< Yaritilish 22 >

1 Bu ishlardin kéyin shundaq boldiki, Xuda Ibrahimni sinap uninggha: — Ey Ibrahim! dédi. U: mana men! — dep jawab berdi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
2 U: — Sen oghlungni, yeni sen söyidighan yalghuz oghlung Ishaqni élip, Moriya yurtigha bérip, shu yerde, Men sanga éytidighan taghlarning birining üstide uni köydürme qurbanliq süpitide sun’ghin, — dédi.
ئۇ: ــ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى سەن سۆيىدىغان يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يۇرتىغا بېرىپ، شۇ يەردە، مەن ساڭا ئېيتىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن، ــ دېدى.
3 Etisi Ibrahim seher qopup, éshikini toqup, yigitliridin ikkiylen bilen Ishaqni bille élip, köydürme qurbanliq üchün otun yérip, Xuda uninggha éytqan yerge qarap mangdi.
ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى.
4 Üchinchi küni Ibrahim béshini kötürüp qarap, yiraqtin u yerni kördi.
ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتىن ئۇ يەرنى كۆردى.
5 Ibrahim yigitlirige: — Siler éshek bilen mushu yerde turup turunglar. Men balam bilen u yerge bérip, sejde qilip, andin qéshinglargha yénip kélimiz, — dédi.
ئىبراھىم يىگىتلىرىگە: ــ سىلەر ئېشەك بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن بالام بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، سەجدە قىلىپ، ئاندىن قېشىڭلارغا يېنىپ كېلىمىز، ــ دېدى.
6 Shuning bilen Ibrahim köydürme qurbanliqqa kéreklik otunni élip, oghli Ishaqqa yüdküzüp, özi qoligha pichaq bilen otni élip, ikkisi bille yürüp ketti.
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىققا كېرەكلىك ئوتۇننى ئېلىپ، ئوغلى ئىسھاققا يۈدكۈزۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى.
7 Ishaq atisi Ibrahimgha: — Ey ata! déwidi, u uninggha jawab bérip: — Mana men, oghlum, dédi. U uningdin: — Mana ot bilen otun’ghu bar, emma köydürme qurbanliq bolidighan qoza qéni? — dep soriwidi,
ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى،
8 Ibrahim jawab bérip: — Ey oghlum, Xuda Özi Özige köydürme qurbanliq qozini teminleydu, — dédi. Andin ikkisi birge yolini dawamlashturdi.
ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، ــ دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى.
9 Axirida ular Xuda Ibrahimgha éytqan jaygha yétip keldi. Ibrahim u yerde qurban’gah yasap, üstige otunni tizip qoydi. Andin u oghli Ishaqni baghlap, uni qurban’gahdiki otunning üstide yatquzdi.
ئاخىرىدا ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى.
10 Andin Ibrahim qolini uzitip, oghlini boghuzlighili pichaqni aldi.
ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلىغىلى پىچاقنى ئالدى.
11 Shuan Perwerdigarning Perishtisi asmandin uni chaqirip uninggha: — Ibrahim, Ibrahim! — dep warqiridi. U: — Mana men, — dédi.
شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئىبراھىم، ئىبراھىم! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ: ــ مانا مەن، ــ دېدى.
12 U uninggha: — Sen baligha qolungni tegküzmigin, uni héchnéme qilmighin; chünki Men séning Xudadin qorqqanliqingni bildim; chünki séning oghlungni, yeni yalghuz oghlungni Mendin ayimiding, — dédi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، ــ دېدى.
13 Ibrahim béshini kötürüp qariwidi, mana, arqisida münggüzliri chatqalgha chirmiship qalghan bir qochqarni kördi. Ibrahim bérip qochqarni élip, uni oghlining ornida köydürme qurbanliq qilip sundi.
ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇندى.
14 Shuning bilen Ibrahim shu jaygha «Yahweh-Yireh» dep at qoydi. Shunga kishiler: «Perwerdigarning téghida teminlinidu» dégen bu söz bügün’ge qeder éytilip kéliwatidu.
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم شۇ جايغا «ياھۋەھ-يىرەھ» دەپ ئات قويدى. شۇڭا كىشىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
15 Perwerdigarning Perishtisi asmandin Ibrahimni ikkinchi qétim chaqirip uninggha: —
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ
16 Sen öz oghlungni, yeni yalghuz oghlungni ayimay bu ishni qilghining üchün Men Özüm bilen qesem qilimenki, deydu Perwerdigar,
سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار،
17 — Men séni zor beriketlep, neslingni asmandiki yultuzlardek nurghun köpeytip, déngiz sahilidiki qumdek gholditimen; nesling bolsa düshmenlirining derwazilirigha ige bolidu.
ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ.
18 Sen Méning awazimgha qulaq salghining üchün yer yüzidiki barliq el-yurtlar neslingning nami bilen özliri üchün bext-beriket tileydu, — dédi.
سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ، ــ دېدى.
19 Andin Ibrahim yigitlirining qéshigha yénip bardi. Ular hemmisi ornidin turushup Beer-Shébagha yol aldi. Ibrahim Beer-Shébada turup qaldi.
ئاندىن ئىبراھىم يىگىتلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ باردى. ئۇلار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ بەئەر-شېباغا يول ئالدى. ئىبراھىم بەئەر-شېبادا تۇرۇپ قالدى.
20 Bu ishlardin kéyin Ibrahimgha: «Mana Milkahmu ining Nahorgha birqanche oghul tughup bériptu», dégen xewer yetti.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىبراھىمغا: «مانا مىلكاھمۇ ئىنىڭ ناھورغا بىرقانچە ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ»، دېگەن خەۋەر يەتتى.
21 Ular bolsa tunji oghli uz, uning inisi Buz we Aramning atisi bolghan Kemuel,
ئۇلار بولسا تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئۇنىڭ ئىنىسى بۇز ۋە ئارامنىڭ ئاتىسى بولغان كەمۇئەل،
22 andin Kesed, Xazo, Pildash, Yidlaf we Bétuel dégen oghullar idi.
ئاندىن كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئەل دېگەن ئوغۇللار ئىدى.
23 (Bétueldin Riwkah töreldi). Bu sekkizini Milkah Ibrahimning inisi Nahorgha tughup berdi.
(بېتۇئەلدىن رىۋكاھ تۆرەلدى). بۇ سەككىزىنى مىلكاھ ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى.
24 Shuningdek uning kéniziki Reumahmu Tébah, Gaham, Taxash we Maakah dégenlerni tughup berdi.
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كېنىزىكى رەئۇماھمۇ تېباھ، گاھام، تاخاش ۋە مائاكاھ دېگەنلەرنى تۇغۇپ بەردى.

< Yaritilish 22 >