< Ayup 18 >

1 Shuxaliq Bildad jawaben mundaq dédi: —
شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 Sendek ademler qachan’ghiche mundaq sözlerni toxtatmaysiler? Siler obdan oylap béqinglar, andin biz söz qilimiz.
سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز.
3 Biz némishqa silerning aldinglarda haywanlar hésablinimiz? Némishqa aldinglarda exmeq tonulimiz?
بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟ نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟
4 Hey özüngning ghezipide özüngni yirtquchi, séni depla yer-zémin tashliwétilemdu?! Tagh-tashlar öz ornidin kötürülüp kétemdu?!
ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!
5 Qandaqla bolmisun, yaman ademning chirighi öchürülidu, Uning ot-uchqunliri yalqunlimaydu.
قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئوت-ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ.
6 Chédiridiki nur qarangghuluqqa aylinidu, Uning üstige asqan chirighi öchürülidu.
چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ.
7 Uning mezmut qedemliri qisilidu, Özining nesihetliri özini mollaq atquzidu.
ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ.
8 Chünki öz putliri özini torgha ewetidu, U del torning üstige desseydighan bolidu.
چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ.
9 Qiltaq uni tapinidin iliwalidu, Tuzaq uni tutuwalidu.
قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ.
10 Yerde uni kütidighan yoshurun arghamcha bar, Yolida uni tutmaqchi bolghan bir qapqan bar.
يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار، يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار.
11 Uni her tereptin wehimiler bésip qorqitiwatidu, Hem ular uni iz qoghlap qoghlawatidu.
ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقىتىۋاتىدۇ، ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ.
12 Maghdurini acharchiliq yep tügetti; Palaket uning yénida paylap yüridu.
ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛ پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ.
13 Ölümning chong balisi uning térisini yewatidu; Uning ezalirini shoraydu.
ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ.
14 U öz chédiridiki amanliqtin yulup tashlinidu, [Ölümning tunjisi] uni «wehimilerning padishahi»ning aldigha yalap apiridu.
ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، [ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى] ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ.
15 Öyidikiler emes, belki bashqilar uning chédirida turidu; Turalghusining üstige günggürt yaghdurulidu.
ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛ تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ.
16 Uning yiltizi tégidin qurutulidu; Üstidiki shaxliri késilidu.
ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ.
17 Uning eslimisimu yer yüzidikilerning ésidin kötürülüp kétidu, Sirtlarda uning nam-abruyi qalmaydu.
ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، سىرتلاردا ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى قالمايدۇ.
18 U yoruqluqtin qarangghuluqqa qoghliwétilgen bolup, Bu dunyadin heydiwétilidu.
ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ.
19 El-yurtta héchqandaq perzentliri yaki ewladliri qalmaydu, U musapir bolup turghan yerlerdimu nesli qalmaydu.
ئەل-يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ، ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ.
20 Uningdin kéyinkiler uning künige qarap alaqzade bolidu, Xuddi aldinqilarmu chöchüp ketkendek.
ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك.
21 Mana, qebih ademning makanliri shübhisiz shundaq, Tengrini tonumaydighan kishiningmu orni choqum shundaqtur.
مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر.

< Ayup 18 >