< Misirdin chiqish 40 >

1 Andin Perwerdigar Musagha mundaq emr qildi: —
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ
2 Birinchi ayning béshi, ayning birinchi küni sen jamaet chédirining muqeddesxanisini tikligin.
بىرىنچى ئاينىڭ بېشى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سەن جامائەت چېدىرىنىڭ مۇقەددەسخانىسىنى تىكلىگىن.
3 Höküm-guwahliq sanduqini uning ichige qoyup, ichki perde arqiliq ehde sanduqini tosup qoyghin;
ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى پەردە ئارقىلىق ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ قويغىن؛
4 shireni chédirning ichige ekirip, üstige tizilidighan nersilerni tizghin; andin chiraghdanni ekirip, üstige chiraghlarni orunlashturghin.
شىرەنى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۈستىگە تىزىلىدىغان نەرسىلەرنى تىزغىن؛ ئاندىن چىراغداننى ئەكىرىپ، ئۈستىگە چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن.
5 Altun [bilen qaplan’ghan] xushbuy köydürgüchi qurban’gahni höküm-guwahliq sanduqining uduligha tiklep qoyghin; chédirning kirish éghizining perdisini ésip qoyghin.
ئالتۇن [بىلەن قاپلانغان] خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا تىكلەپ قويغىن؛ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويغىن.
6 Köydürme qurbanliq qurban’gahini muqeddesxanining, yeni jamaet chédirining kirish éghizining aldigha qoyghin;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى مۇقەددەسخانىنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا قويغىن؛
7 andin yuyush désini jamaet chédiri bilen qurban’gahning otturisigha orunlashturup, su toshturup qoyghin.
ئاندىن يۇيۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ توشتۇرۇپ قويغىن.
8 Hoylining chörisige perdilerni békitip, hoylining kirish éghizining perdisini asqin;
ھويلىنىڭ چۆرىسىگە پەردىلەرنى بېكىتىپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئاسقىن؛
9 andin «mesihlesh méyi»ni élip, ibadet chédiri we uning ichidiki barliq nersilerni mesihlep, uni we barliq hemme eswablirini Xudagha atap muqeddes qilghin. Shundaq qilip [pütkül chédir] muqeddes bolidu.
ئاندىن «مەسىھلەش مېيى»نى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مەسىھلەپ، ئۇنى ۋە بارلىق ھەممە ئەسۋابلىرىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. شۇنداق قىلىپ [پۈتكۈل چېدىر] مۇقەددەس بولىدۇ.
10 Sen köydürme qurbanliq qurban’gahini, shundaqla uning barliq eswablirini mesihlep, uni [Xudagha atap] muqeddes qilghin; buning bilen qurban’gah «eng muqeddes nersiler» qatarida bolidu.
سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مەسىھلەپ، ئۇنى [خۇداغا ئاتاپ] مۇقەددەس قىلغىن؛ بۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا بولىدۇ.
11 Sen yene yuyunush dési we uning teglikini mesihlep muqeddes qilghin.
سەن يەنە يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن.
12 Andin Harun bilen uning oghullirini jamaet chédirining kirish éghizigha yéqin ekilip, ularni su bilen yughin;
ئاندىن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئەكىلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛
13 Harun’gha muqeddes kiyimlerni kiydürüp, Manga kahinliq xizmette bolushi üchün uni mesihlep, [Manga ayrip] muqeddes qilghin.
ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلەپ، [ماڭا ئايرىپ] مۇقەددەس قىلغىن.
14 Andin uning oghullirini élip kirip, ulargha xalta köngleklerni kiydürüp,
ئاندىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ،
15 ularning atisini mesihliginingdek Manga kahinliq xizmitide bolushi üchün ularnimu mesihligin. Shuning bilen ularning bu mesihlinishi ular üchün ewladtin ewladqiche ebediy kahinliqning [belgisi] bolidu.
ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىھلىنىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي كاھىنلىقنىڭ [بەلگىسى] بولىدۇ.
16 Musa shundaq qildi; Perwerdigar uninggha néme buyrughan bolsa, u shundaq beja keltürdi.
مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، ئۇ شۇنداق بەجا كەلتۈردى.
17 Shundaq boldiki, ikkinchi yilning birinchi éyida, ayning birinchi künide ibadet chédiri tiklendi.
شۇنداق بولدىكى، ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئىبادەت چېدىرى تىكلەندى.
18 Musa chédirni tikip, tegliklirini orunlashturup, taxtaylirini tizip, ularning baldaqlirini békitip, xadilirini tiklidi.
مۇسا چېدىرنى تىكىپ، تەگلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاختايلىرىنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ بالداقلىرىنى بېكىتىپ، خادىلىرىنى تىكلىدى.
19 Muqeddes chédirning üstige [ichki] yopuqni yapti, andin uning üstige tashqi yopuqni yépip qoydi; bularning hemmisi Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qilindi.
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۈستىگە [ئىچكى] يوپۇقنى ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى يوپۇقنى يېپىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
20 Andin u höküm-guwahliqni élip, uni sanduq ichige qoydi; baldaqlarni ehde sanduqining [halqiliridin] ötküzüp, «kafaret texti»ni sanduqning üstige orunlashturdi.
ئاندىن ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ئېلىپ، ئۇنى ساندۇق ئىچىگە قويدى؛ بالداقلارنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ [ھالقىلىرىدىن] ئۆتكۈزۈپ، «كافارەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى.
21 Ehde sanduqini muqeddes chédir ichige élip kirip, otturigha «ayrima perde»ni tartti; shundaq qilip u höküm-guwahliq sanduqini perde arqiliq tosup qoydi. Hemme ish Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qilindi.
ئەھدە ساندۇقىنى مۇقەددەس چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئوتتۇرىغا «ئايرىما پەردە»نى تارتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى پەردە ئارقىلىق توسۇپ قويدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
22 U shireni jamaet chédirigha élip kirip, muqeddes jayning shimal teripige, [«eng muqeddes jay»diki] perdining sirtigha qoydi.
ئۇ شىرەنى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي»دىكى] پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى.
23 «Teqdim nanlar»ni shirening üstige, Perwerdigarning aldigha tizip qoydi; bularning hemmisi Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qilindi.
«تەقدىم نانلار»نى شىرەنىڭ ئۈستىگە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
24 Andin u chiraghdanni jamaet chédirigha élip kirip, uni muqeddes jayning jenub teripige, shirening uduligha qoydi,
ئاندىن ئۇ چىراغداننى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى،
25 chiraghlarni Perwerdigarning aldigha orunlashturdi; bularning hemmisi Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qilindi.
چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
26 Andin u [xushbuyni köydürgüchi] altun qurban’gahni ichidiki perdining aldigha tiklidi;
ئاندىن ئۇ [خۇشبۇينى كۆيدۈرگۈچى] ئالتۇن قۇربانگاھنى ئىچىدىكى پەردىنىڭ ئالدىغا تىكلىدى؛
27 Uning üstide ésil xushbuyni köydürdi; bularning hemmisi Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qilindi.
ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇينى كۆيدۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
28 U ibadet chédirining kirish éghizigha perde tartti.
ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتتى.
29 Andin köydürme qurbanliq qurban’gahini jamaet chédiridiki muqeddes jayning kirish éghizigha yéqin qoydi; uning üstide köydürme qurbanliq we qoshumche ashliq hediyesini ötküzdi; bularning hemmisi Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qilindi.
ئاندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى جامائەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن قويدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئۆتكۈزدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
30 Yuyunush désini jamaet chédiri bilen qurban’gahning otturisigha qoyup, yuyushqa ishlitilidighan suni dasqa toshquzup quydi.
يۇيۇنۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى داسقا توشقۇزۇپ قۇيدى.
31 Musa we Harun bilen uning oghulliri qachanla jamaet chédirigha kirse yaki qurban’gahqa yéqin barsa, Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qollirini shu suda yuyatti. Bular Perwerdigarning Musagha buyrughinidek qilindi.
مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاچانلا جامائەت چېدىرىغا كىرسە ياكى قۇربانگاھقا يېقىن بارسا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قوللىرىنى شۇ سۇدا يۇياتتى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
33 Andin u chédir hem qurban’gahning etrapigha hoyla perdisini tiklep, hoylining kirish éghizining perdisini tartti. Shu teriqide Musa pütkül ishni tamamlidi.
ئاندىن ئۇ چېدىر ھەم قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىغا ھويلا پەردىسىنى تىكلەپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى تارتتى. شۇ تەرىقىدە مۇسا پۈتكۈل ئىشنى تاماملىدى.
34 Shuning bilen bulut jamaet chédirini qaplap, Perwerdigarning julasi ibadet chédirini toldurdi.
شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرىنى قاپلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئىبادەت چېدىرىنى تولدۇردى.
35 Bulut saye chüshürüp, Perwerdigarning julasi chédirni toldurghini üchün, Musa jamaet chédirigha kirelmidi.
بۇلۇت سايە چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى چېدىرنى تولدۇرغىنى ئۈچۈن، مۇسا جامائەت چېدىرىغا كىرەلمىدى.
36 Qachanki bulut jamaet chédiridin kötürülse, Israillar seperge atlinatti. Herbir qétim seperde shundaq bolatti.
قاچانكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىناتتى. ھەربىر قېتىم سەپەردە شۇنداق بولاتتى.
37 Bulut kötürülmise ular qozghalmay, taki kötürülidighan kün’giche seperge chiqmaytti.
بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە ئۇلار قوزغالماي، تاكى كۆتۈرۈلىدىغان كۈنگىچە سەپەرگە چىقمايتتى.
38 Chünki kündüzi Perwerdigarning buluti muqeddes chédir üstide turatti, kéchisi uning üstide ot körünetti; pütkül Israil jemetining köz aldida ularning barliq qilghan seperliride shular körünetti.
چۈنكى كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى مۇقەددەس چېدىر ئۈستىدە تۇراتتى، كېچىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئوت كۆرۈنەتتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغان سەپەرلىرىدە شۇلار كۆرۈنەتتى.

< Misirdin chiqish 40 >