< Yeshaya 30 >

1 «Asiy oghullarning ehwaligha way!» — deydu Perwerdigar, — «Ular pilanlarni tüzmekchi, biraq Mendin almaydu; Ular mudapie tosuqini berpa qilidu, Biraq u Méning Rohim emes; Shundaq qilip ular gunahi üstige gunah qoshuwalidu.
«ئاسىي ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ۋاي!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، - «ئۇلار پىلانلارنى تۈزمەكچى، بىراق مەندىن ئالمايدۇ؛ ئۇلار مۇداپىئە توسۇقىنى بەرپا قىلىدۇ، بىراق ئۇ مېنىڭ روھىم ئەمەس؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ قوشۇۋالىدۇ.
2 Ular Mendin héch sorimayla Misirgha yol aldi; Pirewnning qaniti astidin panah izdep, Misirning sayisige ishinip tayinidu yene!
ئۇلار مەندىن ھېچ سورىمايلا مىسىرغا يول ئالدى؛ پىرەۋننىڭ قانىتى ئاستىدىن پاناھ ئىزدەپ، مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىدۇ يەنە!
3 Chünki Pirewnning qaniti bolsa silerni yerge tashlap let qilidu. Misirning sayisige ishinip tayinish silerge bash qétimchiliq bolidu.
چۈنكى پىرەۋننىڭ قانىتى بولسا سىلەرنى يەرگە تاشلاپ لەت قىلىدۇ. مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىش سىلەرگە باش قېتىمچىلىق بولىدۇ.
4 Pirewnning emirliri Zoan shehiride bolsimu, Uning elchiliri Hanes shehirige herdaim kélip tursimu,
پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ،
5 Awam hemmisi özige paydisi bolmaydighan, Héch yardimi we paydisi tegmeydighan, Belki let qilip yerge tashlaydighan, Hetta reswa qilidighan bir xelqtin nomus qilidighan bolidu.
ئاۋام ھەممىسى ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان، ھېچ ياردىمى ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان، بەلكى لەت قىلىپ يەرگە تاشلايدىغان، ھەتتا رەسۋا قىلىدىغان بىر خەلقتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ.
6 Negewdiki ulaghlar toghrisida yüklen’gen wehiy: — Ular japaliq, derd-elemlik zémindin ötidu; Shu yerdin chishi shirlar we erkek shirlar, Char yilan we wehshiy uchar yilanmu chiqidu; Ular bayliqlirini ésheklerning dümbisige, Göherlirini töge lokkilirigha yüklep, Özlirige héch payda yetküzmeydighan bir xelqning yénigha kötürüp baridu.
نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ شۇ يەردىن چىشى شىرلار ۋە ئەركەك شىرلار، چار يىلان ۋە ۋەھشىي ئۇچار يىلانمۇ چىقىدۇ؛ ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە، گۆھەرلىرىنى تۆگە لوككىلىرىغا يۈكلەپ، ئۆزلىرىگە ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدىغان بىر خەلقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ.
7 Misir!? Ularning yardimi bikar hem quruqtur! Shunga Men uni: «Héchnémini qilip bermeydighan Rahab» dep atighanmen.
مىسىر!؟ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىكار ھەم قۇرۇقتۇر! شۇڭا مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن.
8 — Emdi bu sözning kelgüsi zamanlar üchün, Guwahliq süpitide ebedil’ebedge turuwérishi üchün, Hazir bérip buni hem tash taxtigha hem yögime kitabqa yézip qoyghin.
ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن، گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن، ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن.
9 Chünki bular bolsa asiy bir xelq, Naehli oghullar, Perwerdigarning Tewrat-terbiyisini anglashni xalimaydighan oghullardur.
چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، نائەھلى ئوغۇللار، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر.
10 Ular aldin körgüchilerge: — «Wehiyni körmenglar!», We peyghemberlerge: «Bizge toghra bésharetlerni körsetmenglar; Bizge ademni azade qilidighan, yalghan bésharetlerni körsitinglar;
ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: ــ «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛
11 Senler [durus] yoldin chiqish, Toghra teriqidin ayrilish! Israildiki Muqeddes Bolghuchini aldimizdin yoq qilish!» — deydu.
سەنلەر [دۇرۇس] يولدىن چىقىش، [توغرا] تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ دەيدۇ.
12 — Emdi Israildiki Muqeddes Bolghuchi mundaq deydu: — «Chünki siler mushu xewerni chetke qéqip, Zulumni yölenchük qilip, burmilan’ghan yolgha tayan’ghininglar tüpeylidin,
ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن،
13 Shunga mushu qebihlik silerge égiz tamning bir yériqidek bolidu, Tam pultiyip qalghanda, u biraqla uni chéqiwétidu;
شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛
14 Xuddi sapal chine héch ayimay chéqiwétilgendek U uni chéqiwétidu; Uningdin hetta ochaqtin chogh alghudek, Baktin su usqudek birer parchisimu qalmaydu».
خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھەتتا ئوچاقتىن چوغ ئالغۇدەك، باكتىن سۇ ئۇسقۇدەك بىرەر پارچىسىمۇ قالمايدۇ».
15 Shunga Reb Perwerdigar, Israildiki Muqeddes Bolghuchi mundaq deydu: — «Yénimgha towa bilen qaytip kélip aram tapisiler, qutquzulisiler; Xatirjemlikte hem aman-ésenlikte küch alisiler!», — Biraq siler ret qilghansiler.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»، ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر.
16 Siler: — «Yaq, biz atlargha minip qachimiz» — dédinglar, Shunga siler rast qachisiler! We «Biz chapqur ulaghlargha minip kétimiz» — dédinglar; — Shunga silerni qoghlighuchilarmu chapqur bolidu.
سىلەر: ــ «ياق، بىز ئاتلارغا مىنىپ قاچىمىز» ــ دېدىڭلار، شۇڭا سىلەر راست قاچىسىلەر! ۋە «بىز چاپقۇر ئۇلاغلارغا مىنىپ كېتىمىز» ــ دېدىڭلار؛ ــ شۇڭا سىلەرنى قوغلىغۇچىلارمۇ چاپقۇر بولىدۇ.
17 Minginglar birining wehimisidin qachisiler; Beshining wehimiside [hemminglar] qachisiler; Qéchip, tagh üstidiki yégane bayraq xadisidek, Döng üstidiki tughdek qalisiler.
مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە [ھەممىڭلار] قاچىسىلەر؛ قېچىپ، تاغ ئۈستىدىكى يېگانە بايراق خادىسىدەك، دۆڭ ئۈستىدىكى تۇغدەك قالىسىلەر.
18 We shunga silerge méhir-shepqet körsitimen dep, Perwerdigar kütidu; Shunga U silerge rehim qilimen dep ornidin qozghilidu; Chünki Perwerdigar höküm-heqiqet chiqarghuchi Xudadur; Uni kütkenlerning hemmisi bextliktur!
ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!
19 Chünki xalayiq yenila Zionda, yeni Yérusalémda turidu; Shu chaghda siler yene héch yighlimaysiler; Kötürgen nalengde U Özini sanga intayin shepqetlik körsitidu; U nalengni anglisila, jawab béridu.
چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ.
20 Reb silerge nan üchün müshküllükni, Su üchün azab-oqubetni bersimu, Shu chaghda séning Ustazing yene yoshuruniwermeydu, Belki közüng Ustazingni köridu;
رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى، سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ، شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ، بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛
21 Siler ong terepke burulsanglar, Yaki sol terepke burulsanglar, Quliqing keyningdin: — «Yol mana mushu, uningda ménginglar!» dégen bir awazni anglaysen.
سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: ــ «يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن.
22 Shu chaghda siler oyulghan mebudliringlargha bérilgen kümüsh helge, Quyma mebudliringlargha bérilgen altun helgimu dagh tegküzisiler; Siler ularni adet latisini tashlighandek tashliwétip: — «Néri tur» — deysiler.
شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر.
23 U sen tériydighan uruqung üchün yamghur ewetidu; Yerdin chiqidighan ashliq-mehsulat hem küch-quwwetlik hem mol bolidu; Shu küni malliring keng-azade yaylaqlarda yaylaydu;
ئۇ سەن تېرىيدىغان ئۇرۇقۇڭ ئۈچۈن يامغۇر ئەۋەتىدۇ؛ يەردىن چىقىدىغان ئاشلىق-مەھسۇلات ھەم كۈچ-قۇۋۋەتلىك ھەم مول بولىدۇ؛ شۇ كۈنى ماللىرىڭ كەڭ-ئازادە يايلاقلاردا يايلايدۇ؛
24 Yer heydigen kala we éshekler bolsa, Gürjek we ara bilen sorughan, tuzlan’ghan helep yeydu.
يەر ھەيدىگەن كالا ۋە ئېشەكلەر بولسا، گۈرجەك ۋە ئارا بىلەن سورۇغان، تۇزلانغان ھەلەپ يەيدۇ.
25 Chong qirghinchiliq bolghan küni, Yeni munarlar örülgen küni, Herbir ulugh taghda we herbir égiz döngde bolsa, Enharlar we ériqlar bolidu.
چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى، ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا، ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ.
26 Perwerdigar Öz xelqining jarahitini tangidighan, Ularning qamcha yarisini saqaytqan shu künide, Ay sholisi quyash nuridek bolidu, Quyash nuri bolsa yette hesse küchlük bolidu, Yeni yette kündiki nurgha barawer bolidu.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان، ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە، ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ، قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ.
27 Mana, Perwerdigarning nami yiraqtin kélidu, Uning qehri yalqunlinip, Qoyuq is-tütekliri kötürülidu; Lewliri ghezepke tolup, Tili yutuwalghuchi yan’ghin ottek bolidu.
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ قەھرى يالقۇنلىنىپ، قويۇق ئىس-تۈتەكلىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ لەۋلىرى غەزەپكە تولۇپ، تىلى يۇتۇۋالغۇچى يانغىن ئوتتەك بولىدۇ.
28 Uning nepesi xuddi téship boyun’gha yétidighan kelkündek bolidu, Shuning bilen U ellerni bimenilikni yoqatquchi ghelwir bilen tasqaydu, Shundaqla xelq-milletlerning aghzigha ularni azduridighan yügen salidu.
ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرنى بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر بىلەن تاسقايدۇ، شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ.
29 Muqeddes bir héyt ötküzülgen kéchidikidek, könglünglardin naxsha urghup chiqidu, Israilgha uyultash bolghan Perwerdigarning téghigha ney nawasi bilen chiqqan birsining xushalliqidek, könglünglar xushal bolidu.
مۇقەددەس بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلگەن كېچىدىكىدەك، كۆڭلۈڭلاردىن ناخشا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئىسرائىلغا ئۇيۇلتاش بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا نەي ناۋاسى بىلەن چىققان بىرسىنىڭ خۇشاللىقىدەك، كۆڭلۈڭلار خۇشال بولىدۇ.
30 Perwerdigar heywetlik awazini yangritidu; U qaynighan qehri, yutuwalghuchi yalqunluq ot, güldürmamiliq yamghur, boran-shawqun, möldürler bilen Öz bilikini sozup körsitidu.
پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ؛ ئۇ قاينىغان قەھرى، يۇتۇۋالغۇچى يالقۇنلۇق ئوت، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران-شاۋقۇن، مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆز بىلىكىنى سوزۇپ كۆرسىتىدۇ.
31 Chünki Perwerdigarning awazi bilen Asuriye yanjilidu, — Bashqilarni urush tayiqi [bolghan Asuriye] yanjilidu!
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى [بولغان ئاسۇرىيە] يانجىلىدۇ!
32 We Perwerdigar teyyarlighan kaltek bilen her qétim uni urghanda, Buninggha daplar hem chiltarlar tengkesh qilinidu; U qolini oynitip zerb qilip uning bilen küresh qilidu.
ۋە پەرۋەردىگار تەييارلىغان كالتەك بىلەن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا، بۇنىڭغا داپلار ھەم چىلتارلار تەڭكەش قىلىنىدۇ؛ ئۇ قولىنى ئوينىتىپ زەرب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدۇ.
33 Chünki Tofet qedimdin tartip teyyar turghanidi; Berheq, padishah üchün teyyarlan’ghan; [Perwerdigar] uni chongqur hem keng qilghan; Otunliri köp yalqunluq bir gülxan bar, Perwerdigarning nepesi bolsa günggürt éqimidek uni tutashturidu.
چۈنكى توفەت قەدىمدىن تارتىپ تەييار تۇرغانىدى؛ بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان، [پەرۋەردىگار] ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان؛ ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار، پەرۋەردىگارنىڭ نەپەسى بولسا گۈڭگۈرت ئېقىمىدەك ئۇنى تۇتاشتۇرىدۇ.

< Yeshaya 30 >