< Yaritilish 43 >

1 Acharchiliq zéminni intayin éghir basqanidi.
ئاچارچىلىق زېمىننى ئىنتايىن ئېغىر باسقانىدى.
2 Bu sewebtin ular Misirdin élip kelgen ashliqni yep tügetkende, atisi ulargha: — Yene bérip bizge azghina ashliq élip kélinglar, — dédi.
بۇ سەۋەبتىن ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقنى يەپ تۈگەتكەندە، ئاتىسى ئۇلارغا: ــ يەنە بېرىپ بىزگە ئازغىنا ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.
3 Lékin Yehuda uninggha jawaben: — Héliqi kishi bizni qattiq agahlandurup: «Ininglar siler bilen bille kelmise, yüzümni körimen dep xiyal qilmanglar» dégen.
لېكىن يەھۇدا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھېلىقى كىشى بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن.
4 Eger inimizni biz bilen bille ewetseng, biz bérip sanga ashliq élip kélimiz.
ئەگەر ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسەڭ، بىز بېرىپ ساڭا ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز.
5 Emma ewetishke unimisang, biz barmaymiz; chünki héliqi kishi bizge: «Ininglar siler bilen bille kelmise, yüzümni körimen dep xiyal qilmanglar» dégen, — dédi.
ئەمما ئەۋەتىشكە ئۇنىمىساڭ، بىز بارمايمىز؛ چۈنكى ھېلىقى كىشى بىزگە: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن، ــ دېدى.
6 Israil ulargha: — Siler némishqa manga shunche yamanliq qilip u kishige: «Yene bir inimizmu bar» dédinglar, — dédi.
ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا ماڭا شۇنچە يامانلىق قىلىپ ئۇ كىشىگە: «يەنە بىر ئىنىمىزمۇ بار» دېدىڭلار، ــ دېدى.
7 Ular jawaben: — U kishi bizning we ailimizning ehwalini sürüshtürüp kochilap: «Atanglar téxi Hayatmu? Yene bir ininglar barmu?» — dep soridi. Biz uning shu soaligha yarisha jawab berduq. Uning bizge: «Ininglarni élip kélinglar» deydighinini nedin bileyli? — dédi.
ئۇلار جاۋابەن: ــ ئۇ كىشى بىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كوچىلاپ: «ئاتاڭلار تېخى ھاياتمۇ؟ يەنە بىر ئىنىڭلار بارمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ شۇ سوئالىغا يارىشا جاۋاب بەردۇق. ئۇنىڭ بىزگە: «ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغىنىنى نەدىن بىلەيلى؟ ــ دېدى.
8 Yehuda atisi Israilgha: — Balini men bilen ewetkin; biz derhal qozghilip yolgha chiqayli; shundaqta biz we sen, bizler hem balilirimiz ölmey, tirik qalimiz.
يەھۇدا ئاتىسى ئىسرائىلغا: ــ بالىنى مەن بىلەن ئەۋەتكىن؛ بىز دەرھال قوزغىلىپ يولغا چىقايلى؛ شۇنداقتا بىز ۋە سەن، بىزلەر ھەم بالىلىرىمىز ئۆلمەي، تىرىك قالىمىز.
9 Men uninggha képil bolimen; sen uning üchün méning méningdin hésab alisen; eger men uni séning qéshinggha aman-ésen yandurup kélip, yüzüngning aldida turghuzmisam, pütkül ömrümde aldingda gunahkar bolay.
مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن؛ سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭدىن ھېساب ئالىسەن؛ ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا ئامان-ئېسەن ياندۇرۇپ كېلىپ، يۈزۈڭنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزمىسام، پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئالدىڭدا گۇناھكار بولاي.
10 Chünki hayal bolmighan bolsaq, bu chaghqiche ikki qétim bérip kélettuq, — dédi.
چۈنكى ھايال بولمىغان بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، ــ دېدى.
11 Ularning atisi Israil ulargha: — Undaq bolsa, mundaq qilinglar: — U kishige qacha-quchanglargha zémindiki eng ésil méwilerdin sowghat alghach béringlar: yene azghina tutiya, azraq hesel, dora-dermanlar, murmekki, piste we badamlarni alghach béringlar.
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ــ ئۇ كىشىگە قاچا-قۇچاڭلارغا زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلەردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار: يەنە ئازغىنا تۇتىيا، ئازراق ھەسەل، دورا-دەرمانلار، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداملارنى ئالغاچ بېرىڭلار.
12 Qolunglarda ikki hesse pul élip, tagharliringlarning aghzidiki özünglargha yandurulghan pulnimu alghach béringlar. Éhtimal, bu ishta sewenlik körülgen bolushi mumkin.
قولۇڭلاردا ئىككى ھەسسە پۇل ئېلىپ، تاغارلىرىڭلارنىڭ ئاغزىدىكى ئۆزۈڭلارغا ياندۇرۇلغان پۇلنىمۇ ئالغاچ بېرىڭلار. ئېھتىمال، بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
13 Ininglarnimu bille élip, qozghilip u kishining yénigha yene béringlar.
ئىنىڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ، قوزغىلىپ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا يەنە بېرىڭلار.
14 Hemmige Qadir Tengri Özi silerni u kishining aldida rehimge érishtürgey. Buning bilen u silerning shu yerdiki qérindishinglarni we Binyaminni qoyup bérip, silerge qoshup qoyarmikin; özüm nawada balilirimdin juda bolsam bolay! — dédi.
ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى.
15 Shuning bilen bu ademler shu sowghatni élip, qollirigha ikki hesse pulni tutup, Binyaminni élip qozghilip, Misirgha bérip Yüsüpning aldida hazir boldi.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر شۇ سوۋغاتنى ئېلىپ، قوللىرىغا ئىككى ھەسسە پۇلنى تۇتۇپ، بىنيامىننى ئېلىپ قوزغىلىپ، مىسىرغا بېرىپ يۈسۈپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى.
16 Yüsüp Binyaminni ular bilen bille körginide, öz öyini bashquridighan ghojidarigha buyrup: — Bu ademlerni öyümge bashlap kirip, mal soyup taam teyyar qilghin; chünki bu kishiler chüshlük ghizani men bilen yeydu, — dédi.
يۈسۈپ بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ ئادەملەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىپ، مال سويۇپ تائام تەييار قىلغىن؛ چۈنكى بۇ كىشىلەر چۈشلۈك غىزانى مەن بىلەن يەيدۇ، ــ دېدى.
17 U kishi Yüsüpning buyrughinidek qilip, ademlerni Yüsüpning öyige bashlap kirdi.
ئۇ كىشى يۈسۈپنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئادەملەرنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى.
18 Ular bolsa Yüsüpning öyige bashlap kélin’ginidin qorqushup: — Aldinqi qétim tagharlirimizgha yandurulghan pulning sewebidin biz uning öyige élip kélinduq; uning meqsiti bizge hujum qilip, üstimizdin bésip qul qilip, ésheklirimizni tartiwélish oxshaydu, — déyishti.
ئۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىنگىنىدىن قورقۇشۇپ: ــ ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا ياندۇرۇلغان پۇلنىڭ سەۋەبىدىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىندۇق؛ ئۇنىڭ مەقسىتى بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈستىمىزدىن بېسىپ قۇل قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىش ئوخشايدۇ، ــ دېيىشتى.
19 Ular Yüsüpning öyini bashquridighan ghojidarning yénigha kélip, öyning ishikining tüwide uninggha: —
ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭغا: ــ
20 Ey xojam, biz heqiqeten eslide mushu yerge ashliq alghili kelgeniduq;
ئەي خوجام، بىز ھەقىقەتەن ئەسلىدە مۇشۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق؛
21 Shundaq boldiki, biz ötengge kélip öz tagharlirimizni achsaq, mana herbirimizning puli, eyni éghirliqi boyiche tagharlirimizning aghzida turuptu; shunga biz buni yandurup qolimizda alghach kelduq.
شۇنداق بولدىكى، بىز ئۆتەڭگە كېلىپ ئۆز تاغارلىرىمىزنى ئاچساق، مانا ھەربىرىمىزنىڭ پۇلى، ئەينى ئېغىرلىقى بويىچە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپتۇ؛ شۇڭا بىز بۇنى ياندۇرۇپ قولىمىزدا ئالغاچ كەلدۇق.
22 Ashliq alghili qolimizda bashqa pulmu élip kelduq; emma tagharlirimizgha pulni kimning sélip qoyghanliqini bilmiduq, — dédi.
ئاشلىق ئالغىلى قولىمىزدا باشقا پۇلمۇ ئېلىپ كەلدۇق؛ ئەمما تاغارلىرىمىزغا پۇلنى كىمنىڭ سېلىپ قويغانلىقىنى بىلمىدۇق، ــ دېدى.
23 U ulargha: — Xatirjem bolunglar, qorqmanglar. Silerning Xudayinglar, atanglarning Xudasi tagharliringlarda silerge bayliq ata qilghan oxshaydu; silerning pulunglarni alliqachan tapshurup aldim, — dédi. Andin u Shiméonni ularning qéshigha élip chiqti.
ئۇ ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بولۇڭلار، قورقماڭلار. سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ خۇداسى تاغارلىرىڭلاردا سىلەرگە بايلىق ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ؛ سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالدىم، ــ دېدى. ئاندىن ئۇ شىمېئوننى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ چىقتى.
24 U kishi ularni Yüsüpning öyige bashlap kirip, ularning putlirini yuyushigha su ekirip bérip, andin ésheklirige yem berdi.
ئۇ كىشى ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشىغا سۇ ئەكىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئېشەكلىرىگە يەم بەردى.
25 Ular Yüsüpning chüshte kélishige ülgürtüp sowghatni teyyarlap qoydi; chünki ular özlirining shu yerde ghiza yeydighinini anglighanidi.
ئۇلار يۈسۈپنىڭ چۈشتە كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ سوۋغاتنى تەييارلاپ قويدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەردە غىزا يەيدىغىنىنى ئاڭلىغانىدى.
26 Yüsüp öyge kelgende ular qolliridiki sowghatni öyge uning aldigha élip kirip, béshini yerge tegküzüp uninggha tezim qildi.
يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئۇلار قوللىرىدىكى سوۋغاتنى ئۆيگە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى.
27 U ulardin hal sorap, andin: — Siler gépini qilghan qéri atanglar salametmu? U hayatmu? — dédi.
ئۇ ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئاندىن: ــ سىلەر گېپىنى قىلغان قېرى ئاتاڭلار سالامەتمۇ؟ ئۇ ھاياتمۇ؟ ــ دېدى.
28 Ular jawab bérip: — Silining qulliri bizning atimiz salamet turuwatidu, u téxi hayattur, — dep uning aldida égilip tezim qildi.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ تېخى ھاياتتۇر، ــ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
29 Yüsüp béshini kötürüp, öz inisi Binyaminni körüp: — Siler manga gépini qilghan kichik ininglar shumu? — dep sorap: — Ey oghlum, Xuda sanga shapaet körsetkey! — dédi.
يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: ــ سىلەر ماڭا گېپىنى قىلغان كىچىك ئىنىڭلار شۇمۇ؟ ــ دەپ سوراپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا شاپائەت كۆرسەتكەي! ــ دېدى.
30 Yüsüpning öz inisigha bolghan séghinish oti qattiq küchiyip, yighliwalghudek xaliy jay izdep, aldirap ichkiriki öyge kirip taza bir yighliwaldi.
يۈسۈپنىڭ ئۆز ئىنىسىغا بولغان سېغىنىش ئوتى قاتتىق كۈچىيىپ، يىغلىۋالغۇدەك خالىي جاي ئىزدەپ، ئالدىراپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ تازا بىر يىغلىۋالدى.
31 Andin yüzini yuyup chiqip, özini bésiwélip: — Taamlarni qoyunglar, — dep buyrudi.
ئاندىن يۈزىنى يۇيۇپ چىقىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ: ــ تائاملارنى قويۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى.
32 Xizmetkarlar Yüsüpke ayrim, ulargha ayrim we Yüsüp bilen bille tamaqqa kelgen misirliqlarghimu ayrim tamaq qoydi; chünki misirliqlar ibraniylar bilen bir dastixanda tamaq yéyishni yirginchlik dep qarap, ular bilen bille tamaq yémeytti.
خىزمەتكارلار يۈسۈپكە ئايرىم، ئۇلارغا ئايرىم ۋە يۈسۈپ بىلەن بىللە تاماققا كەلگەن مىسىرلىقلارغىمۇ ئايرىم تاماق قويدى؛ چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشنى يىرگىنچلىك دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېمەيتتى.
33 Yüsüpning qérindashliri uning udulida, herbiri chong-kichik tertipi boyiche olturghuzuldi; chongi chongluqigha yarisha, kichiki kichiklikige yarisha olturghuzuldi; ular bir-birige qarap heyran qélishti.
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا، ھەربىرى چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزۇلدى؛ چوڭى چوڭلۇقىغا يارىشا، كىچىكى كىچىكلىكىگە يارىشا ئولتۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ ھەيران قېلىشتى.
34 Yüsüp aldidiki dastixandiki tamaqlardin ulargha bölüp berdi. Emma Binyamin’gha bergini bashqilarningkige qarighanda besh hesse köp idi. Ular sharab ichip, uning bilen xush keyp qilishti.
يۈسۈپ ئالدىدىكى داستىخاندىكى تاماقلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەردى. ئەمما بىنيامىنغا بەرگىنى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا بەش ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن خۇش كەيپ قىلىشتى.

< Yaritilish 43 >