< Yaritilish 15 >

1 Bu ishlardin kéyin Perwerdigarning söz-kalami Abramgha alamet körünüshte kélip: «Ey Abram, qorqmighin; Men Özüm qalqining we zor in’amingdurmen» — dédi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى.
2 Lékin Abram: — Ey Reb Perwerdigar, manga néme bérisen? Mana, men balisiz tursam, öy-bisatlirimgha warisliq qilghuchi mushu Demeshqlik Eliézerla bardur, — dédi.
لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى.
3 Abram yene: Mana, Sen manga héch nesil bermiding, mana öyümde turuwatqanlardin biri manga waris bolidu, dédi.
ئابرام يەنە: مانا، سەن ماڭا ھېچ نەسىل بەرمىدىڭ، مانا ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلاردىن بىرى ماڭا ۋارىس بولىدۇ، دېدى.
4 Shu haman Perwerdigarning söz-kalami uninggha kélip: «Bu kishi sanga waris bolmaydu, belki öz pushtungdin bolidighan kishi sanga waris bolidu», — dédi.
شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى.
5 Shuning bilen Perwerdigar uni tashqirigha élip chiqip: — Emdi asman’gha qarap yultuzlarni sana — Qéni, ularni saniyalamsenkin?! — dédi. Andin uninggha: — Séning neslingmu shundaq bolidu, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى.
6 Abram Perwerdigargha ishendi; Perwerdigar uningdiki bu [ishenchni] uning heqqaniyliqi dep hésablidi.
ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ [ئىشەنچنى] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى.
7 Yene uninggha: Men bu zémin’gha ige qilishqa séni Kaldiyediki Ur shehiridin élip chiqqan Perwerdigardurmen, — dédi.
يەنە ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى.
8 Lékin [Abram]: — I Reb Perwerdigar, men uninggha jezmen ige bolidighinimni qandaq bilimen? — dep soridi.
لېكىن [ئابرام]: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.
9 [Perwerdigar] uninggha: — Men üchün üch yashliq bir inek, üch yashliq bir chishi öchke, üch yashliq bir qochqar bilen bir kepter we bir bajka élip kelgin, — dédi.
[پەرۋەردىگار] ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى.
10 Shunga u bularning hemmisini élip, ularning herbirsini yérimdin ikki parche qilip, yérimini yene bir yérimigha udulmu’udul qilip qoyup qoydi; emma qushlarni parchilimidi.
شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنى يېرىمدىن ئىككى پارچە قىلىپ، يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويۇپ قويدى؛ ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى.
11 Qagha-quzghunlar taplarning üstige chüshkende, Abram ularni ürkütüp heydiwetti.
قاغا-قۇزغۇنلار تاپلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ ھەيدىۋەتتى.
12 Lékin kün patay dégende, Abramni éghir bir uyqu basti we mana, uning üstige dehshetlik bir wehime, tom qarangghuluq chüshti.
لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى.
13 Andin Perwerdigar Abramgha: — Jezmen bilishing kérekki, séning nesling özlirining bolmighan bir zéminda musapir bolup, shu yerdiki xelqning qulluqida bolidu we shundaqla, bu xelq ulargha töt yüz yilghiche jebir-zulum salidu.
ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر-زۇلۇم سالىدۇ.
14 Lékin Men ularni qulluqqa salghuchi shu taipining üstidin höküm chiqirimen. Kéyin ular nurghun bayliqlarni élip shu yerdin chiqidu.
لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ.
15 Emma sen bolsang, aman-xatirjemlik ichide ata-bowiliringgha qoshulisen; uzun ömür körüp andin depne qilinisen.
ئەمما سەن بولساڭ، ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن.
16 Lékin shu yerde töt ewlad ötüp, [nesling] bu yerge yénip kélidu; chünki Amoriylarning qebihlikining zixi téxi toshmidi, dédi.
لېكىن شۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ، [نەسلىڭ] بۇ يەرگە يېنىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىدى، دېدى.
17 Shundaq boldiki, kün pétip qarangghu bolghanda, mana, göshlerning otturisidin ötüp kétiwatqan, is-tütek chiqip turghan bir otdan bilen yalqunluq bir mesh’el köründi.
شۇنداق بولدىكى، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، گۆشلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان بىلەن يالقۇنلۇق بىر مەشئەل كۆرۈندى.
18 Del shu küni Perwerdigar Abram bilen ehde tüzüp uninggha: — «Men séning neslingge bu zéminni Misirning éqinidin tartip Ulugh derya, yeni Efrat deryasighiche bérimen; yeni Kéniyler, Kenizziylar, Kadmoniylar,
دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار،
20 Hittiylar, Perizziyler, Refayiylar,
ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار،
21 Amoriylar, Qanaaniylar, Girgashiylar we Yebusiylarning yurtini ularningki qilimen» dédi.
ئامورىيلار، قانائانىيلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىنى ئۇلارنىڭكى قىلىمەن» دېدى.

< Yaritilish 15 >