< Padishahlar 2 6 >

1 Peyghemberlerning shagirtliri Élishagha: — Mana bizge séning aldingda turuwatqan yérimiz tar keldi.
پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشاغا: ــ مانا بىزگە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇۋاتقان يېرىمىز تار كەلدى.
2 Iordan deryasining boyigha bérip, herbirimiz birdin yaghach élip, shu yerde turidighan’gha bir turalghu öy yasayli, — dédi. — Béringlar, dep jawab berdi u.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ھەربىرىمىز بىردىن ياغاچ ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغانغا بىر تۇرالغۇ ئۆي ياسايلى، ــ دېدى. ــ بېرىڭلار، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
3 Ularning biri yene: — Iltipat qilip qeminiliring bilen birge barghin, dédi. U: — Bille baray, dédi.
ئۇلارنىڭ بىرى يەنە: ــ ئىلتىپات قىلىپ قەمىنىلىرىڭ بىلەن بىرگە بارغىن، دېدى. ئۇ: ــ بىللە باراي، دېدى.
4 U ular bilen mangdi. Ular Iordan deryasigha bérip, derex késishke bashlidi.
ئۇ ئۇلار بىلەن ماڭدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، دەرەخ كېسىشكە باشلىدى.
5 Lékin ularning biri derex késiwatqanda paltining béshi sugha chüshüp ketti. U warqirap: — Way ghojam, bu ötne alghan palta idi, dédi.
لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ۋارقىراپ: ــ ۋاي غوجام، بۇ ئۆتنە ئالغان پالتا ئىدى، دېدى.
6 Xudaning adimi: Nege chüshti, dep soridi. U chüshken yerni körsitip berdi. U bir shaxni késip, uni sugha tashliwidi, Paltining béshi leylep chiqti.
خۇدانىڭ ئادىمى: نەگە چۈشتى، دەپ سورىدى. ئۇ چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بىر شاخنى كېسىپ، ئۇنى سۇغا تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى.
7 U: Uni qolunggha alghin, déwidi, u kishi qolini uzutup uni tutuwaldi.
ئۇ: ئۇنى قولۇڭغا ئالغىن، دېۋىدى، ئۇ كىشى قولىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.
8 Suriyening padishahi Israil bilen jeng qiliwatatti. U öz xizmetkarliri bilen meslihetliship, palanchi-pokunchi yerde bargah tikimen, dep békitetti.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پالانچى-پوكۇنچى يەردە بارگاھ تىكىمەن، دەپ بېكىتەتتى.
9 Xudaning adimi Israilning padishahigha xewer ewitip: — Sen palanchi-pokunchi yerge bérishtin éhtiyat qilghin, chünki Suriyler u yerge chüshmekchi, dédi.
خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر ئەۋىتىپ: ــ سەن پالانچى-پوكۇنچى يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى سۇرىيلەر ئۇ يەرگە چۈشمەكچى، دېدى.
10 U waqitlarda Israilning padishahi Xudaning adimi özige körsetken jaygha adem ewetip u yerdiki ademlirige éhtiyat qilishni agahlandurdi. Bundaq ish birqanche qétim boldi.
ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئادىمى ئۆزىگە كۆرسەتكەن جايغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئادەملىرىگە ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم بولدى.
11 Buning sewebidin Suriyening padishahi könglide qattiq achchiqlinip, öz xizmetkarlirini chaqirip ulardin: — Arimizdin kimning Israilning padishahi teripide turidighanliqini manga körsitip bermemsiler?! — dep soridi.
بۇنىڭ سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پادىشاھى كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلاردىن: ــ ئارىمىزدىن كىمنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىلەر؟! ــ دەپ سورىدى.
12 Lékin xizmetkarlirining biri: — I ghojam padishah undaq emes; belki Israilda turidighan Élisha dégen peyghember sen yatqan hujrangda qilghan sözliringni Israil padishahigha éytip béridu, — dédi.
لېكىن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرى: ــ ئى غوجام پادىشاھ ئۇنداق ئەمەس؛ بەلكى ئىسرائىلدا تۇرىدىغان ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر سەن ياتقان ھۇجراڭدا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئىسرائىل پادىشاھىغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ــ دېدى.
13 U: Bérip uning nede ikenlikini paylap kélinglar, men adem mangdurup uni tutup kéley, dédi. Ular: — U Dotan shehiride iken, dep xewer qildi.
ئۇ: بېرىپ ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى پايلاپ كېلىڭلار، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى تۇتۇپ كېلەي، دېدى. ئۇلار: ــ ئۇ دوتان شەھىرىدە ئىكەن، دەپ خەۋەر قىلدى.
14 Shuning bilen u shu yerge atliqlar, jeng harwiliri we zor bir qoshunni mangdurdi. Ular kéchisi yétip kélip sheherni qorshiwaldi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەرگە ئاتلىقلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور بىر قوشۇننى ماڭدۇردى. ئۇلار كېچىسى يېتىپ كېلىپ شەھەرنى قورشىۋالدى.
15 Xudaning adimining maliyi seherde turup chiqsa, mana, bir atliqlar we jeng harwiliri qoshuni sheherni qorshiwalghanidi. Malay uninggha: Apla, i ghojam, qandaq qilarmiz? — dédi.
خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ مالىيى سەھەردە تۇرۇپ چىقسا، مانا، بىر ئاتلىقلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرى قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. مالاي ئۇنىڭغا: ئاپلا، ئى غوجام، قانداق قىلارمىز؟ ــ دېدى.
16 Lékin u: Qorqmighin; mana biz bilen birge bolghanlar ular bilen birge bolghanlardin köptur, dédi.
لېكىن ئۇ: قورقمىغىن؛ مانا بىز بىلەن بىرگە بولغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن كۆپتۇر، دېدى.
17 Emdi Élisha dua qilip: I Perwerdigar, malayimning közlirini köreleydighan qilip achqaysen, dédi. U waqitta Perwerdigar yigitning közlirini achti we u eyni ehwalni kördi; mana, pütkül tagh Élishani chöridep turghan yalqunluq at we jeng harwiliri bilen tolghanidi.
ئەمدى ئېلىشا دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، مالايىمنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇ ئەينى ئەھۋالنى كۆردى؛ مانا، پۈتكۈل تاغ ئېلىشانى چۆرىدەپ تۇرغان يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى.
18 Suriyler chüshüp u terepke kelgende, Élisha Perwerdigargha dua qilip: Bu xelqni korluq bilen urghin, dédi. Shuning bilen U Élishaning tiliki boyiche ularni korluq bilen urdi.
سۇرىيلەر چۈشۈپ ئۇ تەرەپكە كەلگەندە، ئېلىشا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: بۇ خەلقنى كورلۇق بىلەن ئۇرغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ تىلىكى بويىچە ئۇلارنى كورلۇق بىلەن ئۇردى.
19 Élisha ulargha: Bu [siler izdigen] yol emes we [siler izdigen] sheher emes; méning keynimdin egishinglar, silerni siler izdigen ademning qéshigha bashlap baray, dep ularni Samariyege bashlap bardi.
ئېلىشا ئۇلارغا: بۇ [سىلەر ئىزدىگەن] يول ئەمەس ۋە [سىلەر ئىزدىگەن] شەھەر ئەمەس؛ مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىڭلار، سىلەرنى سىلەر ئىزدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دەپ ئۇلارنى سامارىيەگە باشلاپ باردى.
20 We shundaq boldiki, ular Samariyege kirgende Élisha: I Perwerdigar, ularning közlirini köreleydighan qilip achqaysen, dédi. Perwerdigar ularning közlirini achti; we mana, ular Samariyening otturisida turatti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە ئېلىشا: ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى؛ ۋە مانا، ئۇلار سامارىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى.
21 Israilning padishahi ularni körgende Élishadin: I atam, ularni öltürüwéteymu? Ularni öltürüwéteymu? dep soridi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى كۆرگەندە ئېلىشادىن: ئى ئاتام، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدى.
22 U: — Sen ularni öltürme; hetta özüng qilich we oqyaying bilen esir qilghanliringni öltürmeydighan yerde, bularni öltürüshke bolamti? Eksiche, ularning aldigha nan, su qoyghin; shuning bilen ular yep-ichip öz ghojisigha yénip ketsun, dédi.
ئۇ: ــ سەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمە؛ ھەتتا ئۆزۈڭ قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىر قىلغانلىرىڭنى ئۆلتۈرمەيدىغان يەردە، بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولامتى؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان، سۇ قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەپ-ئىچىپ ئۆز غوجىسىغا يېنىپ كەتسۇن، دېدى.
23 Shundaq qilip, u ulargha chong ziyapet berdi; ular yep-ichip bolghandin kéyin, andin ularni yolgha saldi. Ular ghojisining yénigha qaytti. Shuningdin kéyin Suriyedin bulangchilar shaykiliri Israilning zéminigha qayta bésip kirmidi.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇلارغا چوڭ زىياپەت بەردى؛ ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار غوجىسىنىڭ يېنىغا قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيەدىن بۇلاڭچىلار شايكىلىرى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا قايتا بېسىپ كىرمىدى.
24 Kéyin shundaq boldiki, Suriyening padishahi Ben-Hadad pütkül qoshunini yighip Samariyeni muhasirige aldi.
كېيىن شۇنداق بولدىكى، سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى يىغىپ سامارىيەنى مۇھاسىرىگە ئالدى.
25 Shuning bilen Samariyede zor acharchiliq boldi. Ular uni shunche uzun qamal qildiki, bir éshek béshi seksen shekel kümüshke, we kepter mayiqining bir chinisining töttin biri besh shekel kümüshke yaraytti.
شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە زور ئاچارچىلىق بولدى. ئۇلار ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن قامال قىلدىكى، بىر ئېشەك بېشى سەكسەن شەكەل كۈمۈشكە، ۋە كەپتەر مايىقىنىڭ بىر چىنىسىنىڭ تۆتتىن بىرى بەش شەكەل كۈمۈشكە يارايتتى.
26 Israilning padishahi sépilning üstidin ötkende, bir ayal uninggha: I ghojam padishah, yardem bergine! dep peryad kötürdi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سېپىلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، بىر ئايال ئۇنىڭغا: ئى غوجام پادىشاھ، ياردەم بەرگىنە! دەپ پەرياد كۆتۈردى.
27 U: Eger Perwerdigar sanga yardem bermise, men sanga qandaq yardem qilay? Ya xamandin ya üzüm kölchikidin yardem tépilamdu?, — dédi.
ئۇ: ئەگەر پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم قىلاي؟ يا خاماندىن يا ئۈزۈم كۆلچىكىدىن ياردەم تېپىلامدۇ؟، ــ دېدى.
28 Padishah emdi uningdin yene: Néme derding bar? dep soridi. U: Mana bu xotun manga: Oghlungni bergin, biz uni bügün yeyli. Ete bolsa méning oghlumni yeymiz, dédi.
پادىشاھ ئەمدى ئۇنىڭدىن يەنە: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: مانا بۇ خوتۇن ماڭا: ئوغلۇڭنى بەرگىن، بىز ئۇنى بۈگۈن يەيلى. ئەتە بولسا مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيمىز، دېدى.
29 U waqitta biz méning oghlumni qaynitip pishurup yéduq. Etisi men uninggha: Emdi sen oghlungni bergin, uni yeyli désem, u öz oghlini yoshurup qoydi, — dédi.
ئۇ ۋاقىتتا بىز مېنىڭ ئوغلۇمنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: ئەمدى سەن ئوغلۇڭنى بەرگىن، ئۇنى يەيلى دېسەم، ئۇ ئۆز ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويدى، ــ دېدى.
30 Padishah ayalning sözini anglap kiyimlirini yirtip-yirtiwetti. U sépilda kétiwatqanda, xelq uning kiyimining ichige, yeni étige böz kiygenlikini körüp qaldi.
پادىشاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى. ئۇ سېپىلدا كېتىۋاتقاندا، خەلق ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئىچىگە، يەنى ئېتىگە بۆز كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى.
31 [Padishah]: — Eger Shafatning oghli Élishaning béshi bügün ténide qalsa, Xuda méning béshimni alsun we uningdinmu artuq jazalisun! — dédi.
[پادىشاھ]: ــ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ بېشى بۈگۈن تېنىدە قالسا، خۇدا مېنىڭ بېشىمنى ئالسۇن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىسۇن! ــ دېدى.
32 Emma Élisha öz öyide olturatti; aqsaqallarmu uning bilen bille olturghanidi. Padishah uning aldigha bir ademni mangdurghanidi. Lékin u xewerchi u yerge yétip barmayla, Élisha aqsaqallargha: — Mana bu jallatning balisining béshimni alghili adem mangdurghanliqini kördünglarmu? Emdi xewerchi kelgende ishikni ching taqap ichidin tiriwélinglar. Mana uning keynidin kelgen ghojisining qedimining awazi angliniwatmamdu? — dédi.
ئەمما ئېلىشا ئۆز ئۆيىدە ئولتۇراتتى؛ ئاقساقاللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغانىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ئادەمنى ماڭدۇرغانىدى. لېكىن ئۇ خەۋەرچى ئۇ يەرگە يېتىپ بارمايلا، ئېلىشا ئاقساقاللارغا: ــ مانا بۇ جاللاتنىڭ بالىسىنىڭ بېشىمنى ئالغىلى ئادەم ماڭدۇرغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئەمدى خەۋەرچى كەلگەندە ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ئىچىدىن تىرىۋېلىڭلار. مانا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن غوجىسىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتمامدۇ؟ ــ دېدى.
33 U ular bilen sözlishiwatqanda, mana xewerchi uning qéshigha chüshüp kélip: «Padishah: «Mana bu balayi’apetning özi Perwerdigar teripidin keldi; men zadi néme dep Perwerdigargha yene ümid baghliyalarmen?» deydu, dédi.
ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كېلىپ: «پادىشاھ: «مانا بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى؛ مەن زادى نېمە دەپ پەرۋەردىگارغا يەنە ئۈمىد باغلىيالارمەن؟» دەيدۇ، دېدى.

< Padishahlar 2 6 >