< Yaritilish 37 >

1 Yaqup bolsa atisi musapir bolup turghan yerde, yeni Qanaan zéminida olturaqlashti.
ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى.
2 Töwendikiler Yaqup ewladlirining ish-izliridur. Yüsüp yigit bolup on yette yashqa kirgen chaghlirida, akiliri bilen bille qoylarni baqatti; u atisining kichik xotunliri Bilhah we Zilpahning oghulliri bilen bille ishleytti. Yüsüp atisigha ularning nachar qiliqlirini éytip qoyatti.
تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. يۈسۈپ يىگىت بولۇپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن بىللە قويلارنى باقاتتى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى.
3 Yüsüp Israilning qérighan waqtida tapqan balisi bolghachqa, uni bashqa oghulliridin bekrek yaxshi köretti. Shunga u Yüsüpke uzun yenglik ton tiktürüp berdi.
يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئۇنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپكە ئۇزۇن يەڭلىك تون تىكتۈرۈپ بەردى.
4 Emma akiliri atisining uni özliridin yaxshi köridighinini körüp, uninggha öch bolup qalghanidi we uninggha chirayliq gep qilmatti.
ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلماتتى.
5 Uning üstige Yüsüp bir chüsh körgen bolup, uni akilirigha dep bériwidi, ular uninggha téximu öch bolup ketti.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ بىر چۈش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.
6 Yüsüp ulargha mundaq dédi: — Méning körgen shu chüshümni anglap béqinglar.
يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ كۆرگەن شۇ چۈشۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
7 Mana, biz hemmimiz étizlarda ashliqlarni baghlawatqudekmiz. Qarisam méning önchem öre turuptidek; silerning önchenglar bolsa méning önchemning chörisige oliship tezim qilip turghudek! — dédi.
مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى.
8 Akiliri uningdin: — Ejeba, sen bizge padishah bolamsen? Üstimizge hökümranliq qilamsen? — dep soridi. Uning körgen chüshliri we gépidin akiliri uni téximu yaman kördi.
ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى.
9 Kéyin u yene bir chüsh kördi we chüshini akilirigha dep: — Mana, men yene bir chüsh kördüm. Qarisam, quyash bilen ay we on bir yultuz manga tezim qilip turghudek! — dédi.
كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى.
10 U bu chüshni atisi we akilirigha dep berdi. Atisi uninggha tenbih bérip: — Bu körgining zadi qandaq chüsh? Ejeba, men, anang we aka-ukiliring aldinggha bérip, sanga yerge bash urup tezim qilimizmu? — dédi.
ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى.
11 Shuning bilen akiliri uninggha heset qilghili turdi. Emma atisi shu gepni könglige püküp qoydi.
شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
12 Emdi Yüsüpning qérindashliri atisining qoylirini baqqili Shekemge ketkenidi.
ئەمدى يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەنىدى.
13 Israil Yüsüpke: — Akiliring Shekemde pada béqiwatidighu? Kel, men séni ularning qéshigha ewetey, déwidi, Yüsüp: — Mana men, dédi.
ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى.
14 U uninggha: — Emdi bérip akiliring aman-ésenmu-emesmu, qoylar aman-ésenmu-emesmu, manga xewirini élip kelgin, dep uni Hébron jilghisidin yolgha saldi; u Shekemge bardi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى بېرىپ ئاكىلىرىڭ ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، قويلار ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، ماڭا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئۇنى ھېبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى؛ ئۇ شەكەمگە باردى.
15 Shu yerde birsi uning dalada ténep yürginini körüp uningdin: — Néme izdewatisen, dep soridi.
شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى.
16 U: — Men akilirimni izdewatimen. Ularning padilirini qeyerde béqiwatqanliqini éytip bersingiz, dédi.
ئۇ: ــ مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پادىلىرىنى قەيەردە بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، دېدى.
17 U adem jawab bérip: — Ular bu yerdin kétip qaldi, chünki men ularning: «Yürünglar, Dotan’gha barayli» déginini anglidim, dédi. Shuning bilen Yüsüp akilirining arqisidin bérip, ularni Dotandin tapti.
ئۇ ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ: «يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى.
18 Ular uni yiraqtin körüp, u téxi ularning qéshigha kelmeyla, uni öltürüwétishni meslihetleshti.
ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمەيلا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتى.
19 Ular bir-birige: — Mana héliqi chüsh körgüchi kéliwatidu.
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ.
20 Kélinglar, uni öltürüp mushu yerdiki oreklerdin birige tashliwéteyli, andin: — Wehshiy bir haywan uni yep kétiptu, deyli. Shunda, biz uning chüshlirining néme bolidighinini körimiz! — dédi.
كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى.
21 Emma Ruben buni anglap uni ularning qolliridin qutquzmaqchi bolup: — Uni öltürmeyli, dédi.
ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، دېدى.
22 Ruben ulargha yene: — Qan tökmenglar! Belki uni chöldiki mushu orekke tashliwétinglar; lékin uninggha qol tegküzmengler, dédi (emeliyette, u uni ularning qolidin qutquzup, atisining qéshigha qayturuwetmekchi idi).
رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى).
23 Yüsüp akilirining qéshigha yétip kelgende ular uni tutup, uning alahide tonini, yeni kiyiklik uzun yenglik tonini salduruwélip, orekke tashliwetti. Lékin orek quruq bolup, ichide su yoq idi.
يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى.
25 Andin ular tamaq yégili olturdi. Ular béshini kötürüp qariwidi, mana Ismaillarning bir karwini Giléad tereptin kéliwatatti. Tögilirige dora-dermek, tutiya we murmekkiler artilghan bolup, Misir terepke kétiwatatti.
ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى.
26 Yehuda qérindashlirigha: — Bizning bir tughqan qérindishimizni öltürüp, qénini yoshurghinimizning néme paydisi bar?
يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
27 Kélinglar, uni Ismaillargha sétiwéteyli; qandaqla bolmisun u bizning inimiz, bir tughqan qérindishimiz; shunga uninggha qol salmayli, déwidi, qérindashliri buninggha qulaq saldi.
كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى؛ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئىنىمىز، بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قول سالمايلى، دېۋىدى، قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالدى.
28 Midiyanliq Sodigerler shu yerdin ötüp kétiwatqanda, ular Yüsüpni orektin tartip chiqirip, ulargha yigirme kümüsh tenggige sétiwetti. Bular bolsa Yüsüpni Misirgha élip ketti.
مىدىيانلىق سودىگەرلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇلار بولسا يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
29 Ruben orekning yénigha qaytip kélip, Yüsüpning orekte yoqluqini körüp, kiyimlirini yirtip,
رۇبەن ئورەكنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، يۈسۈپنىڭ ئورەكتە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ،
30 inilirining qéshigha bérip: — Bala yoq turidu! Emdi men nege baray?! — dédi.
ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى.
31 Emma ular Yüsüpning tonini élip, bir tékini boghuzlap tonni uning qénigha milep,
ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ توننى ئۇنىڭ قېنىغا مىلەپ،
32 Andin uzun yenglik tonni atisining qéshigha ewetip, uninggha: — Buni biz tépiwalduq; bu oghlungning tonimu-emesmu, özüng körüp baqqin, dédi.
ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى.
33 U uni tonup: — Bu derweqe méning oghlumning toni iken; bir wehshiy haywan uni yep ketken oxshaydu; shübhisizki, Yüsüp titma-titma qiliwétiliptu! — dédi.
ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى.
34 Shuning bilen Yaqup kiyimlirini yirtip, bélige böz baghlap, nurghun künlergiche oghli üchün matem tutti.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.
35 Uning hemme oghul-qizliri yénigha kélip uninggha teselli bersimu, u tesellini qobul qilmay: «Men tehtisaragha chüshüp oghlumning qéshigha barghuche shundaq matem tutimen!» dédi. Yüsüpning atisi shu péti uninggha ah-zar kötürüp matem tutti. (Sheol h7585)
ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى. (Sheol h7585)
36 Emdi midiyaniylar [Yüsüpni] Misirgha élip bérip, Pirewnning bir ghojidari, pasiban béshi Potifargha satti.
ئەمدى مىدىيانىيلار [يۈسۈپنى] مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى.

< Yaritilish 37 >