< Qanun sherhi 31 >

1 Andin Musa bérip hemme Israilgha söz qildi;
ئاندىن مۇسا بېرىپ ھەممە ئىسرائىلغا سۆز قىلدى؛
2 u mundaq dédi: «Men bügün bir yüz yigirme yashqa kirdim; emdi silerge serdar yaki bashlighuchi bolalmaymen. Perwerdigar manga: Sen bu Iordan deryasidin ötmeysen, dégenidi.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىردىم؛ ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن، دېگەنىدى.
3 Lékin Perwerdigar Xudayinglar Özi silerni yéteklep [deryadin] ötüp, bu ellerni aldinglarda weyran qilidu; shuning bilen ularning mal-mülkini igileysiler; Perwerdigarning éytqinidek, Yeshua silerning aldinglarda bashlap [deryadin] ötidu.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەرنى يېتەكلەپ [دەريادىن] ئۆتۈپ، بۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردا ۋەيران قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، يەشۇئا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ [دەريادىن] ئۆتىدۇ.
4 Perwerdigar Sihon bilen Og dégen ikki Amoriy padishahi we ularning zéminini halak qilghandek, u bu ellergimu shundaq qilidu.
پەرۋەردىگار سىھون بىلەن ئوگ دېگەن ئىككى ئامورىي پادىشاھى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلغاندەك، ئۇ بۇ ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
5 Emma Perwerdigar ularni qolunglargha tapshurghinida, men silerge tapilighan pütkül emr boyiche ulargha muamile qilisiler.
ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغىنىدا، مەن سىلەرگە تاپىلىغان پۈتكۈل ئەمر بويىچە ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىسىلەر.
6 Jür’etlik we qeyser bolunglar, ularning aldida titrimenglar, ulardin héch qorqmanglar; chünki siler bilen birge barghuchi Perwerdigar Xudayinglar Özidur; U silerdin waz kechmeydu, silerni hergiz tashliwetmeydu!».
جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!».
7 Andin Musa Yeshuani chaqirip pütkül Israilning köz aldida uninggha söz qilip: «Sen jür’etlik we qeyser bolghin; chünki bu xelq Perwerdigar ularning ata-bowilirigha qesem qilip bérishke wede qilghan zémin’gha kirgende sen ular bilen bille bérishing kérek; sen ulargha uni igilitip miras qildurisen.
ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن.
8 Mana, séning aldingda mangghuchi Perwerdigar Özidur; U sen bilen bille bolup sendin waz kechmeydu, séni hergiz tashliwetmeydu! Sen qorqmighin, parakende bolma!» — dédi.
مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى.
9 Musa bu qanunni yézip bolup, uni Perwerdigarning ehde sanduqini kötüridighan Lawiyning ewladi bolghan kahinlar bilen Israilning barliq aqsaqallirigha tapshurup berdi.
مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ بولۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىينىڭ ئەۋلادى بولغان كاھىنلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
10 Musa ulargha mundaq buyrudi: — «Her yette yilning axirqi yilida, yeni azadliq yili dep békitilgen waqitta, «kepiler héyti» bashlan’ghanda,
مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا،
11 Israilning hemmisi kélip Perwerdigar Xudayingning huzurida jem bolush üchün u tallaydighan jaygha yighilghanda, uni anglisun dep pütkül Israilning aldida bu qanunni oqup bérisen.
ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇ تاللايدىغان جايغا يىغىلغاندا، ئۇنى ئاڭلىسۇن دەپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى ئوقۇپ بېرىسەن.
12 Shuning üchün [shu chaghda] barliq xelqni, er bolsun, ayal bolsun, bala bolsun, qowuqliringning ichide turuwatqan musapir bolsun, ularning hemmisi anglap, öginip, Perwerdigar Xudayinglardin qorqup, bu qanunning barliq sözlirini tutup uninggha emel qilsun, dep ularni yighqin.
شۇنىڭ ئۈچۈن [شۇ چاغدا] بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن.
13 Shundaq bolsa, ularning bu qanunni tonumighan balilirimu uni anglap öginip, siler igileshke Iordan deryasidin ötüp baridighan zéminda yashighan barliq künliride Perwerdigar Xudayinglardin qorqidighan bolidu».
شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ».
14 Andin Perwerdigar Musagha söz qilip: «Mana séning ölidighan waqting yéqinliship qaldi. Emdi Yeshuani chaqirghin, ikkinglar jamaet chédirigha bérip shu yerde hazir bolunglar. Men uninggha wezipe tapshurimen» dédi. Shuning bilen Musa bilen Yeshua ikkisi bérip, jamaet chédirida hazir boldi.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى.
15 Perwerdigar bulut tüwrükining ichide köründi; bulut tüwrüki chédirning derwazisining üstide toxtidi.
پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈندى؛ بۇلۇت تۈۋرۈكى چېدىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە توختىدى.
16 Perwerdigar Musagha mundaq dédi: «Mana, sen ata-bowiliringning qéshida uxlash aldida turisen; andin bu xelq qozghilip, baridighan zémindiki yat ilahlargha egiship buzuqchiliq qilip, Méni tashlap, Men ular bilen baghlighan ehdini buzidu.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ.
17 Shu waqitta Méning ghezipim ulargha tutiship, Men ularnimu tashlap, ulardin yüzümni yoshurimen. Ular yutuwétilidu, köp balayi’apet we külpetler béshigha chüshidu we ular shu waqitta: «Shübhisizki, Xudayimiz arimizda bolmighini üchün, bu balalar béshimizgha chüshti» — deydu.
شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا تۇتىشىپ، مەن ئۇلارنىمۇ تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار يۇتۇۋېتىلىدۇ، كۆپ بالايىئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بېشىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا: «شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ بالالار بېشىمىزغا چۈشتى» ــ دەيدۇ.
18 Lékin Men ularning bashqa ilahlargha mayil bolup egiship, qilghan hemme rezillikliri üchün shu küni yüzümni pütünley yoshurimen.
لېكىن مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئەگىشىپ، قىلغان ھەممە رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇ كۈنى يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن.
19 Emdi siler özünglar üchün bu ghezelni pütüp, uni Israillargha ögitinglar; bu ghezelning kéyin Israillarning eyibige Men üchün guwahchi bolushi üchün uni ularning aghzigha salghin.
ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ غەزەلنى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار؛ بۇ غەزەلنىڭ كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئەيىبىگە مەن ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالغىن.
20 Chünki Men ularni Men ata-bowilirigha qesem bilen wede qilghan, süt bilen hesel éqip turidighan yurtqa kirgüzimen; andin ular yep toyup, semrigende bashqa ilahlargha egiship, ularning qulluqigha kiridu we Méni közge ilmay ehdemni buzidu.
چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يۇرتقا كىرگۈزىمەن؛ ئاندىن ئۇلار يەپ تويۇپ، سەمرىگەندە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىدۇ ۋە مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ.
21 Emma shundaq boliduki, köp balayi’apetler bilen külpetler ularning béshigha chüshkinide, bu ghezel ularni eyiblep guwah béridu; chünki bu ghezel ularning ewladlirining aghzida untulmaydu. Chünki Men ularni ulargha qesem bilen wede qilghan zémin’gha téxi kirgüzmeyla ularning néme xiyal qiliwatqinini obdan bilimen».
ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن».
22 Shularni dep, Musa shu küni bu ghezelni yézip, Israillargha ögetti.
شۇلارنى دەپ، مۇسا شۇ كۈنى بۇ غەزەلنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى.
23 Andin [Perwerdigar] Nunning oghli Yeshuagha: «Jür’etlik we qeyser bolghin, chünki sen Men Israillargha qesem bilen wede qilghan zémin’gha ularni bashlap kirisen we Men sen bilen bille bolimen» dep emr qildi.
ئاندىن [پەرۋەردىگار] نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا: «جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، چۈنكى سەن مەن ئىسرائىللارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرىسەن ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دەپ ئەمر قىلدى.
24 Musa bu qanunning sözlirini bir kitabqa pütünley yézip bolghandin kéyin
مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا پۈتۈنلەي يېزىپ بولغاندىن كېيىن
25 u Perwerdigarning ehde sanduqini kötürüp mangghan Lawiylargha buyrup mundaq dédi:
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى:
26 — Bu qanun kitabini silerning eyibinglerge guwahchi bolup turushi üchün Perwerdigar Xudayinglarning ehde sanduqining yénigha qoyunglar.
ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار.
27 Chünki men silerning asiy we boynunglar qattiq ikenlikinglarni bilimen. Mana, men téxi aranglarda tirik tursam Perwerdigargha asiyliq qilip keldinglar; ölümümdin kéyin siler téximu shundaq qilisiler!
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر!
28 Men ularning qulaqlirigha bu sözlerning hemmisini anglitishim üchün, shundaqla yer bilen asmanni ularning eyibige guwahchi bolushqa chaqirishim üchün emdi méning aldimgha qebililiringlarning hemme aqsaqalliri we emeldarlirini yighinglar.
مەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن، شۇنداقلا يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئەيىبىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىشىم ئۈچۈن ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يىغىڭلار.
29 Chünki ölümümdin kéyin silerning tüptin buzulup, men silerge emr qilghan yoldin chetnep kétidighininglarni bilimen. Shuning bilen künlerning axirida külpetler béshinglargha chüshidu; chünki siler Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qilip, qolliringlarning ishliri bilen uning ghezipini qozghaysiler».
چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر».
30 Andin Musa Israillarning pütkül jamaiti aldida bu ghezelning tékistini bashtin-axirghiche oqup berdi: —
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا بۇ غەزەلنىڭ تېكىستىنى باشتىن-ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى: ــ

< Qanun sherhi 31 >