< Timotiygha 2 2 >

1 Shunga ey oghlum, sen Mesih Eysada bolghan méhir-shepqetke tayinip küchlük bol;
شۇڭا ئەي ئوغلۇم، سەن مەسىھ ئەيسادا بولغان مېھىر-شەپقەتكە تايىنىپ كۈچلۈك بول؛
2 we sen köp guwahchilar aldida mendin anglighanliringni hem ishenchlik hemde bashqilarghimu telim béreleydighan ademlerge amanet qilghin.
ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن.
3 Eysa Mesihning yaxshi jengchisi bolush süpitide, xarliq-musheqqetni öz hesseng boyiche ortaq tartqin.
ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن.
4 Jengchi bolghan kishi özini eskerlikke tizimlighan serdarini razi qilish üchün adettiki turmush ishlirini özige helek qiliwalmasliqi kérek.
جەڭچى بولغان كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىغان سەردارىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزىگە ھەلەك قىلىۋالماسلىقى كېرەك.
5 Musabiqige qatnashqan tenheriketchimu musabiqe qaidilirige riaye qilmisa, ghelibe tajigha érishelmeydu.
مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
6 Ejir singdürgen déhqan hosulidin birinchi bolup behrimen bolushi tégishliktur.
ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ھوسۇلىدىن بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولۇشى تېگىشلىكتۇر.
7 Bu sözlirim üstide yaxshi oyla, shuning bilen Reb sanga hemme ishta yorutidu.
بۇ سۆزلىرىم ئۈستىدە ياخشى ئويلا، شۇنىڭ بىلەن رەب ساڭا ھەممە ئىشتا يورۇتىدۇ.
8 Sen Dawutning nesli bolghan, ölümdin tirilgen Eysa Mesihni men yetküzüwatqan xush xewer boyiche ésingde ching tut.
سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت.
9 Bu xush xewerni dep köp xarliq-musheqqet chékip, hetta jinayetchi hésablinip kishenlinip yatimen. Halbuki, Xudaning söz-kalami héch kishenlenmeydu!
بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ!
10 Emdi men del shu sewebtin, [Xuda] tallighan bendilerning Mesih Eysada bolghan nijatqa menggülük shan-sherep bilen érishishi üchün hemme ishqa berdashliq bérimen. (aiōnios g166)
ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، [خۇدا] تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن. (aiōnios g166)
11 Töwendiki bu sözler ishenchliktur: — «Uning bilen bille ölgenikenmiz, Uning bilen hayatta bille yashaymiz.
تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ــ «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز.
12 Qiyinchiliqlargha berdashliq bersek, Uning bilen bille höküm sürimiz. Biz uningdin tansaq, Umu bizdin tanidu.
قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.
13 Biz Uninggha sadaqetsizlik qilsaqmu, U yenila sadaqetliktur; Chünki U Özidin héch tanalmaydu».
بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ».
14 Bu ishlarni dawamliq [qérindashlarning] semige sélip, ularni Reb aldida bimene sözler üstide talash-tartish qilmasliqni estaydilliq bilen agahlandurghin. Bundaq talash-tartishlarning héchqandaq paydisi bolmayla qalmay, belki anglighuchilarni nabut qilidu.
بۇ ئىشلارنى داۋاملىق [قېرىنداشلارنىڭ] سەمىگە سېلىپ، ئۇلارنى رەب ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماسلىقنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى نابۇت قىلىدۇ.
15 Usta tikimchi rextni toghra pichqandek heqiqet sözini durus chüshendürüp, özüngni Xuda aldida testiqlan’ghudek, yerge qarap qalmaydighan mahir bir xizmetkar qilip körsitishke intilip köngül qoyghin;
ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛
16 lékin iplas, quruq geplerdin néri tur. Chünki bundaq geplerni qilghuchilar beribir téximu ixlassizliqqa chömüp kétidu.
لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ.
17 Mushundaqlarning gepliri xuddi merezdek tézla yamrap kétidu. Ximénéyus we Filétoslar mana shundaqlarning ichidiki ikkisidur;
مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛
18 ular heqiqettin chetnep, ölgenlerning tirilishi dégen bu ish alliqachan yüz bérip boldi, deydu, shundaqla bezilerning étiqadini ghulitidu.
ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ.
19 Halbuki, Xudaning mezmut uli ching turmaqta. Uning üstige möhür bilen: «Reb Özige tewe bolghanlarni tonuydu» we «Rebning mubarek namini lewzige alidighanlarning hemmisi rezilliktin qol üzsun» dep möhürlen’gendur.
ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر.
20 Bay-bayashat ademning öyide peqet altun we kümüsh qacha-quchilarla emes, yaghach, sapal qachilarmu bolidu. Qacha-quchilarning beziliri etiwarlinidu, beziliri pes körülidu.
باي-باياشات ئادەمنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلارلا ئەمەس، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. قاچا-قۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەتىۋارلىنىدۇ، بەزىلىرى پەس كۆرۈلىدۇ.
21 Eger bir kishi özini undaqlarning kiridin tazilap xaliy qilsa, u muqeddes qilin’ghan, xojayinimizgha yaraydighan qachidek, herqandaq güzel ishlargha teyyar bolidu.
ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ.
22 Shunglashqa, yashliqning arzu-hewesliridin özüngni qachurghin, pak qelb bilen Rebge nida qilghuchi bilen bille heqqaniyliq, ishench-étiqad, méhir-muhebbet we tinch-xatirjemlikni qoghliship izde.
شۇڭلاشقا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىن، پاك قەلب بىلەن رەبگە نىدا قىلغۇچى بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچ-خاتىرجەملىكنى قوغلىشىپ ئىزدە.
23 Lékin exmiqane, bilimsizliktin chiqqan talash-tartishlargha arilishishni ret qil, chünki bundaq ishlarning jédel tériydighanliqini bilisen.
لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن.
24 Emdilikte Rebning quli jédelleshmesliki, belki hemme kishilerge mulayim-méhriban, telim bérishke mahir, sewr-taqetlik bolushi kérek;
ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛
25 shuning bilen öz-özige qarshi bolghanlargha u Xuda belkim ulargha heqiqetni tonup yétishige towa qilidighan qelbni bérer dep, mömin-mulayimliq bilen nesihet qilsun;
شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛
26 bundaq bolghanda ular uyqusini échip, özlirini öz muddiasigha emel qilishqa tutqun qilghan Iblisning tuziqidin qutulalaydu.
بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.

< Timotiygha 2 2 >