< Misirdin chiqish 2 >

1 Lawiyning jemetidin bolghan bir kishi bérip, Lawiyning neslidin bolghan bir qizni xotunluqqa aldi.
لاۋىينىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى بېرىپ، لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى.
2 Bu ayal hamilidar bolup, bir oghul tughdi. Ana uning chirayliq ikenlikini körüp, uni üch ay yoshurup saqlidi.
بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ ساقلىدى.
3 Uni yene yoshurushqa amalsiz qalghanda, qomushtin bir séwet yasap, uninggha yaryélim we mom suwap, balini ichige sélip, deryaning qirghiqidiki qomushluq arisigha qoyup qoydi.
ئۇنى يەنە يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قومۇشتىن بىر سېۋەت ياساپ، ئۇنىڭغا ياريېلىم ۋە موم سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى.
4 Andin balining hedisi uninggha néme bolarkin dep yiraqtin qarap turdi.
ئاندىن بالىنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ يىراقتىن قاراپ تۇردى.
5 U waqitta Pirewnning qizi sugha chömülgili derya terepke keldi; uning chöriliri derya boyida aylinip yürdi. Pirewnning qizi qomushluqning arisida turghan séwetni körüp, xas chörisini uni élip chiqishqa ewetti.
ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلگىلى دەريا تەرەپكە كەلدى؛ ئۇنىڭ چۆرىلىرى دەريا بويىدا ئايلىنىپ يۈردى. پىرەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپ، خاس چۆرىسىنى ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى.
6 U séwetni échip qariwidi, mana, bir oghul balini kördi we u bala yighlap ketti. Melike uninggha ich aghritip: — Bu shübhisizki ibraniylarning baliliridin biri iken, dédi.
ئۇ سېۋەتنى ئېچىپ قارىۋىدى، مانا، بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە ئۇ بالا يىغلاپ كەتتى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: ــ بۇ شۈبھىسىزكى ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن، دېدى.
7 U chaghda balining hedisi Pirewnning qizidin: — Men bérip, sili üchün balini émitip baqidighan bir ibraniy inik ana tépip kéleymu? — dep soridi.
ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھەدىسى پىرەۋننىڭ قىزىدىن: ــ مەن بېرىپ، سىلى ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8 Pirewnning qizi uninggha: — Barghin, dédi. Qiz bérip bowaqning anisini chaqirip keldi.
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، دېدى. قىز بېرىپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى.
9 Pirewnning qizi uninggha: — Bu balini élip kétip men üchün émitip béqip ber; heqqingni bérimen, dédi. Shuning bilen ayal balini élip kétip, uni émitip baqti.
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىپ مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ بېقىپ بەر؛ ھەققىڭنى بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى.
10 Bala chong bolghanda uni Pirewnning qizining qéshigha élip bardi; u uninggha oghul boldi. U: «Men uni sudin chiqiriwalghan» dep uninggha Musa dégen isimni qoydi.
بالا چوڭ بولغاندا ئۇنى پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. ئۇ: «مەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالغان» دەپ ئۇنىڭغا مۇسا دېگەن ئىسىمنى قويدى.
11 Musa chong bolghandin kéyinki künlerde shundaq boldiki, u öz qérindashlirining yénigha bardi we ularning éghir emgekke séliniwatqanliqini öz közi bilen kördi. Arida, bir misirliqning ibraniy qérindashliridin birini uruwatqanliqini kördi.
مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
12 U töt etrapigha qarap, adem yoqluqini körüp, héliqi misirliqni urup öltürüp, qumgha kömüp yoshurup qoydi.
ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى.
13 Etisi u yene chiqip qariwidi, mana ikki ibraniy bir-biri bilen soqushuwatatti; u yolsizliq qiliwatqan kishige: — Öz qérindishingni némishqa urisen? — dédi.
ئەتىسى ئۇ يەنە چىقىپ قارىۋىدى، مانا ئىككى ئىبرانىي بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى؛ ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان كىشىگە: ــ ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ــ دېدى.
14 Héliqi kishi jawab bérip: — Kim séni bizge hakim we soraqchi qilip qoydi? Héliqi misirliqni öltürginingdek ménimu öltürmekchimusen? — dédi. Musa bu gepni anglap qorqup öz ichide: «Men qilghan ish jezmen ashkara bolup qaptu!» dep oylidi.
ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ ئۆز ئىچىدە: «مەن قىلغان ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ!» دەپ ئويلىدى.
15 Pirewn hem bu ishtin xewer tépip, Musani öltürmekchi boldi; lékin Musa Pirewnning aldidin qéchip, Midiyan zéminigha bérip olturaqlashti. Bir küni, u quduqning yénigha kélip olturdi.
پىرەۋن ھەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى؛ لېكىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ، مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. بىر كۈنى، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
16 Midiyanning kahinining yette qizi bar idi; ular kélip, atisining qoylirini sughirishqa su tartip oqurlargha quyup toldurushqa bashlidi.
مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇلار كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تارتىپ ئوقۇرلارغا قۇيۇپ تولدۇرۇشقا باشلىدى.
17 U waqitta [yerlik] padichilar kélip, ularni heydidi, Musa qopup qizlargha yardem bérip, qoylirini sughiriship berdi.
ئۇ ۋاقىتتا [يەرلىك] پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى.
18 Ular atisi Réuelning qéshigha yénip kelgende, ulardin: — Némishqa bügün shunche téz yénip keldinglar? — dep soridi.
ئۇلار ئاتىسى رېئۇئەلنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئۇلاردىن: ــ نېمىشقا بۈگۈن شۇنچە تېز يېنىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
19 Ular jawab bérip: — Bir misirliq adem bizni padichilarning qolidin qutquzdi hemde biz üchün su tartip, qoy padimizni sughiripmu berdi! — dédi.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ھەمدە بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قوي پادىمىزنى سۇغىرىپمۇ بەردى! ــ دېدى.
20 U qizlirigha: — Undaqta u kishi hazir nede?! Uni némishqa sirtta tashlap keldinglar? Uni tamaqqa chaqiringlar, — dédi.
ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى.
21 Musa u kishi bilen bille turushqa maqul boldi. U qizi Zipporahni uninggha xotunluqqa berdi.
مۇسا ئۇ كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇ قىزى زىپپوراھنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.
22 U ayal uninggha bir oghul tughup berdi; Musa «Men yaqa yurtta musapirdurmen» dep, uning ismini Gershom dep qoydi.
ئۇ ئايال ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى؛ مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرشوم دەپ قويدى.
23 Nurghun künler ötüp, Misirning padishahi öldi. Israillar öz qulluq haliti tüpeylidin ah-zar urup, nale-peryad kötürdi; qulluqtin bolghan peryadi Xudaning huzurigha bérip yetti.
نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. ئىسرائىللار ئۆز قۇللۇق ھالىتى تۈپەيلىدىن ئاھ-زار ئۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈردى؛ قۇللۇقتىن بولغان پەريادى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ يەتتى.
24 Xuda ularning ah-zarlirini anglap, Özining Ibrahim bilen, Ishaq bilen we Yaqup bilen tüzgen ehdisini ésige aldi.
خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.
25 Shuning bilen Xuda Israillarning hal-ehwalini kördi we Xuda ulargha köngül böldi.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆردى ۋە خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى.

< Misirdin chiqish 2 >