< Yaritilish 38 >

1 U waqitlarda shundaq boldiki, Yehuda aka-ukilirining qéshidin kétip, Hirah isimlik Adullamliq bir kishiningkige chüshti.
ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىدىن كېتىپ، ھىراھ ئىسىملىك ئادۇللاملىق بىر كىشىنىڭكىگە چۈشتى.
2 Shu yerde Yehuda Shua isimlik bir Qanaaniyning qizini kördi; u uni xotunluqqa élip qéshigha kirip yatti.
شۇ يەردە يەھۇدا شۇئا ئىسىملىك بىر قانائانىينىڭ قىزىنى كۆردى؛ ئۇ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېشىغا كىرىپ ياتتى.
3 U hamilidar bolup bir oghul tughdi; Yehuda uninggha «Er» dep at qoydi.
ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى؛ يەھۇدا ئۇنىڭغا «ئەر» دەپ ئات قويدى.
4 U yene hamilidar bolup, bir oghul tughdi we uninggha Onan dep at qoydi.
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا ئونان دەپ ئات قويدى.
5 Andin yene hamilidar bolup bir oghul tughdi we uninggha Shelah dep at qoydi. U tughulghanda Yehuda Kézibda idi.
ئاندىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا شەلاھ دەپ ئات قويدى. ئۇ تۇغۇلغاندا يەھۇدا كېزىبدا ئىدى.
6 Yehuda tunji oghli Erge Tamar isimlik bir qizni élip berdi.
يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئەرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى.
7 Lékin Yehudaning tunji oghli Er Perwerdigarning neziride rezil bolghachqa, Perwerdigar uni öltürdi.
لېكىن يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈردى.
8 Bu chaghda Yehuda Onan’gha: — Akangning ayalining qéshigha kirip, uni xotunluqqa élip qérindashliq burchini Ada qilip, akang üchün nesil qaldurghin, dédi.
بۇ چاغدا يەھۇدا ئونانغا: ــ ئاكاڭنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئاكاڭ ئۈچۈن نەسىل قالدۇرغىن، دېدى.
9 Emma Onan bu nesilning özige tewe bolmaydighanliqini bilip, akisigha nesil qaldurmasliq üchün her qétim akisining ayali bilen bille bolghanda meniysini yerge aqturuwétetti.
ئەمما ئونان بۇ نەسىلنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر قېتىم ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا مەنىيسىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى.
10 Uning bu qilmishi Perwerdigarning neziride rezil körün’gechke, unimu öltürüwetti.
ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل كۆرۈنگەچكە، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
11 Yehuda emdi kélini Tamargha: — Oghlum Shelah chong bolghuche atangning öyide tul olturup turghin, dédi. Chünki u ichide: — Bumu akilirigha oxshash ölüp kétermikin, dep qorqti. Shuning bilen Tamar bérip atisining öyide turup qaldi.
يەھۇدا ئەمدى كېلىنى تامارغا: ــ ئوغلۇم شەلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە: ــ بۇمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتەرمىكىن، دەپ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن تامار بېرىپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.
12 Emdi köp künler ötüp, Shuaning qizi, Yehudagha tegken ayal öldi. Yehuda teselli tapqandin kéyin adullamliq dosti Hirah bilen bille özining qoy qirqighuchilirining ehwalini bilishke Timnahqa chiqti.
ئەمدى كۆپ كۈنلەر ئۆتۈپ، شۇئانىڭ قىزى، يەھۇداغا تەگكەن ئايال ئۆلدى. يەھۇدا تەسەللى تاپقاندىن كېيىن ئادۇللاملىق دوستى ھىراھ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ قوي قىرقىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە تىمناھقا چىقتى.
13 Tamargha: — Qéynatang qoylirini qirqighili Timnahqa yol aldi, dégen xewer yetti.
تامارغا: ــ قېينئاتاڭ قويلىرىنى قىرقىغىلى تىمناھقا يول ئالدى، دېگەن خەۋەر يەتتى.
14 Shuning bilen Tamar Shelah chong bolghan bolsimu, men uninggha xotunluqqa élip bérilmidim, dep qarap, tulluq kiyimini séliwétip, chümbel tartip bedinini orap, Timnah yolining üstide Enaimgha kirish éghizigha bérip olturdi.
شۇنىڭ بىلەن تامار شەلاھ چوڭ بولغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمىدىم، دەپ قاراپ، تۇللۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، چۈمبەل تارتىپ بەدىنىنى ئوراپ، تىمناھ يولىنىڭ ئۈستىدە ئەنائىمغا كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ ئولتۇردى.
15 Emdi Yehuda uni yüzi yépiqliq halda körgende: — Bu bir pahishe ayal oxshaydu, dep oylidi.
ئەمدى يەھۇدا ئۇنى يۈزى يېپىقلىق ھالدا كۆرگەندە: ــ بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى.
16 U yoldin burulup uning yénigha bérip, öz kélini ikenlikini bilmey: — Kel, men sen bilen bille bolay, dédi. U jawab bérip: — Men bilen bille bolsang, manga néme bérisen? dep soridi.
ئۇ يولدىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: ــ كەل، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ دەپ سورىدى.
17 U uninggha: — Padamning ichidin bir oghlaqni sanga ewetip bérey, dédi. Ayal: — Sen uni ekélip bergüche, manga renige birer nerse béremsen? dep soriwidi,
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي، دېدى. ئايال: ــ سەن ئۇنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، ماڭا رەنىگە بىرەر نەرسە بېرەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى،
18 U: — Sanga némini renige bérey? — dédi. U: — Öz möhürüng bilen uning shoynisini we qolungdiki hasangni renige bergin, déwidi, u bularni bérip, uning bilen birge boldi. Shuning bilen u uningdin hamilidar bolup qaldi.
ئۇ: ــ ساڭا نېمىنى رەنىگە بېرەي؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۆز مۆھۈرۈڭ بىلەن ئۇنىڭ شوينىسىنى ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى رەنىگە بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى.
19 Andin Tamar ornidin turup mangdi; u perenjini séliwétip, tulluq kiyimini kiyiwaldi.
ئاندىن تامار ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى؛ ئۇ پەرەنجىنى سېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىمىنى كىيىۋالدى.
20 Yehuda: — U xotunning qolidiki renini yandurup kelsun dep adullamliq dostining qoli arqiliq oghlaqni ewetti, emma u uni tapalmidi.
يەھۇدا: ــ ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىكى رەنىنى ياندۇرۇپ كەلسۇن دەپ ئادۇللاملىق دوستىنىڭ قولى ئارقىلىق ئوغلاقنى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ ئۇنى تاپالمىدى.
21 U shu jaydiki ademlerdin: — Enaimdiki yolning boyida olturghan butperes pahishe qéni, dep sorisa, ular: — Bu yerde héchbir butperes pahishe bolghan emes, dep jawab berdi.
ئۇ شۇ جايدىكى ئادەملەردىن: ــ ئەنائىمدىكى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرغان بۇتپەرەس پاھىشە قېنى، دەپ سورىسا، ئۇلار: ــ بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە بولغان ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى.
22 Buning bilen u Yehudaning qéshigha yénip bérip: — Men uni tapalmidim; üning üstige u jaydiki ademlermu: «Bu yerde héchbir butperes pahishe ayal bolghan emes» déyishti, dédi.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ: ــ مەن ئۇنى تاپالمىدىم؛ ئۈنىڭ ئۈستىگە ئۇ جايدىكى ئادەملەرمۇ: «بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە ئايال بولغان ئەمەس» دېيىشتى، دېدى.
23 Yehuda: — Boptu, u nersilerni u élip ketse ketsun; bolmisa, bashqilarning mesxirisige qalimiz. Némila bolmisun, men uninggha oghlaq ewettim, lékin sen u xotunni tapalmiding, dédi.
يەھۇدا: ــ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئېلىپ كەتسە كەتسۇن؛ بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئوغلاق ئەۋەتتىم، لېكىن سەن ئۇ خوتۇننى تاپالمىدىڭ، دېدى.
24 Üch ayche ötkendin kéyin birsi Yehudagha: — Séning kélining Tamar buzuqchiliq qildi, uning üstige zinadin hamilidar bolup qaldi, dégen xewerni yetküzdi. Yehuda jawaben: — Uni élip chiqinglar, köydürüwétilsun! — dédi.
ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى.
25 Lékin u élip chiqilghanda qéynatisigha xewer ewetip: — Bu nersilerning igisi bolghan ademdin hamilidar boldum! Emdi sen körüp baq, bu möhür, shoynisi we hasining kimning ikenlikini étirap qilghin, dédi.
لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىلغاندا قېيناتىسىغا خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم! ئەمدى سەن كۆرۈپ باق، بۇ مۆھۈر، شوينىسى ۋە ھاسىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىن، دېدى.
26 Yehuda bu nersilerni étirap qilip: — U manga nisbeten heqliqtur; derweqe men uni oghlum Shelahqa élip bermidim, dédi. Bu ishtin kéyin Yehuda uninggha yene yéqinchiliq qilmidi.
يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ: ــ ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر؛ دەرۋەقە مەن ئۇنى ئوغلۇم شەلاھقا ئېلىپ بەرمىدىم، دېدى. بۇ ئىشتىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يەنە يېقىنچىلىق قىلمىدى.
27 Uning tughut waqti yéqinlashti, mana qorsiqida qoshkézek bar idi.
ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشتى، مانا قورسىقىدا قوشكېزەك بار ئىدى.
28 U tughqan waqtida balilardin birsi qolini chiqiriwidi, tughut anisi derhal bir qizil yipni élip: «Bu awwal chiqti» dep uning qoligha chigip qoydi.
ئۇ تۇغقان ۋاقتىدا بالىلاردىن بىرسى قولىنى چىقىرىۋىدى، تۇغۇت ئانىسى دەرھال بىر قىزىل يىپنى ئېلىپ: «بۇ ئاۋۋال چىقتى» دەپ ئۇنىڭ قولىغا چىگىپ قويدى.
29 Lékin u qolini yene ichige tiqiwaldi, mana uning inisi chiqti. Shuning bilen tughut anisi: «Sen qandaq qilip bösüp chiqting!» dédi; shuning bilen uninggha «Perez» dégen at qoyuldi.
لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، مانا ئۇنىڭ ئىنىسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «پەرەز» دېگەن ئات قويۇلدى.
30 Andin qoligha qizil yip chigilgen akisi tughuldi. Uning ismi Zerah dep ataldi.
ئاندىن قولىغا قىزىل يىپ چىگىلگەن ئاكىسى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمى زەراھ دەپ ئاتالدى.

< Yaritilish 38 >