< Yaritilish 28 >

1 Shuning bilen Ishaq Yaqupni chaqirip, uninggha bext-beriket tilep, uninggha jékilep: — Sen Qanaaniylarning qizliridin xotun alma;
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭغا جېكىلەپ: ــ سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما؛
2 belki qopup, Padan-Aramgha, anangning atisi Bétuelning öyige bérip, u yerdin anangning akisi Labanning qizliridin xotun alghin.
بەلكى قوپۇپ، پادان-ئارامغا، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئەلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالغىن.
3 Hemmige Qadir Tengri séni bext-beriketlep, awutup, sendin köp xelqlerni chiqirip köpeytkey,
ھەممىگە قادىر تەڭرى سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، ئاۋۇتۇپ، سەندىن كۆپ خەلقلەرنى چىقىرىپ كۆپەيتكەي،
4 Shundaqla Ibrahimning bext-berikitini sanga we séning bilen neslingge bergey; shundaq qilip sen hazir Musapir bolup turuwatqan yerni, yeni eslide Xuda Ibrahimgha bergen zéminni igileysen! — dédi.
شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بەرگەي؛ شۇنداق قىلىپ سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرنى، يەنى ئەسلىدە خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلەيسەن! ــ دېدى.
5 Shuning bilen Ishaq Yaqupni yolgha saldi. U Padan-Aramgha, aramiy Bétuelning oghli, Yaqup bilen Esawning anisi Riwkahning akisi Labanning qéshigha qarap mangdi.
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى يولغا سالدى. ئۇ پادان-ئارامغا، ئارامىي بېتۇئەلنىڭ ئوغلى، ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ ئانىسى رىۋكاھنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى.
6 Esaw Ishaqning Yaqupqa bext-beriket tilep, uni Padan-Aramgha shu yerdin xotun élishqa ewetkenlikini, shundaqla uninggha bext-beriket tilep, uninga jékilep: Sen Qanaaniylarning qizliridin xotun almighin, dégenlirini uqup, Yaqupningmu öz ata-anisigha itaet qilip, Padan-Aramgha ketkinini körginide,
ئەساۋ ئىسھاقنىڭ ياقۇپقا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنى پادان-ئارامغا شۇ يەردىن خوتۇن ئېلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭا جېكىلەپ: سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالمىغىن، دېگەنلىرىنى ئۇقۇپ، ياقۇپنىڭمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، پادان-ئارامغا كەتكىنىنى كۆرگىنىدە،
7
8 Esaw: — qanaanylarning qizliri atam Ishaqning neziride yaman körünidiken, dep bilip yetti.
ئەساۋ: ــ قانائانيلارنىڭ قىزلىرى ئاتام ئىسھاقنىڭ نەزىرىدە يامان كۆرۈنىدىكەن، دەپ بىلىپ يەتتى.
9 U Ismailning qéshigha bérip, hazirqi xotunlirining üstige Ibrahimning oghli Ismailning qizi, Nébayotning singlisi Mahalatni xotunluqqa aldi.
ئۇ ئىسمائىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، ھازىرقى خوتۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ماھالاتنى خوتۇنلۇققا ئالدى.
10 Yaqup bolsa Beer-Shébadin chiqip, Haran terepke méngip,
ياقۇپ بولسا بەئەر-شېبادىن چىقىپ، ھاران تەرەپكە مېڭىپ،
11 bir yerge yétip kelgende, kün olturup ketkechke shu yerde qonmaqchi boldi. U shu yerdiki tashlardin birini élip, béshigha yastuq qilip qoyup, uxlighili yatti.
بىر يەرگە يېتىپ كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ كەتكەچكە شۇ يەردە قونماقچى بولدى. ئۇ شۇ يەردىكى تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ، ئۇخلىغىلى ياتتى.
12 U bir chüsh kördi: — Mana, uchi asmanlargha taqishidighan bir pelempey yerde tikleklik turatti; Xudaning perishtiliri uningda chiqip-chüshüp turushatti.
ئۇ بىر چۈش كۆردى: ــ مانا، ئۇچى ئاسمانلارغا تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەي يەردە تىكلەكلىك تۇراتتى؛ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا چىقىپ-چۈشۈپ تۇرۇشاتتى.
13 Mana, Perwerdigar uning üstide turatti. U: — «Men bolsam atang Ibrahimning Xudasi we Ishaqning Xudasi bolghan Perwerdigardurmen; Men sen yatqan bu zéminni séning bilen neslingge bérimen.
مانا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ: ــ «مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئىسھاقنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سەن ياتقان بۇ زېمىننى سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بېرىمەن.
14 Nesling bolsa yerning topisidek köp bolup, sen meghrip bilen meshriqqe, shimal bilen jenubqa yéyilisen; sen we neslingning wasitisi bilen yer yüzidiki barliq aile-qebililer bext-beriket tapidu.
نەسلىڭ بولسا يەرنىڭ توپىسىدەك كۆپ بولۇپ، سەن مەغرىپ بىلەن مەشرىققە، شىمال بىلەن جەنۇبقا يېيىلىسەن؛ سەن ۋە نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەر بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ.
15 Mana, Men sen bilen billidurmen, qeyerge barsang séni aman-ésen saqlap, bu zémin’gha séni qayturup kélimen; chünki sanga éytqan sözümni ada qilmay turup, séni tashlimaymen» — dédi.
مانا، مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، قەيەرگە بارساڭ سېنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، بۇ زېمىنغا سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ چۈنكى ساڭا ئېيتقان سۆزۈمنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، سېنى تاشلىمايمەن» ــ دېدى.
16 Andin Yaqup oyghinip: — Berheq, Perwerdigar bu yerdidur, lékin men uni bilmeptimen, — dédi.
ئاندىن ياقۇپ ئويغىنىپ: ــ بەرھەق، پەرۋەردىگار بۇ يەردىدۇر، لېكىن مەن ئۇنى بىلمەپتىمەن، ــ دېدى.
17 U qorqup kétip: Bu jay alamet dehshetlik bir jay iken! Bu Xudaning öyi bilen asmanning derwazisidin bashqa héch jay emestur, — dédi.
ئۇ قورقۇپ كېتىپ: بۇ جاي ئالامەت دەھشەتلىك بىر جاي ئىكەن! بۇ خۇدانىڭ ئۆيى بىلەن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىدىن باشقا ھېچ جاي ئەمەستۇر، ــ دېدى.
18 Yaqup etisi seher qopup, béshining astigha qoyghan tashni élip, [xatire] tüwrük süpitide tiklep, üstige zeytun méyi quyup qoydi.
ياقۇپ ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويغان تاشنى ئېلىپ، [خاتىرە] تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ، ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى.
19 U jayning ismini Beyt-El dep atidi; emma ilgiri u jayning éti Luz idi.
ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى بەيت-ئەل دەپ ئاتىدى؛ ئەمما ئىلگىرى ئۇ جاينىڭ ئېتى لۇز ئىدى.
20 Andin Yaqup qesem bilen wede qilip: — Eger Xuda méning bilen bille bolup, bu sepirimde méni saqlap, yégili nan, kiygili kiyim bérip,
ئاندىن ياقۇپ قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: ــ ئەگەر خۇدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ سەپىرىمدە مېنى ساقلاپ، يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بېرىپ،
21 Men atamning öyige aman-ésen yénip barsam, undaqta Perwerdigar méning Xudayim bolidu;
مەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئامان-ئېسەن يېنىپ بارسام، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم بولىدۇ؛
22 Shuningdek men xatire tüwrük süpitide tiklep qoyghan bu tash Xudaning öyi bolidu; hem shundaqla sen manga béridighan barliq nersilerning ondin bir ülüshini sanga teqdim qilmay qalmaymen, — dédi.
شۇنىڭدەك مەن خاتىرە تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ ئۆيى بولىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا سەن ماڭا بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ساڭا تەقدىم قىلماي قالمايمەن، ــ دېدى.

< Yaritilish 28 >