< Yeremiya 38 >

1 Mattanning oghli Sefatiya, Pashxurning oghli Gedaliya, Shemeliyaning oghli Jukal we Malkiyaning oghli Pashxurlar bolsa Yeremiyaning xelqqe: —
ماتتاننىڭ ئوغلى سەفاتىيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گەدالىيا، شەمەلىيانىڭ ئوغلى جۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرلار بولسا يەرەمىيانىڭ خەلققە: ــ
2 «Perwerdigar mundaq deydu: — Bu sheherde qélip qalghan ademler bolsa qilich, qehetchilik we waba bilen ölidu; lékin kimki chiqip Kaldiylerge teslim bolsa hayat qalidu; jéni özige oljidek qalidu; u hayat qalidu.
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان ئادەملەر بولسا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىمكى چىقىپ كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا ھايات قالىدۇ؛ جېنى ئۆزىگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ ئۇ ھايات قالىدۇ.
3 Perwerdigar mundaq deydu: — Bu sheher choqum Babil padishahining qoshunining qoligha tapshurulidu, u uni ishghal qilidu» — dewatqan sözlirini anglidi.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ» ــ دەۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.
4 Emirler padishahqa: «Silidin ötünimiz, bu adem ölümge mehkum qilinsun; chünki némishqa uning bu sheherde qélip qalghan jenggiwar leshkerlerning qollirini we xelqning qollirini ajiz qilishigha yol qoyulsun? Chünki bu adem xelqning menpeetini emes, belki ziyinini izdeydu» — dédi.
ئەمىرلەر پادىشاھقا: «سىلىدىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ چۈنكى نېمىشقا ئۇنىڭ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان جەڭگىۋار لەشكەرلەرنىڭ قوللىرىنى ۋە خەلقنىڭ قوللىرىنى ئاجىز قىلىشىغا يول قويۇلسۇن؟ چۈنكى بۇ ئادەم خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى زىيىنىنى ئىزدەيدۇ» ــ دېدى.
5 Zedekiya padishah: «Mana, u silerning qolliringlargha tapshuruldi; silerning yolunglarni tosqudek men padishah qanchilik bir adem idim?» — dédi.
زەدەكىيا پادىشاھ: «مانا، ئۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلدى؛ سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى توسقۇدەك مەن پادىشاھ قانچىلىك بىر ئادەم ئىدىم؟» ــ دېدى.
6 Shuning bilen ular Yeremiyani tutup qarawullarning hoylisidiki shahzade Malkiyaning su azgiligha tashliwetti; ular Yeremiyani arghamchilar bilen uninggha chüsherdi; azgalda bolsa su bolmay, peqet patqaqla bar idi; Yeremiya patqaqqa pétip ketti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدىكى شاھزادە مالكىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇلار يەرەمىيانى ئارغامچىلار بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەردى؛ ئازگالدا بولسا سۇ بولماي، پەقەت پاتقاقلا بار ئىدى؛ يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ كەتتى.
7 Emma padishahning ordisidiki bir aghwat Éfiopiyelik Ebed-Melek Yeremiyaning su azgiligha qamap qoyulghanliqini anglidi (shu chaghda padishah bolsa «Binyamin derwazisi»da olturatti).
ئەمما پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى بىر ئاغۋات ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى (شۇ چاغدا پادىشاھ بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دا ئولتۇراتتى).
8 Ebed-Melek ordidin chiqip padishahning yénigha bérip uninggha:
ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:
9 «I padishahi’alem, bu ademlerning Yeremiya peyghemberge barliq qilghini, uni su azgiligha tashliwetkini intayin esebiy rezilliktur; u ashu yerde qehetchiliktin ölüp qalidu; chünki sheherde ozuq-tülük qalmidi» — dédi.
«ئى پادىشاھىئالەم، بۇ ئادەملەرنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە بارلىق قىلغىنى، ئۇنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتكىنى ئىنتايىن ئەسەبىي رەزىللىكتۇر؛ ئۇ ئاشۇ يەردە قەھەتچىلىكتىن ئۆلۈپ قالىدۇ؛ چۈنكى شەھەردە ئوزۇق-تۈلۈك قالمىدى» ــ دېدى.
10 Padishah Éfiopiyelik Ebed-Melekke buyruq bérip: «Mushu yerdin ottuz ademni özüng bilen élip bérip, Yeremiya peyghemberni ölüp ketmesliki üchün su azgilidin élip chiqarghin» — dédi.
پادىشاھ ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە بۇيرۇق بېرىپ: «مۇشۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۇ ئازگىلىدىن ئېلىپ چىقارغىن» ــ دېدى.
11 Shuning bilen Ebed-Melek ademlerni élip ulargha yétekchilik qilip, padishahning ordisidiki xezinining astidiki öyge kirip shu yerdin lata-puta we jul-jul kiyimlerni élip, shularni tanilar bilen azgalgha, Yeremiyaning yénigha chüshürüp berdi.
شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى ئېلىپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىرىپ شۇ يەردىن لاتا-پۇتا ۋە جۇل-جۇل كىيىملەرنى ئېلىپ، شۇلارنى تانىلار بىلەن ئازگالغا، يەرەمىيانىڭ يېنىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
12 Éfiopiyelik Ebed-Melek Yeremiyagha: — Bu lata-puta we jondaq kiyimlerni qoltuqliring hem tanilar arisigha tiqip qoyghin — dédi. Yeremiya shundaq qildi.
ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا: ــ بۇ لاتا-پۇتا ۋە جونداق كىيىملەرنى قولتۇقلىرىڭ ھەم تانىلار ئارىسىغا تىقىپ قويغىن ــ دېدى. يەرەمىيا شۇنداق قىلدى.
13 Shuning bilen ular Yeremiyani tanilar bilen tartip, su azgilidin chiqardi; Yeremiya yenila qarawullarning hoylisida turdi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تانىلار بىلەن تارتىپ، سۇ ئازگىلىدىن چىقاردى؛ يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.
14 Padishah Zedekiya adem ewetip Yeremiya peyghemberni Perwerdigarning öyidiki üchinchi kirish ishikige, öz yénigha aparghuzdi. Padishah Yeremiyagha: — Men sendin bir ishni sorimaqchimen; uni mendin yoshurmighaysen — dédi.
پادىشاھ زەدەكىيا ئادەم ئەۋەتىپ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچىنچى كىرىش ئىشىكىگە، ئۆز يېنىغا ئاپارغۇزدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: ــ مەن سەندىن بىر ئىشنى سورىماقچىمەن؛ ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن ــ دېدى.
15 Yeremiya Zedekiyagha: «Men uni sanga ayan qilsam, sen méni jezmen ölümge mehkum qilmamsen? Men sanga meslihet bersem, sen anglimaysen!» — dédi.
يەرەمىيا زەدەكىياغا: «مەن ئۇنى ساڭا ئايان قىلسام، سەن مېنى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمامسەن؟ مەن ساڭا مەسلىھەت بەرسەم، سەن ئاڭلىمايسەن!» ــ دېدى.
16 Padishah Zedekiya Yeremiyagha astirtin qesem ichip uninggha: «Bizge jan-tiniq ata qilghan Perwerdigarning hayati bilen qesem ichimenki, men séni ölümge mehkum qilmaymen, yaki séni jéningni izdigüchi kishilerning qoligha tapshurmaymen» — dédi.
پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا ئاستىرتىن قەسەم ئىچىپ ئۇنىڭغا: «بىزگە جان-تىنىق ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، مەن سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، ياكى سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچى كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرمايمەن» ــ دېدى.
17 Yeremiya Zedekiyagha: Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar — Israilning Xudasi mundaq deydu: — Sen ixtiyaren Babil padishahining emirlirining yénigha chiqip teslim bolsang, jéning hayat qalidu we bu sheher otta köydürüwétilmeydu; sen we öydikiliring hayat qalisiler.
يەرەمىيا زەدەكىياغا: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئىختىيارەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ تەسلىم بولساڭ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ ۋە بۇ شەھەر ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلمەيدۇ؛ سەن ۋە ئۆيدىكىلىرىڭ ھايات قالىسىلەر.
18 Lékin sen chiqip Babil padishahining emirlirige teslim bolmisang, bu sheher kaldiylerning qoligha tapshurulidu, ular uninggha ot qoyup köydürüwétidu, sen ularning qolidin qachalmaysen — dédi.
لېكىن سەن چىقىپ بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىگە تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن ــ دېدى.
19 Padishah Zedekiya Yeremiyagha: «Men Kaldiylerge chiqip teslim bolghan Yehudiylardin qorqimen; Kaldiyler belkim méni ularning qoligha tapshurushi, ular méni qiyin-qistaq qilishi mumkin» — dédi.
پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا: «مەن كالدىيلەرگە چىقىپ تەسلىم بولغان يەھۇدىيلاردىن قورقىمەن؛ كالدىيلەر بەلكىم مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى، ئۇلار مېنى قىيىن-قىستاق قىلىشى مۇمكىن» ــ دېدى.
20 Yeremiya mundaq dédi: — Ular séni tapshurmaydu. Sendin ötünimenki, gépimge kirip Perwerdigarning awazigha itaet qilghaysen; shundaq qilsang sanga yaxshi bolidu, jéning hayat qalidu.
يەرەمىيا مۇنداق دېدى: ــ ئۇلار سېنى تاپشۇرمايدۇ. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، گېپىمگە كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغايسەن؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولىدۇ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ.
21 Lékin sen chiqip teslim bolushni ret qilsang, Perwerdigar manga ayan qilghan ish mundaq: —
لېكىن سەن چىقىپ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ئىش مۇنداق: ــ
22 mana, Yehuda padishahining ordisida qalghan barliq qiz-ayallar Babil padishahining emirlirining aldigha élip kétilidu. Shuning bilen bu [qiz-ayallar] sanga [tene qilip]: «Séning jan dostliring séni éziqturdi; ular séning üstüngdin ghelibe qildi; emdi hazir putliring patqaqqa pitip ketkende, ular yüz örüp sanga arqisini qildi!» — deydu.
مانا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق قىز-ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ [قىز-ئاياللار] ساڭا [تەنە قىلىپ]: «سېنىڭ جان دوستلىرىڭ سېنى ئېزىقتۇردى؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلدى؛ ئەمدى ھازىر پۇتلىرىڭ پاتقاققا پىتىپ كەتكەندە، ئۇلار يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئارقىسىنى قىلدى!» ــ دەيدۇ.
23 Séning barliq ayalliring hem baliliring kaldiylerge élip kétilidu. Sen özüng ularning qolidin qachalmaysen; chünki sen Babil padishahining qoli bilen tutuwélinisen, shundaqla sen bu sheherning otta köydürüwétilishige sewebchi bolisen.
سېنىڭ بارلىق ئاياللىرىڭ ھەم بالىلىرىڭ كالدىيلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ. سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ چۈنكى سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن تۇتۇۋېلىنىسەن، شۇنداقلا سەن بۇ شەھەرنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىشىگە سەۋەبچى بولىسەن.
24 Zedekiya Yeremiyagha mundaq dédi: — Sen bu söhbitimizni bashqa héchkimge chandurmighin, shundila sen ölmeysen.
زەدەكىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بۇ سۆھبىتىمىزنى باشقا ھېچكىمگە چاندۇرمىغىن، شۇندىلا سەن ئۆلمەيسەن.
25 Emirler méning sen bilen sözleshkinimni anglap yéninggha kélip sendin: «Séning padishahqa néme dégenliringni, shundaqla uning sanga qandaq sözlerni qilghanliqini bizge éyt; uni bizdin yoshurma; shundaq qilsang biz séni öltürmeymiz» dése,
ئەمىرلەر مېنىڭ سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمنى ئاڭلاپ يېنىڭغا كېلىپ سەندىن: «سېنىڭ پادىشاھقا نېمە دېگەنلىرىڭنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ساڭا قانداق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىزگە ئېيت؛ ئۇنى بىزدىن يوشۇرما؛ شۇنداق قىلساڭ بىز سېنى ئۆلتۈرمەيمىز» دېسە،
26 undaqta sen ulargha: «Men padishahning aldigha: «Méni Yonatanning öyige qaytquzmighaysen, bolmisa, men shu yerde ölimen» — dégen iltijayimni qoyghanmen» — deysen.
ئۇنداقتا سەن ئۇلارغا: «مەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا: «مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتقۇزمىغايسەن، بولمىسا، مەن شۇ يەردە ئۆلىمەن» ــ دېگەن ئىلتىجايىمنى قويغانمەن» ــ دەيسەن.
27 Derweqe emirlerning hemmisi Yeremiyaning yénigha kélip shuni soridi; u ulargha padishah buyrughan bu barliq sözler boyiche jawab berdi. Shuning bilen ular jimip kétip uning yénidin chiqip ketti; chünki bu ish héchkimge chandurulmighanidi.
دەرۋەقە ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنى سورىدى؛ ئۇ ئۇلارغا پادىشاھ بۇيرۇغان بۇ بارلىق سۆزلەر بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىمىپ كېتىپ ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ ئىش ھېچكىمگە چاندۇرۇلمىغانىدى.
28 Shundaq qilip Yérusalém ishghal qilin’ghuche Yeremiya qarawullarning hoylisida turdi.
شۇنداق قىلىپ يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.

< Yeremiya 38 >