< Yaritilish 49 >

1 Andin Yaqup oghullirini chaqirip ulargha mundaq dédi: — [Hemminglar] jem bolunglar, men silerge kéyinki künlerde siler yoluqidighan ishlarni éytip bérey: —
ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [ھەممىڭلار] جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ
2 Yighilip kélip anglanglar, i Yaqupning oghulliri; Atanglar Israilgha qulaq sélinglar.
يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛ ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار.
3 Ey Ruben, sen méning tunji oghlumsen, Küch-qudritimsen, Küchüm bar waqtimning tunji méwisidursen, Salapet we qudrette aldi iding,
ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، كۈچ-قۇدرىتىمسەن، كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ،
4 Lékin qaynap téship chüshken sudek, Emdi aldi bolalmassen; Chünki sen atangning körpisige chiqting, Shuning bilen sen uni bulghiding! U méning körpemning üstige chiqti!
لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك، ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛ سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ! ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى!
5 Shiméon bilen Lawiy qérindashlardur; Ularning qilichliri zorawanliqning qoralliridur!
شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر!
6 Ah jénim, ularning meslihitige kirmigin! I izzitim, ularning jamaiti bilen chétilip qalmighay! Chünki ular achchiqida ademlerni öltürüp, Öz béshimchiliq qilip buqilarning péyini kesti.
ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن! ئى ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ جامائىتى بىلەن چېتىلىپ قالمىغاي! چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇقىلارنىڭ پېيىنى كەستى.
7 Ularning achchiqi esheddiy bolghachqa lenetke qalsun! Ghezipimu rehimsiz bolghachqa lenetke qalsun! Men ularni Yaqupning ichide tarqitiwétimen, Israilning ichide ularni chéchiwétimen.
ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن، ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن.
8 Ey Yehuda! Séni bolsa qérindashliring teripler, Qolung düshmenliringning gejgisini basar. Atangning oghulliri sanga bash urar,
ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر، قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىنى باسار. ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئۇرار،
9 Yehuda yash bir shirdur; Ey oghlum, sen owni tutupla chiqting; U shirdek [owning yénida] chöküp sozulup yatsa, Yaki chishi shirdek yétiwalsa, Kimmu uni qozghashqa pétinar?
يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛ ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛ ئۇ شىردەك [ئوۋنىڭ يېنىدا] چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا، كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟
10 Shahane hasa Yehudadin kétip qalmaydu, Yehudaning pushtidin qanun chiqarghuchi öksümeydu, Taki shu hoquq Igisi kelgüche kütidu; Kelgende, jahan xelqliri uninggha itaet qilidu.
شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.
11 U texiyini üzüm téligha, Éshek balisini sortluq üzüm téligha baghlap qoyar. U libasini sharabta yuyup, Tonini üzüm sherbitide yuyar.
ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا، ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار. ئۇ لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار.
12 Uning közliri sharabtin qizirip kéter, Chishliri süt ichkinidin ap’aq turar.
ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر، چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار.
13 Zebulun déngiz boyini makan qilar, Makani kémilerning panahgahi bolar, Yer-zémini Zidon’ghiche yétip barar.
زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار، ماكانى كېمىلەرنىڭ پاناھگاھى بولار، يەر-زېمىنى زىدونغىچە يېتىپ بارار.
14 Issakar bestlik berdem bir éshektur, U ikki qotan arisida yatqandur;
ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر، ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتقاندۇر؛
15 U aramgahning yaxshi ikenlikige qarap, Zéminning ésilliqini körüp, Yük kötürüshke mürisini égip, Alwan’gha ishleydighan qul bolup qalar.
ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ، زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ، يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ، ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار.
16 Dan Israil qebililiridin biri bolar, Öz xelqige höküm chiqirar.
دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار، ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار.
17 Dan yol üstidiki yilan, Chighir yol üstide turghan zeherlik bir yilandur. U atning tuyiqini chéqip, At min’güchini arqigha mollaq atquzar.
دان يول ئۈستىدىكى يىلان، چىغىر يول ئۈستىدە تۇرغان زەھەرلىك بىر يىلاندۇر. ئۇ ئاتنىڭ تۇيىقىنى چېقىپ، ئات مىنگۈچىنى ئارقىغا موللاق ئاتقۇزار.
18 I Perwerdigar, nijatinggha telmürüp kütüp keldim!
ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم!
19 Gadqa bolsa, qaraqchilar qoshuni hujum qilar; Lékin u tapinini bésip zerbe bérer.
گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛ لېكىن ئۇ تاپىنىنى بېسىپ زەربە بېرەر.
20 Ashirning tamiqida zeytun méyi mol bolar, U shahlar üchün nazu-németlerni teminler.
ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار، ئۇ شاھلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەتلەرنى تەمىنلەر.
21 Naftalidin chirayliq gepler chiqar, U erkin qoyuwétilgen maraldur.
نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار، ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر.
22 Yüsüp méwilik derexning shéxidur, Bulaqning yénidiki köp méwilik shaxtektur; Uning shaxchiliri tamdin halqip ketkendur.
يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر، بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كۆپ مېۋىلىك شاختەكتۇر؛ ئۇنىڭ شاخچىلىرى تامدىن ھالقىپ كەتكەندۇر.
23 Ya atquchilar uninggha azar qilip, Uninggha oq atti, uninggha nepretlendi.
يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوق ئاتتى، ئۇنىڭغا نەپرەتلەندى.
24 Halbuki, uning oqyayi mezmut turar, Qol-bilekliri eplik turghuzular, Shu [küch] Yaquptiki qudret Igisining qolliridindur — (Israilning Qoram Téshi, yeni uning Padichisi Uningdin chiqar!)
ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار، قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار، شۇ [كۈچ] ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ (ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!)
25 [Ashu küch] atangning Tengrisidindur — (U sanga medet bérer!) [Yeni] Hemmige Qadirdindur — U séni beriketler! Yuqirida asmanning beriketliri bilen, Töwende yatqan chongqur sularning beriketliri bilen, Emchek bilen baliyatquning berikiti bilen séni beriketler!
[ئاشۇ كۈچ] ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!) [يەنى] ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر! يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر!
26 Séning atangning tiligen beriketliri ata-bowilirimning tiligen beriketliridin ziyade boldi, Ular menggülük tagh-édirlarning chetlirigiche yéter, Ular Yüsüpning béshigha chüsher, Yeni öz qérindashliridin ayrim turghuchining choqqisigha téger.
سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر، ئۇلار يۈسۈپنىڭ بېشىغا چۈشەر، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر.
27 Binyamin yirtquch böridektur; Etigende u owni yer. Kechqurun u oljisini teqsim qilar» — dédi.
بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛ ئەتىگەندە ئۇ ئوۋنى يەر، كەچقۇرۇن ئۇ ئولجىسىنى تەقسىم قىلار» ــ دېدى.
28 Bularning hemmisi Israilning on ikki qebilisi bolup, mezkur sözler bolsa atisining ulargha tiligen bext-beriket sözliridur. U shuning bilen ularning herbirige mas kélidighan bir beriket bilen ulargha bext-beriket tilidi.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى.
29 Andin Yaqup ulargha mundaq tapilidi: — «Men emdi öz qowmimning qéshigha qoshulimen. Siler méni ata-bowilirimning yénida, hittiylardin bolghan Efronning étizliqidiki ghargha depne qilinglar;
ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛
30 u ghar bolsa Qanaan zéminida Mamrening udulida, Makpélahning étizliqida. Gharni Ibrahim göristan bolsun dep shu étizliq bilen qoshup hittiy Efrondin sétiwalghanidi.
ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى.
31 Shu yerde Ibrahim ayali Sarah bilen depne qilin’ghan; shu yerde Ishaq ayali Riwkah bilenmu depne qilin’ghan; shu yerde menmu Léyahni depne qildim.
شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم.
32 Bu étizliq hem ichidiki ghar Hetning ewladliridin sétiwélin’ghanidi».
بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى».
33 Yaqup oghullirigha bu wesiyetni tapilap bolup, putlirini kariwatta tüzlep, nepes toxtap öz qowmigha qoshuldi.
ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاپىلاپ بولۇپ، پۇتلىرىنى كارىۋاتتا تۈزلەپ، نەپەس توختاپ ئۆز قوۋمىغا قوشۇلدى.

< Yaritilish 49 >