< Yaritilish 35 >

1 Andin Xuda Yaqupqa: — Sen hazir Beyt-Elge chiqip, shu yerni makan qil, özüng akang Esawdin qéchip mangghiningda sanga körün’gen [Men] Tengrige bir qurban’gah yasighin, — dédi.
ئاندىن خۇدا ياقۇپقا: ــ سەن ھازىر بەيت-ئەلگە چىقىپ، شۇ يەرنى ماكان قىل، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن [مەن] تەڭرىگە بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، ــ دېدى.
2 Shuning bilen Yaqup öyidikiler we özi bilen bille bolghanlarning hemmisige mundaq dédi: — Aranglardiki yat ilah butlirini tashliwétip, özünglarni paklap éginliringlarni yenggüshlenglar.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار.
3 Andin qopup Beyt-Elge chiqimiz. Men shu yerde qiyinchiliqta qalghanda duayimni ijabet qilip, yürgen yolumda méning bilen bille bolup kelgen Tengrige qurban’gah salay, — dédi.
ئاندىن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىمىز. مەن شۇ يەردە قىيىنچىلىقتا قالغاندا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، يۈرگەن يولۇمدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەلگەن تەڭرىگە قۇربانگاھ سالاي، ــ دېدى.
4 Shuning bilen öz qolliridiki hemme yat ilah butlirini, shundaqla qulaqliridiki zirilerni chiqirip Yaqupqa berdi. Yaqup bularni Shekemdiki dub derixining tüwige kömüp qoydi.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز قوللىرىدىكى ھەممە يات ئىلاھ بۇتلىرىنى، شۇنداقلا قۇلاقلىرىدىكى زىرىلەرنى چىقىرىپ ياقۇپقا بەردى. ياقۇپ بۇلارنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.
5 Andin ular seperge atlandi; emma etrapidiki sheherlerni Xudadin bolghan bir wehime basqachqa, ular Yaqupning oghullirini qoghlimidi.
ئاندىن ئۇلار سەپەرگە ئاتلاندى؛ ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى خۇدادىن بولغان بىر ۋەھىمە باسقاچقا، ئۇلار ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنى قوغلىمىدى.
6 Bu teriqide Yaqup we uning bilen bille bolghanlarning hemmisi Qanaan zéminidiki Luz, yeni Beyt-Elge yétip keldi.
بۇ تەرىقىدە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسى قانائان زېمىنىدىكى لۇز، يەنى بەيت-ئەلگە يېتىپ كەلدى.
7 U shu yerde bir qurban’gah yasidi; akisidin qéchip mangghinida shu yerde Xuda uninggha körün’gini üchün bu jayning ismini «El-Beyt-El» dep atidi.
ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياسىدى؛ ئاكىسىدىن قېچىپ ماڭغىنىدا شۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى «ئەل-بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.
8 Riwkahning inik’anisi Deborah bolsa shu yerde alemdin ötti. U Beyt-Elning ayighidiki dub derixining tüwide depne qilindi. Bu sewebtin shu derex «Yigha-Zarning dub derixi» dep ataldi.
رىۋكاھنىڭ ئىنىكئانىسى دەبوراھ بولسا شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بەيت-ئەلنىڭ ئايىغىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە دەپنە قىلىندى. بۇ سەۋەبتىن شۇ دەرەخ «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» دەپ ئاتالدى.
9 Yaqup [shu yol bilen] Padan-Aramdin yénip kelgendin kéyin, Xuda uninggha yene bir qétim körünüp, uninggha bext-beriket ata qildi.
ياقۇپ [شۇ يول بىلەن] پادان-ئارامدىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى.
10 Andin Xuda uninggha: — Séning isming Yaquptur; emma mundin kéyin sen Yaqup atalmay, belki naming Israil bolidu, dep uning ismini Israil qoyup qoydi.
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپتۇر؛ ئەمما مۇندىن كېيىن سەن ياقۇپ ئاتالماي، بەلكى نامىڭ ئىسرائىل بولىدۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل قويۇپ قويدى.
11 Andin Xuda yene uninggha: — Men Özüm Hemmige Qadir Tengridurmen; sen nesillinip, köpeygin; bir el, shundaqla bir türküm eller sendin peyda bolidu; padishahlarmu séning pushtungdin chiqidu.
ئاندىن خۇدا يەنە ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۆزۈم ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇرمەن؛ سەن نەسىللىنىپ، كۆپەيگىن؛ بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ.
12 Men Ibrahim we Ishaqqa bergen zéminni sanga bérimen, shundaqla sendin kéyinki neslinggimu shu zéminni bérimen, — dédi.
مەن ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا بەرگەن زېمىننى ساڭا بېرىمەن، شۇنداقلا سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگىمۇ شۇ زېمىننى بېرىمەن، ــ دېدى.
13 Andin Xuda uning bilen sözleshken jaydin, uning yénidin yuqirigha kötürüldi.
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى.
14 Yaqup Xuda özi bilen sözleshken jayda bir tash tüwrükni tiklep, üstige bir sharab hediyesini tökti we zeytun méyi quyup qoydi.
ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن جايدا بىر تاش تۈۋرۈكنى تىكلەپ، ئۈستىگە بىر شاراب ھەدىيەسىنى تۆكتى ۋە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى.
15 Yaqup Xuda özi bilen sözleshken shu jayning namini «Beyt-El» dep atidi.
ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.
16 Andin ular Beyt-Eldin méngip, Efratqa azghina yol qalghanda, Rahileni tolghaq tutup kétip, qattiq tughut azabida qaldi.
ئاندىن ئۇلار بەيت-ئەلدىن مېڭىپ، ئەفراتقا ئازغىنا يول قالغاندا، راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ كېتىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قالدى.
17 Emma tolghiqi qattiq éghirlashqanda, tughut anisi uninggha: — Qorqmighin, bu qétim yene bir oghlung bolidighan boldi — dédi.
ئەمما تولغىقى قاتتىق ئېغىرلاشقاندا، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن، بۇ قېتىم يەنە بىر ئوغلۇڭ بولىدىغان بولدى ــ دېدى.
18 Shundaq boldiki, Rahile jéni chiqish aldida, axirqi nepisi bilen oghligha «Ben-Oni» dep isim qoydi; emma uning atisi uni «Ben-Yamin» dep atidi.
شۇنداق بولدىكى، راھىلە جېنى چىقىش ئالدىدا، ئاخىرقى نەپىسى بىلەن ئوغلىغا «بەن-ئونى» دەپ ئىسىم قويدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى «بەن-يامىن» دەپ ئاتىدى.
19 Rahile wapat boldi we Beyt-Lehem dep atilidighan Efratning yolining boyigha depne qilindi.
راھىلە ۋاپات بولدى ۋە بەيت-لەھەم دەپ ئاتىلىدىغان ئەفراتنىڭ يولىنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى.
20 Yaqup uning qebrisining üstige bir xatire téshi tiklep qoydi. Bügün’ge qeder «Rahilening Qebre Téshi» shu yerde turmaqta.
ياقۇپ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر «راھىلەنىڭ قەبرە تېشى» شۇ يەردە تۇرماقتا.
21 Andin Israil seperni dawamlashturup Migdal-Édirning u teripide öz chédirini tikti.
ئاندىن ئىسرائىل سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ مىگدال-ئېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۆز چېدىرىنى تىكتى.
22 Israil u zéminda turghan waqtida, Ruben bérip öz atisining kéniziki Bilhah bilen bir orunda yatti; Israil buni anglap qaldi. Yaqupning on ikki oghli bar idi: —
ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزىكى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى؛ ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى: ــ
23 Léyahdin tughulghan oghulliri: — Yaqupning tunji oghli Ruben we Shiméon, Lawiy, Yehuda, Issakar hem Zebulun idi.
لېياھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ۋە شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ھەم زەبۇلۇن ئىدى.
24 Rahiledin tughulghan oghulliri: — Yüsüp we Binyamin idi.
راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ يۈسۈپ ۋە بىنيامىن ئىدى.
25 Rahilening dédiki Bilhahdin tughulghan oghulliri: — Dan we Naftali idi.
راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ دان ۋە نافتالى ئىدى.
26 Léyahning dédiki Zilpahdin tughulghan oghulliri: — Gad bilen Ashir idi. Bular bolsa Yaqupqa Padan-Aramda tughulghan oghulliri idi.
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ گاد بىلەن ئاشىر ئىدى. بۇلار بولسا ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى.
27 Emdi Yaqup atisi Ishaqning qéshigha, Ibrahim we Ishaq Musapir bolup turghan Kiriat-Arba, yeni Hébronning yénidiki Mamrege keldi.
ئەمدى ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننىڭ يېنىدىكى مامرەگە كەلدى.
28 Ishaqning körgen künliri bir yüz seksen yil boldi.
ئىسھاقنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى بىر يۈز سەكسەن يىل بولدى.
29 Ishaq tolimu qérip, künliri toshup, nepestin toxtap wapat boldi we öz qowmining qéshigha bérip qoshuldi. Uning oghulliri Esaw bilen Yaqup uni depne qildi.
ئىسھاق تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى ۋە ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ ئۇنى دەپنە قىلدى.

< Yaritilish 35 >