< Samuil 2 2 >

1 Andin kéyin Dawut Perwerdigardin yol sorap: Yehuda sheherlirining birige chiqaymu? dédi; Perwerdigar uninggha: — Chiqqin, dédi. Dawut, nege chiqay? — dep soriwidi, U: Hébron’gha chiqqin — dédi.
ئاندىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە چىقايمۇ؟ دېدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ چىققىن، دېدى. داۋۇت، نەگە چىقاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ھېبرونغا چىققىن ــ دېدى.
2 Shuning bilen Dawut ikki ayali bilen, yeni Yizreellik Ahinoam we esli Karmellik Nabalning ayali bolghan Abigail bilen u yerge chiqti.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالى بىلەن، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە ئەسلى كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىل بىلەن ئۇ يەرگە چىقتى.
3 Dawut uning bilen birge bolghan ademlerning herbirini hem ularning herbiri öz öyidikilerni u yerge élip chiqti; ular Hébronning sheherliride olturaqlashti.
داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەربىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىدىكىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ھېبروننىڭ شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتى.
4 Yehudaning ademlirimu u yerge kélip Dawutni Yehuda jemetige padishah bolushqa mesih qildi. Dawutqa Saulni depne qilghanlar Yabesh-Giléadtikiler, dep xewer bérildi;
يەھۇدانىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇ يەرگە كېلىپ داۋۇتنى يەھۇدا جەمەتىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. داۋۇتقا سائۇلنى دەپنە قىلغانلار يابەش-گىلېئادتىكىلەر، دەپ خەۋەر بېرىلدى؛
5 Dawut Yabesh-Giléadtikilerge elchiler ewetip ulargha: — «Ghojanglar bolghan Saulgha shundaq yaxshiliq qilip, uni depne qilghininglar üchün Perwerdigar silerge bext-beriket ata qilghay.
داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ «غوجاڭلار بولغان سائۇلغا شۇنداق ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي.
6 Perwerdigar silergimu méhribanliq we öz wapaliqini körsetkey; siler bundaq qilghininglar üchün menmu bu yaxshiliqinglarni silerge qayturimen.
پەرۋەردىگار سىلەرگىمۇ مېھرىبانلىق ۋە ئۆز ۋاپالىقىنى كۆرسەتكەي؛ سىلەر بۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن مەنمۇ بۇ ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرىمەن.
7 Emdi hazir gheyretlik bolunglar; chünki ghojanglar Saul öldi, Yehuda jemeti méni mesih qilip, özlirige padishah qildi» — dep xewer yetküzdi.
ئەمدى ھازىر غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى غوجاڭلار سائۇل ئۆلدى، يەھۇدا جەمەتى مېنى مەسىھ قىلىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
8 Emma Saulning qoshunining serdari Nerning oghli Abner Saulning ughli Ishboshetni Mahanaimgha élip bérip,
ئەمما سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئۇغلى ئىشبوشەتنى ماھانائىمغا ئېلىپ بېرىپ،
9 uni Giléadqa, Geshuriylargha, Yizreelge, Efraimgha, Binyamin’gha we shundaqla pütkül Israilgha padishah qildi.
ئۇنى گىلېئادقا، گەشۇرىيلارغا، يىزرەئەلگە، ئەفرائىمغا، بىنيامىنغا ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى.
10 Saulning oghli Ishboshet padishah bolghanda qiriq yashqa kirgenidi. U Israilning üstide ikki yil seltenet qildi. Halbuki, Yehuda jemeti Dawutqa egishetti.
سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت پادىشاھ بولغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ھالبۇكى، يەھۇدا جەمەتى داۋۇتقا ئەگىشەتتى.
11 Dawutning Hébronda Yehuda jemeti üstide seltenet qilghan waqti yette yil alte ay boldi.
داۋۇتنىڭ ھېبروندا يەھۇدا جەمەتى ئۈستىدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يەتتە يىل ئالتە ئاي بولدى.
12 [Bir küni] Nerning oghli Abner Saulning oghli Ishboshetning ademliri bilen Mahanaimdin chiqip Gibéon’gha bardi.
[بىر كۈنى] نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ماھانائىمدىن چىقىپ گىبېئونغا باردى.
13 Shu chaghda Zeruiyaning oghli Yoab bilen Dawutning ademliri chiqip ular bilen Gibéondiki kölning yénida uchrashti. Ulardin bir terep kölning u yéqida, yene bir terep kölning bu yéqida olturdi.
شۇ چاغدا زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى چىقىپ ئۇلار بىلەن گىبېئوندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئۇچراشتى. ئۇلاردىن بىر تەرەپ كۆلنىڭ ئۇ يېقىدا، يەنە بىر تەرەپ كۆلنىڭ بۇ يېقىدا ئولتۇردى.
14 Abner Yoabqa: Yigitler qopup aldimizda éliship oynisun — dédi. Yoab: Qopsun — dédi.
ئابنەر يوئابقا: يىگىتلەر قوپۇپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ ئوينىسۇن ــ دېدى. يوئاب: قوپسۇن ــ دېدى.
15 Ular békitilgen san boyiche Binyamin bilen Saulning oghli Ishboshet tereptin on ikki kishi we Dawutning ademliridin on ikki kishi chiqip otturigha ötti.
ئۇلار بېكىتىلگەن سان بويىچە بىنيامىن بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت تەرەپتىن ئون ئىككى كىشى ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئون ئىككى كىشى چىقىپ ئوتتۇرىغا ئۆتتى.
16 Ular bir-birining béshini qamallap tutup herbiri reqibining biqinigha qilichi bilen sanjishti, hemmisi yiqilip öldi. Shuning bilen u yer «Qilich bislirining étizi» dep ataldi; u Gibéondidur.
ئۇلار بىر-بىرىنىڭ بېشىنى قاماللاپ تۇتۇپ ھەربىرى رەقىبىنىڭ بىقىنىغا قىلىچى بىلەن سانجىشتى، ھەممىسى يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر «قىلىچ بىسلىرىنىڭ ئېتىزى» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ گىبېئوندىدۇر.
17 U kündiki bolghan soqushush intayin esheddiy boldi; Abner bilen Israilning ademliri Dawutning ademliri teripidin meghlup qilindi.
ئۇ كۈندىكى بولغان سوقۇشۇش ئىنتايىن ئەشەددىي بولدى؛ ئابنەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
18 Shu yerde Zeruiyaning oghulliri Yoab, Abishay we Asahel dégen ücheylen bar idi. Asahel xuddi daladiki jerendek chaqqan idi.
شۇ يەردە زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچەيلەن بار ئىدى. ئاساھەل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققان ئىدى.
19 Asahel Abnerning keyidin qoghlap yügürdi; Abnerge egiship onggha yaki solgha burulmay tap bésip qoghlidi.
ئاساھەل ئابنەرنىڭ كەيىدىن قوغلاپ يۈگۈردى؛ ئابنەرگە ئەگىشىپ ئوڭغا ياكى سولغا بۇرۇلماي تاپ بېسىپ قوغلىدى.
20 Abner keynige qarap: Sen Asahelmusen? — dep soridi. U: — Shundaq, men shu, dep jawab berdi.
ئابنەر كەينىگە قاراپ: سەن ئاساھەلمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى.
21 Abner uninggha: Ya onggha ya solgha burulup yigitlerning birige hujum qilip uning yarighini özüngge tartiwalghin, dédi. Lékin Asahel uni qoghlashtin burulushqa unimidi.
ئابنەر ئۇنىڭغا: يا ئوڭغا يا سولغا بۇرۇلۇپ يىگىتلەرنىڭ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ يارىغىنى ئۆزۈڭگە تارتىۋالغىن، دېدى. لېكىن ئاساھەل ئۇنى قوغلاشتىن بۇرۇلۇشقا ئۇنىمىدى.
22 Abner Asahelge yene: Méni emdi qoghlimay burulup ketkin; men séni néme dep urup yiqitqudekmen? Undaq qilsam akang Yoabning aldida qandaqmu yüzümni kötürüleymen? — dédi.
ئابنەر ئاساھەلگە يەنە: مېنى ئەمدى قوغلىماي بۇرۇلۇپ كەتكىن؛ مەن سېنى نېمە دەپ ئۇرۇپ يىقىتقۇدەكمەن؟ ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈلەيمەن؟ ــ دېدى.
23 Lékin Asahel yenila qoghlashtin toxtimidi; shuning bilen Abner neyzisining tutquchini uning qorsiqigha tiqiwetti. Neyze dümbisini tiship chiqti; u shu yerde yiqilip öldi. Shundaq boldiki, Asahel yiqilip ölgen yerge hazir kélidighan herbir kishiler u yerde toxtap qalidu.
لېكىن ئاساھەل يەنىلا قوغلاشتىن توختىمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئابنەر نەيزىسىنىڭ تۇتقۇچىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. نەيزە دۈمبىسىنى تىشىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردە يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنداق بولدىكى، ئاساھەل يىقىلىپ ئۆلگەن يەرگە ھازىر كېلىدىغان ھەربىر كىشىلەر ئۇ يەردە توختاپ قالىدۇ.
24 Shuning bilen Yoab bilen Abishay Abnerni qoghlashti. Kün patqanda ular Gibéonning chölige mangidighan yolning boyigha, Giah yézisining udulidiki Ammah édirliqigha yétip keldi;
شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنەرنى قوغلاشتى. كۈن پاتقاندا ئۇلار گىبېئوننىڭ چۆلىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا، گىئاھ يېزىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئامماھ ئېدىرلىقىغا يېتىپ كەلدى؛
25 Binyaminlar bolsa Abnerning keynide qoshundek sep bolup, bir döng töpisige chiqip turdi.
بىنيامىنلار بولسا ئابنەرنىڭ كەينىدە قوشۇندەك سەپ بولۇپ، بىر دۆڭ تۆپىسىگە چىقىپ تۇردى.
26 Abner Yoabni chaqirip: Qilich daim ademlerni yep turushi kérekmu? Bu ishlarning aqiwiti peqet öch-adawettin ibaret bolidighanliqini bilmemsen? Sen qachan’ghiche xelqlerge: «Qérindashliringlarni qoghlashtin toxtanglar» dep buyrumay turiwérisen?
ئابنەر يوئابنى چاقىرىپ: قىلىچ دائىم ئادەملەرنى يەپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ئۆچ-ئاداۋەتتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن قاچانغىچە خەلقلەرگە: «قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلاشتىن توختاڭلار» دەپ بۇيرۇماي تۇرىۋېرىسەن؟
27 Yoab: Xudaning hayati bilen qesem qilimenki, eger sen mushu sözni qilmighan bolsang, köpchilikning héchbiri qérindashlirini qoghlashtin etigen’gichimu yanmaytti — dédi.
يوئاب: خۇدانىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن مۇشۇ سۆزنى قىلمىغان بولساڭ، كۆپچىلىكنىڭ ھېچبىرى قېرىنداشلىرىنى قوغلاشتىن ئەتىگەنگىچىمۇ يانمايتتى ــ دېدى.
28 Buning bilen Yoab kanay chaldi; hemme [Yehudalar] shuan toxtidi we qayta Israilni qoghlimidi, ular bilen qayta jeng qilishmidi.
بۇنىڭ بىلەن يوئاب كاناي چالدى؛ ھەممە [يەھۇدالار] شۇئان توختىدى ۋە قايتا ئىسرائىلنى قوغلىمىدى، ئۇلار بىلەن قايتا جەڭ قىلىشمىدى.
29 Abner bilen ademliri bolsa kéchiche méngip, Arabah tüzlenglikidin chiqip, Iordan deryasidin ötüp Bitron dégen pütkül yurtni kézip ötüp, Mahanayimgha yétip keldi.
ئابنەر بىلەن ئادەملىرى بولسا كېچىچە مېڭىپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بىترون دېگەن پۈتكۈل يۇرتنى كېزىپ ئۆتۈپ، ماھانايىمغا يېتىپ كەلدى.
30 Yoab Abnerni qoghlashtin yénip barliq ademlerni jem qildi. Asaheldin bashqa Dawutning ghulamliridin on toqquz adem yoq chiqti;
يوئاب ئابنەرنى قوغلاشتىن يېنىپ بارلىق ئادەملەرنى جەم قىلدى. ئاساھەلدىن باشقا داۋۇتنىڭ غۇلاملىرىدىن ئون توققۇز ئادەم يوق چىقتى؛
31 Lékin Dawutning ademliri Binyaminlardin we Abnerning ademliridin üch yüz atmish kishini urup öltürgenidi.
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىنلاردىن ۋە ئابنەرنىڭ ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنىدى.
32 Ular Asahelni élip Beyt-Lehemde öz atisining qebriside depne qildi; andin Yoab bilen ademliri kéchiche méngip, tang atqanda Hébron’gha yétip keldi.
ئۇلار ئاساھەلنى ئېلىپ بەيت-لەھەمدە ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى؛ ئاندىن يوئاب بىلەن ئادەملىرى كېچىچە مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھېبرونغا يېتىپ كەلدى.

< Samuil 2 2 >