىڭ كالىلىرى جۈپلەنسە ئۇرۇقلىماي قالمايدۇ، ئىنىكى موزايلايدۇ، موزىيىنىمۇ تاشلىمايدۇ.
11 [Reziller] kichik balilirini qoy padisidek talagha chiqiriwéridu, Ularning perzentliri taqlap-sekrep ussul oynap yüridu.
[رەزىللەر] كىچىك بالىلىرىنى قوي پادىسىدەك تالاغا چىقىرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تاقلاپ-سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ يۈرىدۇ.
12 Ular dap hem chiltargha tengkesh qilidu, Ular neyning awazidin shadlinidu.
ئۇلار داپ ھەم چىلتارغا تەڭكەش قىلىدۇ، ئۇلار نەينىڭ ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.
13 Ular künlirini awatchiliq ichide ötküzidu, Andin közni yumup achquchila tehtisaragha chüshüp kétidu. (Sheol h7585)
ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ. (Sheol h7585)
14 Hem ular Tengrige: «Bizdin néri bol, Bizning yolliring bilen tonushqimiz yoqtur!» — deydu,
ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ،
15 — «Hemmige Qadirning xizmitide bolushning erzigüdek neri bardu? Uninggha dua qilsaq bizge néme payda bolsun?!».
ــ «ھەممىگە قادىرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ ئەرزىگۈدەك نەرى باردۇ؟ ئۇنىڭغا دۇئا قىلساق بىزگە نېمە پايدا بولسۇن؟!».
16 Qaranglar, ularning bexti öz qolida emesmu? Biraq yamanlarning nesihiti mendin néri bolsun!
قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟ بىراق يامانلارنىڭ نەسىھىتى مەندىن نېرى بولسۇن!
17 Yamanlarning chirighi qanche qétim öchidu? Ularni özlirige layiq külpet basamdu? [Xuda] ghezipidin ulargha derdlerni bölüp béremdu?
يامانلارنىڭ چىرىغى قانچە قېتىم ئۆچىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە لايىق كۈلپەت باسامدۇ؟ [خۇدا] غەزىپىدىن ئۇلارغا دەردلەرنى بۆلۈپ بېرەمدۇ؟
18 Ular shamal aldidiki éngizgha oxshash, Qara quyun uchurup kétidighan paxalgha oxshashla yoqamdu?
ئۇلار شامال ئالدىدىكى ئېڭىزغا ئوخشاش، قارا قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان پاخالغا ئوخشاشلا يوقامدۇ؟
19 Tengri uning qebihlikini balilirigha chüshürüshke qalduramdu? [Xuda] bu jazani uning özige bersun, uning özi buni tétisun!
تەڭرى ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى بالىلىرىغا چۈشۈرۈشكە قالدۇرامدۇ؟ [خۇدا] بۇ جازانى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنى تېتىسۇن!
20 Özining halakitini öz közi bilen körsun; Özi Hemmige Qadirning qehrini tétisun!
ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن؛ ئۆزى ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن!
21 Chünki uning békitilgen yil-ayliri tügigendin kéyin, U qandaqmu yene öz öydikiliridin huzur-halawet alalisun?
چۈنكى ئۇنىڭ بېكىتىلگەن يىل-ئايلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ قانداقمۇ يەنە ئۆز ئۆيدىكىلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئالالىسۇن؟
22 Tengri kattilarning üstidinmu höküm qilghandin kéyin, Uninggha bilim ögiteleydighan adem barmidur?!
تەڭرى كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟!
23 Birsi saq-salamet, pütünley ghem-endishsiz, azadilikte yilliri toshqanda ölidu;
بىرسى ساق-سالامەت، پۈتۈنلەي غەم-ئەندىشسىز، ئازادىلىكتە يىللىرى توشقاندا ئۆلىدۇ؛
24 Béqinliri süt bilen sémiz bolidu, Ustixanlirining yiliki xéli nem turidu.
بېقىنلىرى سۈت بىلەن سېمىز بولىدۇ، ئۇستىخانلىرىنىڭ يىلىكى خېلى نەم تۇرىدۇ.
25 Yene birsi bolsa achchiq armanda tügep kétidu; U héchqandaq rahet-paraghet körmigen.
يەنە بىرسى بولسا ئاچچىق ئارماندا تۈگەپ كېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقانداق راھەت-پاراغەت كۆرمىگەن.
26 Ular bilen bille topa-changda teng yatidu, Qurutlar ulargha chaplishidu.
ئۇلار بىلەن بىللە توپا-چاڭدا تەڭ ياتىدۇ، قۇرۇتلار ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.
27 — Mana, silerning némini oylawatqanliqinglarni, Méni qarilash niyetliringlarni bilimen.
ــ مانا، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى، مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن.
28 Chünki siler mendin: «Ésilzadining öyi nege ketken? Rezillerning turghan chédirliri nedidur?» dep sorawatisiler.
چۈنكى سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟ رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر.
29 Siler yoluchilardin shuni sorimidinglarmu? Ularning shu bayanlirigha köngül qoymidinglarmu?
سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇ بايانلىرىغا كۆڭۈل قويمىدىڭلارمۇ؟
30 [Démek], «Yaman adem palaket künidin saqlinip qalidu, Ular ghezep künidin qutulup qalidu!» — [deydu].
[دېمەك]، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ [دەيدۇ].
31 Kim [rezilning] tutqan yolini yüz turane eyibleydu? Kim uninggha öz qilmishi üchün tégishlik jazasini yégüzidu?
كىم [رەزىلنىڭ] تۇتقان يولىنى يۈز تۇرانە ئەيىبلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى يېگۈزىدۇ؟
32 Eksiche, u heywet bilen yerlikige kötürüp méngilidu, Uning qebrisi közet astida turidu.
ئەكسىچە، ئۇ ھەيۋەت بىلەن يەرلىكىگە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسى كۆزەت ئاستىدا تۇرىدۇ.
33 Jilghining chalmiliri uninggha tatliq bilinidu; Uning aldidimu sansiz ademler ketkendek, Uning keynidinmu barliq ademler egiship baridu.
جىلغىنىڭ چالمىلىرى ئۇنىڭغا تاتلىق بىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ سانسىز ئادەملەر كەتكەندەك، ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بارلىق ئادەملەر ئەگىشىپ بارىدۇ.
34 Siler némishqa manga quruq gep bilen teselli bermekchi? Silerning jawabliringlarda peqet saxtiliqla tépilidu!
سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟ سىلەرنىڭ جاۋابلىرىڭلاردا پەقەت ساختىلىقلا تېپىلىدۇ!

< Ayup 21 >