< Yeshaya 40 >

1 Xelqimge teselli béringlar, teselli béringlar, depla yüridu Xudayinglar;
خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار، تەسەللى بېرىڭلار، دەپلا يۈرىدۇ خۇدايىڭلار؛
2 Yérusalémning qelbige söz qilip uninggha jakarlanglarki, Uning jebir-japaliq waqti axirlashti, Uning qebihliki kechürüm qilindi; Chünki u Perwerdigarning qolidin barliq gunahlirining ornigha ikki hessilep [méhir-shepqitini] aldi.
يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى، ئۇنىڭ جەبىر-جاپالىق ۋاقتى ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىندى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ [مېھىر-شەپقىتىنى] ئالدى.
3 Anglanglar, dalada birsining towlighan awazini! «Perwerdigarning yolini teyyarlanglar, Chöl-bayawanda Xudayimiz üchün bir yolni kötürüp tüptüz qilinglar!
ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار!
4 Barliq jilghilar kötürülidu, Barliq tagh-döngler pes qilinidu; Egri-toqaylar tüzlinidu, Ongghul-dongghul yerler tekshilinidu.
بارلىق جىلغىلار كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەس قىلىنىدۇ؛ ئەگرى-توقايلار تۈزلىنىدۇ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشىلىنىدۇ.
5 Perwerdigarning shan-sheripi körünidu, We barliq ten igiliri uni teng köridu; Chünki Perwerdigarning Öz aghzi shundaq söz qilghan!».
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدۇ، ۋە بارلىق تەن ئىگىلىرى ئۇنى تەڭ كۆرىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئاغزى شۇنداق سۆز قىلغان!».
6 — Anglanglar, bir awaz «jakarla» deydu; Jakarlighuchi bolsa mundaq sorap: — «Men némini jakarlaymen?» — dédi. [jawab bolsa: —] «Barliq ten igiliri ot-chöptur, xalas; We ularning barliq wapaliqi daladiki gülge oxshash;
ــ ئاڭلاڭلار، بىر ئاۋاز «جاكارلا» دەيدۇ؛ جاكارلىغۇچى بولسا مۇنداق سوراپ: ــ «مەن نېمىنى جاكارلايمەن؟» ــ دېدى. [جاۋاب بولسا: ــ ] «بارلىق تەن ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس؛ ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ۋاپالىقى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛
7 Ot-chöp solishidu, gül xazan bolidu, Chünki Perwerdigarning Rohi üstige püwleydu; Berheq, [barliq] xelqmu ot-chöptur!
ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۈستىگە پۈۋلەيدۇ؛ بەرھەق، [بارلىق] خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر!
8 Ot-chöp solishidu, gül xazan bolidu; Biraq Xudayimizning kalam-sözi menggüge turidu!»
ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!»
9 — I Zion’gha xush xewer élip kelgüchi, yuqiri bir taghqa chiqqin; Yérusalémgha xush xewerni élip kelgüchi, Awazingni küchep kötürgin! Uni kötürgin, qorqmighin! Yehudaning sheherlirige: — «Mana, Xudayinglargha qaranglar» dégin!
ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛ يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچى، ئاۋازىڭنى كۈچەپ كۆتۈرگىن! ئۇنى كۆتۈرگىن، قورقمىغىن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە: ــ «مانا، خۇدايىڭلارغا قاراڭلار» دېگىن!
10 Mana, Reb Perwerdigar küch-qudritide kéliwatidu, Uning biliki Özi üchün hoquq yürgüzidu; Mana, Uning alghan mukapati Özi bilen bille, Uning Özining in’ami Özige hemrah bolidu.
مانا، رەب پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىدە كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى ئۆزى ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ؛ مانا، ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.
11 Qoychidek U Öz padisini baqidu; U qozilarni bilek-qoligha yighidu, ularni quchaqlap mangidu, Émitküchilerni U mulayimliq bilen yétekleydu.
قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛ ئۇ قوزىلارنى بىلەك-قولىغا يىغىدۇ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ، ئېمىتكۈچىلەرنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.
12 Kim derya-okyanlarning sulirini ochumida ölchep belgiligen, Asmanlarni ghérichlap békitken, Jahanning topa-changlirini misqallap salghan, Taghlarni tarazida tarazilap, Dönglerni jingda tartip ornatqan?
كىم دەريا-ئوكيانلارنىڭ سۇلىرىنى ئوچۇمىدا ئۆلچەپ بەلگىلىگەن، ئاسمانلارنى غېرىچلاپ بېكىتكەن، جاھاننىڭ توپا-چاڭلىرىنى مىسقاللاپ سالغان، تاغلارنى تارازىدا تارازىلاپ، دۆڭلەرنى جىڭدا تارتىپ ئورناتقان؟
13 Kim Perwerdigarning Rohigha yolyoruq bergen? Kim Uninggha meslihetchi bolup ögetken?
كىم پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا يوليورۇق بەرگەن؟ كىم ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولۇپ ئۆگەتكەن؟
14 U kim bilen meslihetleshken, Kim Uni eqilliq qilip terbiyeligen? Uninggha höküm-heqiqet chiqirish yolida kim yétekligen, Yaki Uninggha bilim ögetken, Yaki Uninggha yorutulush yolini kim körsetken?
ئۇ كىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، كىم ئۇنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلىگەن؟ ئۇنىڭغا ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقىرىش يولىدا كىم يېتەكلىگەن، ياكى ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەتكەن، ياكى ئۇنىڭغا يورۇتۇلۇش يولىنى كىم كۆرسەتكەن؟
15 Mana, Uning aldida el-yurtlar Uninggha nisbeten chélekte qalghan bir tamcha sudek, Tarazida qalghan topa-changdek hésablinidu; Mana, U arallarni zerriche nersidek qoligha alidu;
مانا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن چېلەكتە قالغان بىر تامچا سۇدەك، تارازىدا قالغان توپا-چاڭدەك ھېسابلىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئاراللارنى زەررىچە نەرسىدەك قولىغا ئالىدۇ؛
16 Pütkül Liwan bolsa [qurban’gah] otigha, Uning haywanliri bolsa bir köydürme qurbanliqqa yetmeydu.
پۈتكۈل لىۋان بولسا [قۇربانگاھ] ئوتىغا، ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ.
17 El-yurtlar uning aldida héchnerse emestur; Uninggha nisbeten ular yoqning ariliqida, Quruq-menisiz dep hésablinidu.
ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەستۇر؛ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇلار يوقنىڭ ئارىلىقىدا، قۇرۇق-مەنىسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ.
18 Emdi siler Tengrini kimge oxshatmaqchisiler? Uni némige oxshitip sélishturisiler?
ئەمدى سىلەر تەڭرىنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ ئۇنى نېمىگە ئوخشىتىپ سېلىشتۇرىسىلەر؟
19 [Bir butqimu?!] Uni hünerwen qélipqa quyup yasaydu; Zerger uninggha altun hel béridu, Uninggha kümüsh zenjirlerni soqup yasaydu.
[بىر بۇتقىمۇ؟!] ئۇنى ھۈنەرۋەن قېلىپقا قۇيۇپ ياسايدۇ؛ زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇن ھەل بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈمۈش زەنجىرلەرنى سوقۇپ ياسايدۇ.
20 Yoqsullarning béghishlighudek undaq hediyiliri bolmisa, chirimeydighan bir derexni tallaydu; U lingship qalmighudek bir butni oyup yasashqa usta bir hünerwen izdep chaqiridu.
يوقسۇللارنىڭ بېغىشلىغۇدەك ئۇنداق ھەدىيىلىرى بولمىسا، چىرىمەيدىغان بىر دەرەخنى تاللايدۇ؛ ئۇ لىڭشىپ قالمىغۇدەك بىر بۇتنى ئويۇپ ياساشقا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەن ئىزدەپ چاقىرىدۇ.
21 Siler bilmemsiler? Siler anglap baqmighanmusiler? Silerge ezeldin éytilmighanmidu? Yer-zémin apiride bolghandin tartip chüshenmeywatamsiler?
سىلەر بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ سىلەرگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغانمىدۇ؟ يەر-زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟
22 U yer-zéminning chembirikining üstide olturidu, Uningda turuwatqanlar uning aldida chaqchiqirlardek turidu; U asmanlarni perdidek tartidu, Ularni xuddi makan qilidighan chédirdek yayidu;
ئۇ يەر-زېمىننىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا چاقچىقىرلاردەك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئاسمانلارنى پەردىدەك تارتىدۇ، ئۇلارنى خۇددى ماكان قىلىدىغان چېدىردەك يايىدۇ؛
23 U emirlerni yoqqa chiqiridu; Jahandiki sotchi-beglerni artuqche qilidu.
ئۇ ئەمىرلەرنى يوققا چىقىرىدۇ؛ جاھاندىكى سوتچى-بەگلەرنى ئارتۇقچە قىلىدۇ.
24 Ular tikildimu? Ular térildimu? Ularning gholi yiltiz tarttimu? — Biraq U üstigila püwlep, ular soliship kétidu, Quyun ularni topandek élip tashlaydu.
ئۇلار تىكىلدىمۇ؟ ئۇلار تېرىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ غولى يىلتىز تارتتىمۇ؟ ــ بىراق ئۇ ئۈستىگىلا پۈۋلەپ، ئۇلار سولىشىپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى توپاندەك ئېلىپ تاشلايدۇ.
25 Emdi Méni kimge oxshatmaqchisiler? Manga kim tengdash bolalisun?» — deydu Muqeddes Bolghuchi.
ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ ماڭا كىم تەڭداش بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ مۇقەددەس بولغۇچى.
26 Közliringlarni yuqirigha kötürüp, qaranglar! Mushu mewjudatlarni kim yaratqandu? Ularni kim türküm-türküm qoshunlar qilip tertiplik epchiqidu? U hemmisini nami bilen bir-birlep chaqiridu; Uning küchining ulughluqi, qudritining zorluqi bilen, Ulardin birimu kem qalmaydu.
كۆزلىرىڭلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، قاراڭلار! مۇشۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ ئۇلارنى كىم تۈركۈم-تۈركۈم قوشۇنلار قىلىپ تەرتىپلىك ئەپچىقىدۇ؟ ئۇ ھەممىسىنى نامى بىلەن بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، قۇدرىتىنىڭ زورلۇقى بىلەن، ئۇلاردىن بىرىمۇ كەم قالمايدۇ.
27 — Némishqa shuni dewérisen, i Yaqup? Némishqa mundaq sözlewérisen, i Israil: — «Méning yolum Perwerdigardin yoshurundur, Xudayim méning dewayimgha éren qilmay ötiwéridu!»?
ــ نېمىشقا شۇنى دەۋېرىسەن، ئى ياقۇپ؟ نېمىشقا مۇنداق سۆزلەۋېرىسەن، ئى ئىسرائىل: ــ «مېنىڭ يولۇم پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇندۇر، خۇدايىم مېنىڭ دەۋايىمغا ئېرەن قىلماي ئۆتىۋېرىدۇ!»؟
28 Siler bilmigenmusiler? Anglap baqmighanmusiler? Perwerdigar — Ebedil’ebedlik Xuda, Jahanning qerilirini Yaratquchidur! U ya halsizlanmaydu, ya charchimaydu; Uning oy-bilimining tégige hergiz yetkili bolmaydu.
سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ پەرۋەردىگار ــ ئەبەدىلئەبەدلىك خۇدا، جاھاننىڭ قەرىلىرىنى ياراتقۇچىدۇر! ئۇ يا ھالسىزلانمايدۇ، يا چارچىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئوي-بىلىمىنىڭ تېگىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ.
29 U halidin ketkenlerge qudret béridu; Maghdursizlargha U berdashliqni hessilep awutidu.
ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ؛ ماغدۇرسىزلارغا ئۇ بەرداشلىقنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتىدۇ.
30 Hetta yigitler halidin kétip charchap ketsimu, Baturlar bolsa putliship yiqilsimu,
ھەتتا يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ چارچاپ كەتسىمۇ، باتۇرلار بولسا پۇتلىشىپ يىقىلسىمۇ،
31 Biraq Perwerdigargha telmürüp kütkenlerning küchi yéngilinidu; Ular bürkütlerdek qanat kérip örleydu; Ular yügürüp, charchimaydu; Yolda méngip, halidin ketmeydu!
بىراق پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ؛ ئۇلار بۈركۈتلەردەك قانات كېرىپ ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار يۈگۈرۈپ، چارچىمايدۇ؛ يولدا مېڭىپ، ھالىدىن كەتمەيدۇ!

< Yeshaya 40 >