< Ezakiyal 37 >

1 Perwerdigarning qoli wujudumgha qondi; Perwerdigar méni Rohi bilen kötürüp chiqip, bir jilghining otturisigha turghuzdi; u yer söngeklerge toldi.
پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى.
2 U méni söngekler etrapidin uyaq-buyaqqa ötküzdi; mana, bu ochuq jilghida [söngekler] intayin nurghun idi; we mana, ular intayin qurup ketkenidi.
ئۇ مېنى سۆڭەكلەر ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتكۈزدى؛ مانا، بۇ ئوچۇق جىلغىدا [سۆڭەكلەر] ئىنتايىن نۇرغۇن ئىدى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئىنتايىن قۇرۇپ كەتكەنىدى.
3 U mendin: — I insan oghli, bu söngekler qaytidin yashnamdu? — dep soridi. Men: — I Reb Perwerdigar, sen bilisen, — dédim.
ئۇ مەندىن: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر قايتىدىن ياشنامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، ــ دېدىم.
4 U manga: I insan oghli, bu söngekler üstige bésharet bérip mundaq dégin: «I quruq söngekler, Perwerdigarning sözini anglanglar!
ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىگە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «ئى قۇرۇق سۆڭەكلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!
5 Reb Perwerdigar bu söngeklerge mundaq deydu: — Mana, Men silerge bir roh-nepes kirgüzimen, we siler hayat bolisiler.
رەب پەرۋەردىگار بۇ سۆڭەكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر.
6 Men üstünglerge pey-singirlerni salimen, silerni tére bilen yapimen, silerge roh-nepes kirgüzimen; we siler Méning Perwerdigar ikenlikimni bilip yétisiler».
مەن ئۈستۈڭلەرگە پەي-سىڭىرلەرنى سالىمەن، سىلەرنى تېرە بىلەن ياپىمەن، سىلەرگە روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر».
7 Shunga men buyrulghini boyiche bésharet berdim; men bésharet bérishimge, bir shawqun kötürüldi, mana jalaq-julaq bir awaz anglandi, söngekler jipsiliship, bir-birige qoshuldi.
شۇڭا مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە بېشارەت بەردىم؛ مەن بېشارەت بېرىشىمگە، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى، مانا جالاق-جۇلاق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، سۆڭەكلەر جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىگە قوشۇلدى.
8 Men kördum, mana, pey-singirler we et ularning üstige kélip ularni qaplidi; biraq ularda héch roh-nepes bolmidi.
مەن كۆردۇم، مانا، پەي-سىڭىرلەر ۋە ئەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى قاپلىدى؛ بىراق ئۇلاردا ھېچ روھ-نەپەس بولمىدى.
9 U manga: — I insan oghli, roh-nepeske bésharet bérip mundaq dégin: «Reb Perwerdigar mundaq deydu: Töt tereptin shamal kelgeysiler, i roh-nepes, we mushu öltürülgenler tirilsun üchün ularning üstige püwlengler» — dédi.
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس، ۋە مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تىرىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈۋلەڭلەر» ــ دېدى.
10 Shunga men buyrulghandek bésharet bériwidim, roh-nepes ulargha kirdi-de, ular hayat bolup tik turdi — büyük bir qoshun’gha aylandi.
شۇڭا مەن بۇيرۇلغاندەك بېشارەت بېرىۋىدىم، روھ-نەپەس ئۇلارغا كىردى-دە، ئۇلار ھايات بولۇپ تىك تۇردى ــ بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى.
11 We U manga: — I insan oghli, bu söngekler bolsa Israilning pütün jemetidur. Mana, ular: «Bizning söngeklirimiz qurup ketti, ümidimiz üzüldi; biz tügeshtuq!» — deydu.
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جەمەتىدۇر. مانا، ئۇلار: «بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى؛ بىز تۈگەشتۇق!» ــ دەيدۇ.
12 Shunga bésharet bérip ulargha mundaq dégin: «Reb Perwerdigar mundaq deydu: — Mana, Men görünglerni échip, silerni görünglerdin chiqirimen, i Méning xelqim, silerni Israil zéminigha élip kirimen;
شۇڭا بېشارەت بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن گۆرۈڭلەرنى ئېچىپ، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقىرىمەن، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئېلىپ كىرىمەن؛
13 Men görünglerni achqinimda, silerni görünglerdin chiqarghinimda, i Méning xelqim, siler Méning Perwerdigar ikenlikimni bilip yétisiler.
مەن گۆرۈڭلەرنى ئاچقىنىمدا، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقارغىنىمدا، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر.
14 We Men Öz Rohimni silerge kirgüzimen, siler hayat bolisiler; we Men silerni öz zémininglarda turghuzimen; siler Menki Perwerdigarni shundaq sözni qilip, shuni ada qildi, dep bilip yétisiler».
ۋە مەن ئۆز روھىمنى سىلەرگە كىرگۈزىمەن، سىلەر ھايات بولىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزىمەن؛ سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنى شۇنداق سۆزنى قىلىپ، شۇنى ئادا قىلدى، دەپ بىلىپ يېتىسىلەر».
15 Perwerdigarning sözi manga kélip mundaq déyildi: —
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
16 I insan oghli, bir tayaqni élip, uning üstige «Yehuda we uning hemrahliri bolghan Israillar üchün» dep yazghin; yene bir tayaqni élip, uning üstige «Efraim we uning hemrahliri bolghan pütün Israil jemetidikiler üchün» dep yazghin;
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ يەنە بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەفرائىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛
17 we ularni bir-birige ulap qoy; ular qolungda bir bolsun.
ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ قوي؛ ئۇلار قولۇڭدا بىر بولسۇن.
18 Xelqimdikiler sendin: «Bu ishlar bilen némini chüshendürmekchi bizge dep bermemsen?» dep sorisa,
خەلقىمدىكىلەر سەندىن: «بۇ ئىشلار بىلەن نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى بىزگە دەپ بەرمەمسەن؟» دەپ سورىسا،
19 ulargha: «Reb Perwerdigar mundaq deydu: «Mana, Men Efraimning we uninggha hemrah bolghan Israil qebililirining qoli tutqan Yüsüpning tayiqini élip, uni Yehudaning tayiqigha qoshup ulap, ularni birla tayaq qilimen; ular Méning qolumda bir tayaq bolidu.
ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئەفرائىمنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ قولى تۇتقان يۈسۈپنىڭ تايىقىنى ئېلىپ، ئۇنى يەھۇدانىڭ تايىقىغا قوشۇپ ئۇلاپ، ئۇلارنى بىرلا تاياق قىلىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ قولۇمدا بىر تاياق بولىدۇ.
20 Sen yazghan tayaqlarni ularning köz aldida qolungda tutup ulargha shundaq dégin: —
سەن يازغان تاياقلارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قولۇڭدا تۇتۇپ ئۇلارغا شۇنداق دېگىن: ــ
21 «Reb Perwerdigar shundaq deydu: «Mana, Men Israil balilirini barghan eller arisidin élip, ularni heryandin yighip öz zéminigha épkélimen.
«رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىسرائىل بالىلىرىنى بارغان ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھەرياندىن يىغىپ ئۆز زېمىنىغا ئېپكېلىمەن.
22 Men ularni Israil taghlirining üstide bir el qilimen; bir padishah ularning hemmisige padishah bolidu; ular qaytidin ikki el bolmaydu, yaki qaytidin ikki padishahliqqa héch bölünmeydu.
مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر ئەل قىلىمەن؛ بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلار قايتىدىن ئىككى ئەل بولمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئىككى پادىشاھلىققا ھېچ بۆلۈنمەيدۇ.
23 Ular özlirini qaytidin ularning mebudliri, lenetlik ishliri yaki asiyliqlirining héchqayisisi bilen héch bulghimaydu; Men ularni gunah ötküzgen olturaqlashqan jayliridin qutquzup, ularni paklandurimen; ular Méning xelqim bolidu, Men ularning Xudasi bolimen.
ئۇلار ئۆزلىرىنى قايتىدىن ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى، لەنەتلىك ئىشلىرى ياكى ئاسىيلىقلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى بىلەن ھېچ بۇلغىمايدۇ؛ مەن ئۇلارنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى پاكلاندۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.
24 We méning qulum Dawut ulargha padishah bolidu; ularning hemmisining birla padichisi bolidu; ular Méning hökümlirimde méngip, Méning belgilimilirimni tutup ulargha emel qilidu.
ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ.
25 Ular Méning qulum Yaqupqa teqdim qilghan, ata-bowiliringlar turup kelgen zéminda turidu; ular uningda turidu — ular, ularning baliliri, we balilarning baliliri menggü turidu — Méning qulum Dawut ularning shahzadisi bolidu.
ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ.
26 Men ular bilen aman-xatirjemlik béghishlaydighan bir ehde tüzimen; bu ular bilen menggülük bir ehde bolidu; Men ularni jayida makanlashturup awutimen; we Méning muqeddes jayimni ular arisigha menggüge tikleymen.
مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنى جايىدا ماكانلاشتۇرۇپ ئاۋۇتىمەن؛ ۋە مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۇلار ئارىسىغا مەڭگۈگە تىكلەيمەن.
27 Méning turalghu jayim ularda bolidu; Men ularning Xudasi bolimen, ular Méning xelqim bolidu.
مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
28 Méning pak-muqeddes jayim ular arisida menggüge tiklen’gende, emdi eller Özüm Perwerdigarning Israilni pak-muqeddes qilghuchi ikenlikimni bilip yétidu».
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس جايىم ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تىكلەنگەندە، ئەمدى ئەللەر ئۆزۈم پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ».

< Ezakiyal 37 >