< Misirdin chiqish 11 >

1 Shuning bilen Perwerdigar Musagha: — Yene bir apetni Pirewnning üstige we Misirning üstige chüshürimen. Andin u silerni bu yerdin kétishke yol qoyidu we u silerni hemme nersiliringlar bilen qoshup qoyup bérip, bu yerdin mutleq qoghlap chiqiridu.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. ئاندىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويىدۇ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە نەرسىلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىپ، بۇ يەردىن مۇتلەق قوغلاپ چىقىرىدۇ.
2 Emdi sen xelqqe tapilap: — Her biringlar, er kishilerning herbiri öz qoshnisidin, ayal kishilerning herbiri öz qoshnisidin kümüsh buyumlarni, altun buyumlarni sorap alsun, dégin, — dédi
ئەمدى سەن خەلققە تاپىلاپ: ــ ھەر بىرىڭلار، ئەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن، ئايال كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى سوراپ ئالسۇن، دېگىن، ــ دېدى
3 (Perwerdigar xelqini misirliqlarning aldida iltipat tapquzdi. Shuningdek Musa dégen bu adem Misir zéminida Pirewnning emeldarlirining neziride bolsun, puqralarning neziride bolsun, nahayiti ulugh zat boldi).
(پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى).
4 Andin Musa yene: — Perwerdigar mundaq deydu: — «Men yérim kéchide chiqip Misirni kézip chiqimen.
ئاندىن مۇسا يەنە: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يېرىم كېچىدە چىقىپ مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن.
5 Shu waqitta textte olturuwatqan Pirewnning tunji oghlidin tartip yarghunchaq tartidighan dédekning tunji oghlighiche, shundaqla barliq charpaylarning tunjiliri, yeni Misirdiki barliq tunji jan igiliri ölidu.
شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ.
6 Bu sewebtin pütkül Misir zéminida qattiq bir peryad kötürülidu; uningdin ilgiri shundaq peryad bolup baqmighanidi, mundin kéyinmu bundaq peryad anglanmaydu.
بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا قاتتىق بىر پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق پەرياد بولۇپ باقمىغانىدى، مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پەرياد ئاڭلانمايدۇ.
7 Lékin Israillargha, meyli ademliri, meyli haywanatlirigha bolsun, hetta bir tal itmu qawap qoymaydu. Buningdin Perwerdigarning misirliqlar bilen Israilni perqlendüridighanliqini bilisiler».
لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر».
8 — Shuning bilen bu emeldarliringning hemmisi aldimgha kélip, manga tezim qilip: «Sili özliri we silige egeshken barliq qowmliri chiqip kétishkeyla!» dep éytidu, andin chiqip kétimen» — dédi-de, qattiq ghezep bilen Pirewnning aldidin chiqip ketti.
ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
9 Perwerdigar Musagha: — Misir zéminida Méning karamet möjizilirimning köplep körsitilishi üchün Pirewn silerge qulaq salmaydu, — dégenidi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدا مېنىڭ كارامەت مۆجىزىلىرىمنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ــ دېگەنىدى.
10 Musa bilen Harun bu karamet möjizilerning hemmisini Pirewnning aldida körsitip boldi; lékin Perwerdigar Pirewnning könglini qattiq qilip qoyghini üchün u Israillarni uning zéminidin ketkili qoymidi.
مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى.

< Misirdin chiqish 11 >