< Hoshiya 12 >

1 Efraimning yégini shamaldur, U sherq shamilini qoghlap yüridu; U künlep yalghanchiliq, zulum-zorluqni köpeytmekte; Ular Asuriye bilen ehde tüzidu, Shuningdek Misirgha may «soghiliri» kötürüp apirilidu.
ئەفرائىم مېنى يالغان گەپلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى. ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇ كۈنلەپ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زورلۇقنى كۆپەيتمەكتە؛ ئۇلار ئاسۇرىيە بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ.
2 Perwerdigarning Yehuda bilenmu bir dewasi bar; U Yaqupni yolliri boyiche jazalaydu; Uning qilmishlirini öz üstige qayturidu.
پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ بىر دەۋاسى بار؛ ئۇ ياقۇپنى يوللىرى بويىچە جازالايدۇ؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە قايتۇرىدۇ.
3 U baliyatquda turup akisini tapinidin tutuwalghan, Öz küchi bilen Xuda bilen élishqan;
ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان، ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن ئېلىشقان؛
4 U berheq Perishte bilen éliship, ghelibe qildi; U yighlidi, Uninggha dua-tilawet qildi; [Xuda] uni Beyt-Elde tépiwaldi, We shu yerde bizge söz qildi;
ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ [خۇدا] ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى؛
5 — Yeni Perwerdigar, samawi qoshunlarning Serdari bolghan Xuda, — «Perwerdigar» bolsa Uning xatire namidur!
ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر!
6 Shunga sen, Xudaying arqiliq, Uning yénigha qayt; Méhribanliq we adaletni qolungdin berme, Xudayinggha ümid baghlap, Uni izchil kütkin.
شۇڭا سەن، خۇدايىڭ ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېنىغا قايت؛ مېھرىبانلىق ۋە ئادالەتنى قولۇڭدىن بەرمە، خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى ئىزچىل كۈتكىن.
7 Mana bu sodiger! Uning qolida aldamchiliq tarazisi bar; U bozek qilishqa amraqtur.
مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛ ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر.
8 Efraim: «Men derweqe béyidim, Özümge köp bayliqlarni toplidim; Biraq ular barliq ejirlirimde mendin héch gunahiy qebihlikni tapalmaydu!» — deydu.
ئەفرائىم: «مەن دەرۋەقە بېيىدىم، ئۆزۈمگە كۆپ بايلىقلارنى توپلىدىم؛ بىراق ئۇلار بارلىق ئەجىرلىرىمدە مەندىن ھېچ گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ!» ــ دەيدۇ.
9 Biraq Misir zéminidin tartip Men Perwerdigar séning Xudaying bolghanmen, Men séni yene «[kepiler] héyti»dikidek chédirlarda turghuzimen!
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «[كەپىلەر] ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن!
10 «Men peyghemberlerge söz qilghanmen, Alamet körünüshlerni köpeytkenmen, Shundaqla peyghemberler arqiliq temsillerni körsetkenmen.
«مەن پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغانمەن، ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆپەيتكەنمەن، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەرنى كۆرسەتكەنمەن.
11 Giléad qebihmu? Ular berheq peqet yarimaslardur! Ular Gilgalda torpaqlarni qurbanliq qilidu; Ularning qurban’gahliri derweqe étiz qirliridiki tash döwiliridek köptur!
گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر! ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر!
12 (Yaqup Suriyege qéchip ketti, Shu yerde Israil xotun élish üchün ishligen; Berheq, xotun élish üchün u qoylarni baqqanidi).
(ياقۇپ سۇرىيەگە قېچىپ كەتتى، شۇ يەردە ئىسرائىل خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن؛ بەرھەق، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇ قويلارنى باققانىدى).
13 Perwerdigar yene peyghember arqiliq Israilni Misirdin chiqirip qutquzghan, Peyghember arqiliq uningdin xewermu alghan.
پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان.
14 Efraim [Xudaning] qehrini intayin qattiq qozghighan; Uning Rebbi u tökken qan qerzni uning gedinige artidu, Shermendilik-ahanetini öz béshigha qayturidu.
ئەفرائىم [خۇدانىڭ] قەھرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوزغىغان؛ ئۇنىڭ رەببى ئۇ تۆككەن قان قەرزنى ئۇنىڭ گەدىنىگە ئارتىدۇ، شەرمەندىلىك-ئاھانەتىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ.

< Hoshiya 12 >