< Misirdin chiqish 17 >

1 Andin pütkül Israil jamaiti qopup, Sin chölidin chiqip, Perwerdigarning emri boyiche seper qilip, Refidim dégen yerge kélip chédirlirini tikti. Emma u yerde xelqqe ichkili su yoq idi.
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ، سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سەپەر قىلىپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى.
2 Shuning bilen xelq Musa bilen jédelliship: — Bizge ichkili su bergin! — dédi. Lékin Musa ulargha: — Némishqa méning bilen jédellishisiler? Némishqa Perwerdigarni sinaysiler? — dédi.
شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: ــ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! ــ دېدى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنىڭ بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ ــ دېدى.
3 Lékin xelq changqap, su telep qilip, Musadin aghrinip ghotuldiship: — Sen némishqa bizni, balilirimizni we mélimizni ussuzluq bilen öltürüshke Misirdin élip kelding? — dédi.
لېكىن خەلق چاڭقاپ، سۇ تەلەپ قىلىپ، مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ: ــ سەن نېمىشقا بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە مېلىمىزنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈشكە مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى.
4 Shuning bilen Musa Perwerdigargha peryad kötürüp: — Bu xelqni qandaq qilsam bolar?! Ular hélila méni chalma-kések qilishi mumkin! — dédi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈپ: ــ بۇ خەلقنى قانداق قىلسام بولار؟! ئۇلار ھېلىلا مېنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن! ــ دېدى.
5 Perwerdigar Musagha jawaben: — Sen Israilning aqsaqalliridin birnechchisini özüng bilen bille élip chiqip, [Nil] deryasining süyini urghiningda ishletken hasangni qolunggha élip xelqning aldigha barghin;
پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: ــ سەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىپ، [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىڭدا ئىشلەتكەن ھاساڭنى قولۇڭغا ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىغا بارغىن؛
6 Mana, Men shu yerde, Horeb téghidiki qoram tashning üstide séning aldingda turimen; sen qoram tashni urghin. Buning bilen uningdin xelqqe ichkili su chiqidu, — dédi. Musa Israilning aqsaqallirining köz aldida shundaq qildi.
مانا، مەن شۇ يەردە، ھورەب تېغىدىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن؛ سەن قورام تاشنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن خەلققە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، ــ دېدى. مۇسا ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنداق قىلدى.
7 Musa Israillarning jédelleshkini we ularning «Perwerdigar arimizda zadi barmu-yoqmu?» déyiship Perwerdigarni sinighini üchün, u yerni «Massah» we «Meribah» dep atidi.
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جېدەللەشكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا زادى بارمۇ-يوقمۇ؟» دېيىشىپ پەرۋەردىگارنى سىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مەرىباھ» دەپ ئاتىدى.
8 Shu chaghda Amalekler kélip Refidimde Israilgha hujum qildi.
شۇ چاغدا ئامالەكلەر كېلىپ رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى.
9 Musa Yeshuagha: Sen özimizdin Amalek bilen jeng qilishqa adem tallighin. Men ete Xudaning hasisini qolumgha élip döngning choqqisida turup turimen, dédi.
مۇسا يەشۇئاغا: سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن. مەن ئەتە خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولۇمغا ئېلىپ دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ تۇرىمەن، دېدى.
10 Yeshua Musa buyrughinidek qilip, Amalekler bilen jeng qildi. Musa, Harun we Xur döngning choqqisigha chiqti.
يەشۇئا مۇسا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقتى.
11 Shundaq boldiki, Musa qolini kötürüp tursa, Israil ghalib kéletti, lékin u qollirini peske chüshürüp tursa, Amalek ghalib kéletti.
شۇنداق بولدىكى، مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئىسرائىل غالىب كېلەتتى، لېكىن ئۇ قوللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تۇرسا، ئامالەك غالىب كېلەتتى.
12 Musaning qolliri éghirliship ketti; ular bir tashni élip kélip uning astigha qoydi; u uning üstide olturdi; andin Harun bilen Xur biri bir teripide, biri yene bir teripide uning qollirini yölep turdi; bu teriqide uning qolliri taki kün patquche mezmut turdi.
مۇسانىڭ قوللىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىغا قويدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى؛ ئاندىن ھارۇن بىلەن خۇر بىرى بىر تەرىپىدە، بىرى يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى؛ بۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ قوللىرى تاكى كۈن پاتقۇچە مەزمۇت تۇردى.
13 Shundaq qilip, Yeshua Amalek we uning xelqini qilichlap nabut qildi.
شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئامالەك ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلىچلاپ نابۇت قىلدى.
14 Perwerdigar Musagha: — Bir eslime bolsun dep bu ishlarni bir kitabqa yézip qaldurghin, shundaqla shularni Yeshuaning qulaqlirigha oqup ber; chünki Men Amalekning namini asmanlarning astidin, hetta ademlerning ésidinmu mutleq öchürüwétimen, dédi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بىر ئەسلىمە بولسۇن دەپ بۇ ئىشلارنى بىر كىتابقا يېزىپ قالدۇرغىن، شۇنداقلا شۇلارنى يەشۇئانىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەر؛ چۈنكى مەن ئامالەكنىڭ نامىنى ئاسمانلارنىڭ ئاستىدىن، ھەتتا ئادەملەرنىڭ ئېسىدىنمۇ مۇتلەق ئۆچۈرۈۋېتىمەن، دېدى.
15 Andin Musa bir qurban’gahni yasap, namini «Perwerdigar tughumdur» dep atidi
ئاندىن مۇسا بىر قۇربانگاھنى ياساپ، نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى
16 we Musa: — Yahning texti aldida bir qol kötürülüp: — «Perwerdigar ewladtin ewladqiche Amalekke qarshi jeng qilidu» déyilgenidi, — dédi.
ۋە مۇسا: ــ ياھنىڭ تەختى ئالدىدا بىر قول كۆتۈرۈلۈپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەككە قارشى جەڭ قىلىدۇ» دېيىلگەنىدى، ــ دېدى.

< Misirdin chiqish 17 >