< Padishahlar 2 7 >

1 Élisha: Perwerdigarning sözini anglanglar! Perwerdigar mundaq deydu: — Ete mushu waqitlarda Samariyening derwazisida bir xalta aq un bir shekelge we ikki xalta arpa bir shekelge sétilidu, — dédi.
ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە ۋە ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ، ــ دېدى.
2 Emma padishah bélikini tutup mangghan qoshun emeldari bolsa, Xudaning adimige: Mana, hetta Perwerdigar asman’gha tünglük achsimu, undaq ishning bolushi mumkinmu?! dédi. U: — Sen öz közüng bilen körisen, lékin shuningdin yémeysen, dédi.
ئەمما پادىشاھ بېلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان قوشۇن ئەمەلدارى بولسا، خۇدانىڭ ئادىمىگە: مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟! دېدى. ئۇ: ــ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن، دېدى.
3 Emdi derwazining tüwide töt maxaw késili bar adem olturatti. Ular bir-birige: Néme üchün mushu yerde ölümni kütüp olturimiz?
ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟
4 Sheherge kireyli dések, sheherde acharchiliq bolghachqa, u yerde ölimiz; bu yerde oltursaqmu ölimiz. Qopup Suriylerning leshkergahigha kéteyli. Ular bizni ayisa tirik qalimiz; bizni öltüreyli dése ölimiz, xalas, — déyishti.
شەھەرگە كىرەيلى دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولغاچقا، ئۇ يەردە ئۆلىمىز؛ بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ ئۆلىمىز. قوپۇپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا كېتەيلى. ئۇلار بىزنى ئايىسا تىرىك قالىمىز؛ بىزنى ئۆلتۈرەيلى دېسە ئۆلىمىز، خالاس، ــ دېيىشتى.
5 Shuni dep ular kechqurun Suriylerning leshkergahigha barghili qopti. Leshkergahining qéshigha yétip kelgende, mana héch kishi yoq idi.
شۇنى دەپ ئۇلار كەچقۇرۇن سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا بارغىلى قوپتى. لەشكەرگاھىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، مانا ھېچ كىشى يوق ئىدى.
6 Chünki Perwerdigar Suriylerning leshkergahigha jeng harwiliri, atlar we zor chong qoshunning sadasini anglatqanidi. Shuni anglap ular bir-birige: Mana, Israilning padishahi bishek Hittiylarning padishahlirini we Misirliqlarning padishahlirini üstimizge hujum qilghili yalliwaptu, déyishti;
چۈنكى پەرۋەردىگار سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور چوڭ قوشۇننىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقانىدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار بىر-بىرىگە: مانا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىشەك ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئۈستىمىزگە ھۇجۇم قىلغىلى ياللىۋاپتۇ، دېيىشتى؛
7 kechqurun qozghilip chédirlirini, at bilen ésheklirini tashlap leshkergahni shu péti qoyup, öz janlirini qutquzush üchün beder qachqanidi.
كەچقۇرۇن قوزغىلىپ چېدىرلىرىنى، ئات بىلەن ئېشەكلىرىنى تاشلاپ لەشكەرگاھنى شۇ پېتى قويۇپ، ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەر قاچقانىدى.
8 Maxaw késili bar ademler leshkergahning yénigha kélip, bir chédirgha kirip, yep-ichip uningdin kümüsh bilen altunni we kiyimlerni élip yoshurup qoyushti. Andin ular yénip kélip, yene bir chédirgha kirip u yerdiki oljinimu élip yoshurup qoyushti.
ماخاۋ كېسىلى بار ئادەملەر لەشكەرگاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ ئۇنىڭدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە كىيىملەرنى ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. ئاندىن ئۇلار يېنىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ ئۇ يەردىكى ئولجىنىمۇ ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى.
9 Andin ular bir-birige: Bizning bundaq qilghinimiz durus emes. Bügün qutluq xewer bar kündur, lékin biz tinmay turuwatimiz. Sehergiche qalsaq bu yamanliq béshimizgha chüshidu. Uning üchün emdi bérip padishahning ordisidikilerge bu xewerni yetküzeyli, dédi.
ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز دۇرۇس ئەمەس. بۈگۈن قۇتلۇق خەۋەر بار كۈندۇر، لېكىن بىز تىنماي تۇرۇۋاتىمىز. سەھەرگىچە قالساق بۇ يامانلىق بېشىمىزغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بېرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەيلى، دېدى.
10 Shuning bilen ular bérip sheherning derwazisidiki pasibanlarni chaqirip ulargha: Biz Suriylerning leshkergahigha chiqsaq, mana héchkim yoq iken, hetta ademning shepesimu yoqtur; belki atlar baghlaqliq, éshekler baghlaqliq bolup, chédirlar eyni péti turidu, dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېرىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىكى پاسىبانلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: بىز سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا چىقساق، مانا ھېچكىم يوق ئىكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ شەپەسىمۇ يوقتۇر؛ بەلكى ئاتلار باغلاقلىق، ئېشەكلەر باغلاقلىق بولۇپ، چېدىرلار ئەينى پېتى تۇرىدۇ، دېدى.
11 Derwazidiki pasibanlar shu xewerni towlap élan qilip, padishahning ordisigha xewer yetküzdi.
دەرۋازىدىكى پاسىبانلار شۇ خەۋەرنى توۋلاپ ئېلان قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا خەۋەر يەتكۈزدى.
12 Padishah kéchisi qopup xizmetkarlirigha: — Men Suriylerning bizge néme qilmaqchi bolghinini silerge dep bérey. Ular bizning acharchiliqta qalghinimizni bilip, leshkergahdin chiqip dalada mökünüwélip: — Israillar sheherdin chiqsa, biz ularni tirik tutup, andin sheherge kireleymiz, déyishken gep, dédi.
پادىشاھ كېچىسى قوپۇپ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن سۇرىيلەرنىڭ بىزگە نېمە قىلماقچى بولغىنىنى سىلەرگە دەپ بېرەي. ئۇلار بىزنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغىنىمىزنى بىلىپ، لەشكەرگاھدىن چىقىپ دالادا مۆكۈنۈۋېلىپ: ــ ئىسرائىللار شەھەردىن چىقسا، بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرەلەيمىز، دېيىشكەن گەپ، دېدى.
13 Xizmetkarliridin biri jawab bérip: — Birnechche kishini sheherde qalghan atlardin beshni élip (ularning aqiwiti bu yerde qalghan Israilning barliq kishiliriningkidin, hetta halak bolghanlarningkidin better bolmaydu!), ularni körüp kélishke eweteyli, dédi.
خىزمەتكارلىرىدىن بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ بىرنەچچە كىشىنى شەھەردە قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ (ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بۇ يەردە قالغان ئىسرائىلنىڭ بارلىق كىشىلىرىنىڭكىدىن، ھەتتا ھالاك بولغانلارنىڭكىدىن بەتتەر بولمايدۇ!)، ئۇلارنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتەيلى، دېدى.
14 Shuning bilen ular ikki jeng harwisi bilen ulargha qatidighan atlarni teyyar qildi. Padishah ularni Suriylerning qoshunining keynidin ewetip: — Bérip ehwalni körüp kélinglar, dep buyrudi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئۇلارغا قاتىدىغان ئاتلارنى تەييار قىلدى. پادىشاھ ئۇلارنى سۇرىيلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ كەينىدىن ئەۋەتىپ: ــ بېرىپ ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
15 Bular ularning izidin Iordan deryasighiche qoghlap bardi; we mana, pütkül yol boyi Suriyler aldirap qachqanda tashliwetken kiyim-kéchek we herxil eswab-üsküniler bilen tolghanidi. Elchiler yénip kélip padishahqa shuni xewer qildi.
بۇلار ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئىئوردان دەرياسىغىچە قوغلاپ باردى؛ ۋە مانا، پۈتكۈل يول بويى سۇرىيلەر ئالدىراپ قاچقاندا تاشلىۋەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولغانىدى. ئەلچىلەر يېنىپ كېلىپ پادىشاھقا شۇنى خەۋەر قىلدى.
16 U waqitta xelq chiqip Suriylerning leshkergahidin oljilarni talidi; shuning bilen Perwerdigarning éytqan sözidek, bir xalta aq un bir shekelge, ikki xalta arpa bir shekelge sétildi.
ئۇ ۋاقىتتا خەلق چىقىپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئولجىلارنى تالىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزىدەك، بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە، ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلدى.
17 Emdi padishah bilikini tutup mangghan héliqi emeldarni derwazini bashqurushqa teyinlep qoyghanidi. Emdi xalayiq derwazidin [étilip chiqqanda] uni dessep-cheyliwetti we shuning bilen u öldi. Bu ish padishah Xudaning adimini tutmaqchi bolup, uning aldigha barghanda, del Élisha éytqandek boldi.
ئەمدى پادىشاھ بىلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان ھېلىقى ئەمەلدارنى دەرۋازىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەپ قويغانىدى. ئەمدى خالايىق دەرۋازىدىن [ئېتىلىپ چىققاندا] ئۇنى دەسسەپ-چەيلىۋەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. بۇ ئىش پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنى تۇتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا، دەل ئېلىشا ئېيتقاندەك بولدى.
18 Shuning bilen Xudaning adimi padishahqa éytqan shu söz emelge ashuruldi: «Ete mushu waqitlarda Samariyening derwazisida ikki xalta arpa bir shekelge we bir xalta aq un bir shekelge sétilidu».
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقان شۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە ۋە بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ».
19 Emma héliqi emeldar Xudaning adimige: — «Mana, hetta Perwerdigar asman’gha tünglük achsimu, undaq bir ishning bolushi mumkinmu?!» dégenidi. U: — «Sen öz közüng bilen körisen, lékin shuningdin yémeysen», dégenidi.
ئەمما ھېلىقى ئەمەلدار خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ «مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟!» دېگەنىدى. ئۇ: ــ «سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن»، دېگەنىدى.
20 Uninggha hem del shundaq boldi; chünki xelq uni derwazida dessep öltürgenidi.
ئۇنىڭغا ھەم دەل شۇنداق بولدى؛ چۈنكى خەلق ئۇنى دەرۋازىدا دەسسەپ ئۆلتۈرگەنىدى.

< Padishahlar 2 7 >