< Ezakiyal 20 >

1 Yettinchi yili, beshinchi ayning oninchi küni shundaq boldiki, Israilning bezi aqsaqalliri Perwerdigarni izdep uningdin sorighili méning aldimgha kélip olturdi.
يەتتىنچى يىلى، بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سورىغىلى مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى.
2 We Perwerdigarning sözi manga kélip mundaq déyildi: —
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
3 I insan oghli, Israilning aqsaqallirigha söz qilip mundaq dégin: — Reb Perwerdigar mundaq deydu: — Siler Mendin sorighili keldinglar? Öz hayatim bilen qesem qilimenki, — deydu Reb Perwerdigar — Men silerning Mendin sorishinglargha yolgha qoymaymen.
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مەندىن سورىغىلى كەلدىڭلار؟ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مەن سىلەرنىڭ مەندىن سورىشىڭلارغا يولغا قويمايمەن.
4 Emdi ularning üstige höküm chiqiramsen, i adem balisi, höküm chiqiramsen? Ulargha ata-bowilirining yirginchlik qilmishlirini ayan qilip ulargha mundaq dégin: —
ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن، ئى ئادەم بالىسى، ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ
5 Reb Perwerdigar mundaq deydu: — Men Israilni tallighan künide, Yaqup jemetining neslige qol kötürüp qesem qilip, Misir zéminida Özümni ulargha ayan qilghinimda, yeni ulargha qol kötürüp qesem qilip ulargha: «Men Perwerdigar séning Xudayingdurmen» déginimde
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئىسرائىلنى تاللىغان كۈنىدە، ياقۇپ جەمەتىنىڭ نەسلىگە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۆزۈمنى ئۇلارغا ئايان قىلغىنىمدا، يەنى ئۇلارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ئۇلارغا: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دېگىنىمدە
6 — shu küni Men ularni Misir zéminidin chiqirip ular üchün alahide izdep tapqan süt hem bal éqip turidighan, hemme zémin arisidiki eng güzel zéminning güli bolghan zémin’gha kirgüzüsh üchün, qol kötürüp qesem qildim;
ــ شۇ كۈنى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزدەپ تاپقان سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىن ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزەل زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلدىم؛
7 Men ulargha: «Herbiringlar öz közünglar aldidiki nepretlik nersilerni tashliwétinglar, Misirning butliri bilen özünglarni bulghimanglar; Men Perwerdigar Xudaynglardurmen» — dédim.
مەن ئۇلارغا: «ھەربىرىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايڭلاردۇرمەن» ــ دېدىم.
8 Lékin ular Manga asiyliq qilip Manga qulaq sélishni xalimaytti; héchqaysisi ne öz közi aldidiki nepretlik nersilerni tashliwetmidi, ne Misirning butliridin héch ayrilmidi. Andin Men qehrimni Misir zémini ichide ulargha töküp, ulargha qaratqan achchiqimni basimen, dédim —
لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايتتى؛ ھېچقايسىسى نە ئۆز كۆزى ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمىدى، نە مىسىرنىڭ بۇتلىرىدىن ھېچ ئايرىلمىدى. ئاندىن مەن قەھرىمنى مىسىر زېمىنى ئىچىدە ئۇلارغا تۆكۈپ، ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى باسىمەن، دېدىم ــ
9 halbuki, namimning ular turghan eller arisida bulghanmasliqi üchün, Öz namim üchün heriket qildim; chünki Men bu ellerning köz aldida ularni Misirdin chiqirishim bilen Özümni ayan qilghanidim;
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئۇلار تۇرغان ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن چىقىرىشىم بىلەن ئۆزۈمنى ئايان قىلغانىدىم؛
10 shunga Men ularni Misir zéminidin [toluq] chiqirip, chöl-bayawan’gha apardim.
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن [تولۇق] چىقىرىپ، چۆل-باياۋانغا ئاپاردىم.
11 We Men belgilimilirimni bérip, Öz hökümlirimni ulargha ayan qildim — ulargha emel qilidighan kishi ularning sewebidin hayatqa érishidu.
ۋە مەن بەلگىلىمىلىرىمنى بېرىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىمنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ــ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
12 Özüm hem ular arisidiki bésharet bolsun dep, Méning ularni pak-muqeddes qilidighan Perwerdigar ikenlikimni bilishi üchün «shabat kün»lirimni ulargha béghishlidim;
ئۆزۈم ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى بېشارەت بولسۇن دەپ، مېنىڭ ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىدىغان پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن «شابات كۈن»لىرىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم؛
13 lékin Israil jemeti chöl-bayawanda Manga asiyliq qildi; chünki ular Méning belgilimilirimde mangmidi, Méning hökümlirimni chetke qaqti (eger ademler bu emrlerge emel qilsa, u ularning sewebidin hayatqa érishidu) we Méning «shabat kün»lirimni qattiq bulghidi; Men ularning üstige chöl-bayawanda ular halak qilin’ghuche qehrimni tökimen dédim —
لېكىن ئىسرائىل جەمەتى چۆل-باياۋاندا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىدى، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چەتكە قاقتى (ئەگەر ئادەملەر بۇ ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ۋە مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى قاتتىق بۇلغىدى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۆل-باياۋاندا ئۇلار ھالاك قىلىنغۇچە قەھرىمنى تۆكىمەن دېدىم ــ
14 halbuki, namimning eller arisida bulghanmasliqi üchün, Öz namim üchün heriket qildim; chünki Men bu ellerning köz aldida ularni Misirdin qutquzup chiqarghanmen.
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن.
15 Men yene chöl-bayawanda ulargha süt hem bal éqip turidighan, hemme zéminning güli bolghan zémin’gha kirgüzmeymen dep, qolumni kötürüp qesem qilimen dédim
مەن يەنە چۆل-باياۋاندا ئۇلارغا سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزمەيمەن دەپ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىمەن دېدىم
16 (chünki ularning qelbi butlirigha egiship ketkechke, Méning belgilimilirimni chetke qaqqan, Méning hökümlirimde mangmighan, Méning «shabat kün»lirimni buzghan); —
(چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇتلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەچكە، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە ماڭمىغان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان)؛ ــ
17 halbuki, közüm ulargha rehim qilip ularni halak qilmidim yaki ularni chöl-bayawanda tügeshtürmidim.
ھالبۇكى، كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلمىدىم ياكى ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا تۈگەشتۈرمىدىم.
18 Men chöl-bayawanda ularning balilirigha mundaq dédim: «Ata-bowiliringlarning belgimiliride mangmanglar, ne ularning hökümlirini tutmanglar ne butliri bilen özünglarni bulghimanglar.
مەن چۆل-باياۋاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇنداق دېدىم: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بەلگىمىلىرىدە ماڭماڭلار، نە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتماڭلار نە بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.
19 Men Perwerdigar Xudayinglardurmen; Méning belgilimilirimde méngip, Méning hökümlirimni tutup ulargha emel qilinglar;
مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛
20 Méning «shabat kün»lirimni pak-muqeddes dep etiwarlanglar; u silerning Méning Perwerdigar Xudayinglar ikenlikimni bilishinglar üchün Men we siler otturimizdiki bir bésharettur.
مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلاڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن ۋە سىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى بىر بېشارەتتۇر.
21 Lékin balilirimu Manga asiyliq qildi; ular ne Méning belgilimilirimde mangmighan ne Méning hökümlirimni tutmighan (birsi ulargha emel qilsa, u ular bilen hayatqa érishidu) ular Méning «shabat kün»lirimni bulghighan; shunga Men qehrimni ular üstige töküp ulargha qaratqan achchiqimni chüshürüp pighandin chiqimen, dédim;
لېكىن بالىلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ ئۇلار نە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىغان نە مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتمىغان (بىرسى ئۇلارغا ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلار بىلەن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغىغان؛ شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن، دېدىم؛
22 lékin jazadin qolumni tartip, namimni ellerning köz aldida bulghanmisun dep Öz namim üchün heriket qildim; Men bu ellerning köz aldida ularni Misirdin qutquzup chiqarghanmen.
لېكىن جازادىن قولۇمنى تارتىپ، نامىمنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانمىسۇن دەپ ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن.
23 Chöl-bayawanda Men qolumni kötürüp ulargha silerni eller arisigha tarqitimen, memliketler ichige taritimen dep qesem qilimen, dédim;
چۆل-باياۋاندا مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا سىلەرنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن دەپ قەسەم قىلىمەن، دېدىم؛
24 chünki ular Méning hökümlirimni ada qilmighan, belgilimilirimni chetke qaqqan, Méning «shabat kün»lirimni buzghan; ular közlirini ata-bowilirining butlirigha tikmekte idi;
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئادا قىلمىغان، بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان؛ ئۇلار كۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇتلىرىغا تىكمەكتە ئىدى؛
25 shunga Men ulargha yaxshi bolmighan belgilimilerni, ularni hayatqa élip barmaydighan hökümlerni béghishlidim;
شۇڭا مەن ئۇلارغا ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى، ئۇلارنى ھاياتقا ئېلىپ بارمايدىغان ھۆكۈملەرنى بېغىشلىدىم؛
26 we ularni öz-özidin seskendürüp, Méning Perwerdigar ikenlikimni tonup yétishi üchün, Men ularni öz hediyeliri arqiliq bulghidim, chünki ular hediye süpitide barliq tunji balilirini atap qoyatti.
ۋە ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈپ، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆز ھەدىيەلىرى ئارقىلىق بۇلغىدىم، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە بارلىق تۇنجى بالىلىرىنى ئاتاپ قوياتتى.
27 Shunga, i insan oghli, Israil jemetige söz qilip mundaq dégin: — Reb Perwerdigar mundaq deydu: — Ata-bowiliringlar shu ishtimu Manga kupurluq qilghanki, ular Manga wapasizliq qilghan;
شۇڭا، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار شۇ ئىشتىمۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغانكى، ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان؛
28 ular Men Öz qolumni kötürüp: «Mushu zéminni silerge bérimen» dep qesem qilghan yerge kirgende, ular shu yerdiki udul kelgen herbir yuqiri döng hem baraqsan derexni körüpla shu jaylarda ular qurbanliqlirini qilip, Méni achchiqlanduridighan hediyelerni qilatti; ular shu yerdimu «xushpuraq hediye»lirini puritip, «sharab hediye»lirini töketti;
ئۇلار مەن ئۆز قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان يەرگە كىرگەندە، ئۇلار شۇ يەردىكى ئۇدۇل كەلگەن ھەربىر يۇقىرى دۆڭ ھەم باراقسان دەرەخنى كۆرۈپلا شۇ جايلاردا ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ، مېنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان ھەدىيەلەرنى قىلاتتى؛ ئۇلار شۇ يەردىمۇ «خۇشپۇراق ھەدىيە»لىرىنى پۇرىتىپ، «شاراب ھەدىيە»لىرىنى تۆكەتتى؛
29 shuning bilen Men ulardin: «Siler chiqidighan bu yuqiri jay dégen néme?» dep soridim; shunga bügün’ge qeder uning ismi «Bamah»dur.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلاردىن: «سىلەر چىقىدىغان بۇ يۇقىرى جاي دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئىسمى «باماھ»دۇر.
30 Shunga Israil jemetige mundaq dégin: — Reb Perwerdigar mundaq deydu: «Siler ata-bowiliringlarning yolida özliringlarnimu bulghimaqchimusiler? Ularning nepretlik qilmishlirigha egiship buzuqluq qilmaqchimusiler?
شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدا ئۆزلىرىڭلارنىمۇ بۇلغىماقچىمۇسىلەر؟ ئۇلارنىڭ نەپرەتلىك قىلمىشلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلماقچىمۇسىلەر؟
31 Emdi siler hediyeliringlarni sunup, öz oghulliringlarni ottin ötküzgende, siler yenila bügün’ge qeder özünglarni barliq butliringlar bilen bulghawatisiler; emdi Men silerning Méni izdep sorishinglargha yol qoyamdimen, i Israil jemeti?! Men hayatim bilen qesem qilimenki, — deydu Reb Perwerdigar, — Men silerning Méni izdep sorishinglargha yol qoymaymen!
ئەمدى سىلەر ھەدىيەلىرىڭلارنى سۇنۇپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بارلىق بۇتلىرىڭلار بىلەن بۇلغاۋاتىسىلەر؛ ئەمدى مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويامدىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويمايمەن!
32 Shuningdek silerning könglünglerdiki «Biz yat ellerdek, bashqa yurtlardiki jemetlerdek yaghach hem tash mebudlargha choqunimiz» dégen koyunglar emelge ashurulmaydu!
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردىكى «بىز يات ئەللەردەك، باشقا يۇرتلاردىكى جەمەتلەردەك ياغاچ ھەم تاش مەبۇدلارغا چوقۇنىمىز» دېگەن كويۇڭلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ!
33 Men hayatim bilen qesem qilimenki, — deydu Reb Perwerdigar, Men berheq küchlük qol, uzartqan bilikim hem töküp yaghdurghan qehrim bilen üstünglardin hökümranliq qilimen.
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرغان قەھرىم بىلەن ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن.
34 Men küchlük qol, uzartqan bilikim hem töküp yaghdurulghan qehr bilen silerni ellerdin chiqirip épkélimen, tarqitilghan memliketlerdin silerni yighimen;
مەن كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرۇلغان قەھر بىلەن سىلەرنى ئەللەردىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن، تارقىتىلغان مەملىكەتلەردىن سىلەرنى يىغىمەن؛
35 silerni ellerge tewe bolghan chöl-bayawan’gha kirgüzüp, shu yerde üstünglardin yüz turane höküm chiqirip jazalaymen;
سىلەرنى ئەللەرگە تەۋە بولغان چۆل-باياۋانغا كىرگۈزۈپ، شۇ يەردە ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛
36 ata-bowiliringlarning üstidin Misir zéminidiki chöl-bayawan’gha höküm chiqirip jazalghinimdek, silerning üstünglardin yüz turane höküm chiqirip jazalaymen, deydu Reb Perwerdigar.
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىدىن مىسىر زېمىنىدىكى چۆل-باياۋانغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالغىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
37 Men silerni hasa astidin ötküzüp, ehdining rishtisige baghlandurimen.
مەن سىلەرنى ھاسا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەھدىنىڭ رىشتىسىگە باغلاندۇرىمەن.
38 Men aranglardin Manga wapasizliq qilghan asiylarni shallap chiqirimen; ularni turuwatqan jaylardin chiqirimen, biraq ular Israil zéminigha kirmeydu; shuning bilen siler Perwerdigar ikenlikimni tonup yétisiler.
مەن ئاراڭلاردىن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئاسىيلارنى شاللاپ چىقىرىمەن؛ ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چىقىرىمەن، بىراق ئۇلار ئىسرائىل زېمىنىغا كىرمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
39 — Emdi siler bolsanglar, i Israil jemeti, Reb Perwerdigar silerge mundaq deydu: — Manga qulaq salmaymiz désenglar, bériwéringlar, herbiringlar öz butliringlargha choquniwéringlar! Biraq siler yene hediyeliringlar hem mebudliringlar bilen Méning namimni ikkinchi bulghimaysiler!
ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، رەب پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالمايمىز دېسەڭلار، بېرىۋېرىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنىۋېرىڭلار! بىراق سىلەر يەنە ھەدىيەلىرىڭلار ھەم مەبۇدلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ نامىمنى ئىككىنچى بۇلغىمايسىلەر!
40 Chünki Méning muqeddes téghimda, yeni Israilning égizlikidiki taghda, — deydu Reb Perwerdigar, — barliq Israil jemeti, ularning hemmisi Manga zéminde turup xizmet qilidu; Men u yerde ularni qobul qilimen we u yerde Men silerdin «kötürme hediye»liringlarni, tunji hosul bolghan köktat-méwiliringlarni, shundaqla barliq muqeddes dep ayrip béghishlighan nesriliringlarni telep qilimen.
چۈنكى مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغدا، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بارلىق ئىسرائىل جەمەتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا زېمىندە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ؛ مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۇ يەردە مەن سىلەردىن «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىڭلارنى، تۇنجى ھوسۇل بولغان كۆكتات-مېۋىلىرىڭلارنى، شۇنداقلا بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىپ بېغىشلىغان نەسرىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.
41 Men silerni eller arisidin chiqirip, memliketlerdin élip yighqinimda, ésil xushbuydek silerni qobul qilimen; shuning bilen ellerning köz aldida aranglarda Özümning pak-muqeddes ikenlikimni körsitimen.
مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن چىقىرىپ، مەملىكەتلەردىن ئېلىپ يىغقىنىمدا، ئېسىل خۇشبۇيدەك سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاراڭلاردا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن.
42 Ata-bowiliringlargha qolumni kötürüp: «Mushu zéminni silerge bérimen» dep qesem qilghan Israil zéminigha silerni kirgüzginimde, siler Méning Perwerdigar ikenlikimni bilip yétisiler.
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان ئىسرائىل زېمىنىغا سىلەرنى كىرگۈزگىنىمدە، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر.
43 Siler u yerde öz yolliringlarni we özünglarni bulghighan barliq qilmishliringlarni esleysiler; shuning bilen ötküzgen rezil ishliringlar tüpeylidin siler öz-özünglarni közge ilmaysiler, öz-özünglardin nepretlinisiler.
سىلەر ئۇ يەردە ئۆز يوللىرىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بارلىق قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كۆزگە ئىلمايسىلەر، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.
44 Men rezil yolliringlargha asasen emes, yaki buzuq qilmishliringlargha asasen emes, belki Öz namim üchün silerge shepqetlik muamile qilghandin kéyin, i Israil jemeti, siler Méning Perwerdigar ikenlikimni bilip yétisiler, — deydu Reb Perwerdigar.
مەن رەزىل يوللىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، ياكى بۇزۇق قىلمىشلىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز نامىم ئۈچۈن سىلەرگە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلغاندىن كېيىن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
45 Perwerdigarning sözi manga kélip mundaq déyildi: —
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
46 I insan oghli, yüzüngni Téman shehirige qaritip, jenubtikilerni eyiblep, Negew ormanliq dalasini eyibleydighan bésharet bérip, —
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى تېمان شەھىرىگە قارىتىپ، جەنۇبتىكىلەرنى ئەيىبلەپ، نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەت بېرىپ، ــ
47 Yeni Negew ormanliq dalasigha mundaq dégin: — Perwerdigarning sözini angla; Reb Perwerdigar mundaq deydu: «Mana, Men sanga bir ot yaqimen; u sendiki hemme yéshil derexni hemde hemme qaqshal derexni yewétidu; yalqunluq ot héch öchmeydu, jenubtin shimalghiche pütkül yer yüzi uning bilen köyüp kétidu;
يەنى نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا بىر ئوت ياقىمەن؛ ئۇ سەندىكى ھەممە يېشىل دەرەخنى ھەمدە ھەممە قاقشال دەرەخنى يەۋېتىدۇ؛ يالقۇنلۇق ئوت ھېچ ئۆچمەيدۇ، جەنۇبتىن شىمالغىچە پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ؛
48 barliq et igiliri Menki Perwerdigar uni yaqqanliqimni körüp yétidu; u héchqachan öchürülmeydu!».
بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ياققانلىقىمنى كۆرۈپ يېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمەيدۇ!».
49 We men: — Ah, Perwerdigar! Ular men toghruluq: «U peqet temsillernila sözlewatidu» deydu! — dédim.
ۋە مەن: ــ ئاھ، پەرۋەردىگار! ئۇلار مەن توغرۇلۇق: «ئۇ پەقەت تەمسىللەرنىلا سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ! ــ دېدىم.

< Ezakiyal 20 >