< Padishahlar 2 5 >

1 Suriye padishahining qoshun serdari Naaman öz ghojisining aldida tolimu qedirlendi we izzetlendi, chünki Perwerdigar uning qoli arqiliq Suriyege nusretler bergenidi. U batur jengchi bolghini bilen, lékin maxaw késilige giriptar bolup qalghanidi.
سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇن سەردارى نائامان ئۆز غوجىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ قەدىرلەندى ۋە ئىززەتلەندى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سۇرىيەگە نۇسرەتلەر بەرگەنىدى. ئۇ باتۇر جەڭچى بولغىنى بىلەن، لېكىن ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.
2 Emdi Suriyler top-top bolup, bulangchiliqqa chiqip Israildin bir kichik qizni tutup kelgenidi; bu qiz Naamanning ayalining xizmitini qilatti.
ئەمدى سۇرىيلەر توپ-توپ بولۇپ، بۇلاڭچىلىققا چىقىپ ئىسرائىلدىن بىر كىچىك قىزنى تۇتۇپ كەلگەنىدى؛ بۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
3 U xanimgha: Kashki, méning ghojam Samariyediki peyghemberning qéshida bolsidi! U uni maxaw késilidin saqaytatti, dédi.
ئۇ خانىمغا: كاشكى، مېنىڭ غوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەرنىڭ قېشىدا بولسىدى! ئۇ ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتاتتى، دېدى.
4 Naaman bérip xojisigha: — Israilning yurtidin bolghan kichik qiz mundaq-mundaq éytti, dédi.
نائامان بېرىپ خوجىسىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ يۇرتىدىن بولغان كىچىك قىز مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى، دېدى.
5 Suriye padishahi: Yaxshi! Sen barghin, men Israilning padishahigha bir mektup ewetimen, dédi. Naaman on talant kümüsh bilen alte ming shekel altun we hem on kishilik kiyimni élip Israilgha bardi.
سۇرىيە پادىشاھى: ياخشى! سەن بارغىن، مەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، دېدى. نائامان ئون تالانت كۈمۈش بىلەن ئالتە مىڭ شەكەل ئالتۇن ۋە ھەم ئون كىشىلىك كىيىمنى ئېلىپ ئىسرائىلغا باردى.
6 U mektupni Israilning padishahigha apirip tapshurup berdi. Mektupta: — «Bu mektup sanga yetkende bilgeysenki, men öz xizmetkarim Naamanni séning qéshinggha mangdurdum. Sen uni maxaw késilidin saqaytqaysen», dep pütülgenidi.
ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بەردى. مەكتۇپتا: ــ «بۇ مەكتۇپ ساڭا يەتكەندە بىلگەيسەنكى، مەن ئۆز خىزمەتكارىم نائاماننى سېنىڭ قېشىڭغا ماڭدۇردۇم. سەن ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقايسەن»، دەپ پۈتۈلگەنىدى.
7 Israilning padishahi xetni oqup bolup, öz kiyimlirini yirtip-yirtiwetti we: — Men Xudamu? Kishini öltürüp hem tirildüreleymenmu? Némishqa u kishi: — Bu ademni maxaw késilidin saqaytqin, dep hawale qilidu? Qéni, oylinip körünglar, u derweqe men bilen jeng qilghili bahane izdeydu, dédi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى ۋە: ــ مەن خۇدامۇ؟ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ھەم تىرىلدۈرەلەيمەنمۇ؟ نېمىشقا ئۇ كىشى: ــ بۇ ئادەمنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقىن، دەپ ھاۋالە قىلىدۇ؟ قېنى، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار، ئۇ دەرۋەقە مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى باھانە ئىزدەيدۇ، دېدى.
8 We shundaq boldiki, Xudaning adimi Élisha Israilning padishahining öz kiyimlirini yirtqinini anglighanda, padishahqa adem ewitip: Némishqa öz kiyimliringni yirtting? U kishi hazir bu yerge kelsun, andin u Israilda bir peyghember bar iken dep bilidu, dédi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقىنىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھقا ئادەم ئەۋىتىپ: نېمىشقا ئۆز كىيىملىرىڭنى يىرتتىڭ؟ ئۇ كىشى ھازىر بۇ يەرگە كەلسۇن، ئاندىن ئۇ ئىسرائىلدا بىر پەيغەمبەر بار ئىكەن دەپ بىلىدۇ، دېدى.
9 Naaman atliri we jeng harwisi bilen kélip, Élishaning öyining ishiki aldida toxtidi.
نائامان ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىسى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى.
10 Élisha bir xewerchini mangdurup Naaman’gha: — Bérip Iordan deryasida yette qétim yuyunup kelgin; shundaq qilsang etliring eslige kélip pakiz bolisen, dédi.
ئېلىشا بىر خەۋەرچىنى ماڭدۇرۇپ نائامانغا: ــ بېرىپ ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنۇپ كەلگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئەتلىرىڭ ئەسلىگە كېلىپ پاكىز بولىسەن، دېدى.
11 Lékin Naaman achchiqlinip yénip kélip: — Mana, u choqum chiqip, méning bilen körishidu, öre turup Xudasi Perwerdigarning namigha nida qilip, [yara] jayning üstide qolini silkip, maxaw késilini saqaytidu, dep oylap kelgenidim.
لېكىن نائامان ئاچچىقلىنىپ يېنىپ كېلىپ: ــ مانا، ئۇ چوقۇم چىقىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ، [يارا] جاينىڭ ئۈستىدە قولىنى سىلكىپ، ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم.
12 Demeshqning deryaliri, yeni Abarna bilen Farpar [deryasining suliri] Israilning hemme suliridin yaxshi emesmu? Men ularda yuyunsam pakiz bolmamdim? — dédi. U qattiq ghezeplinip burulup yolgha chiqti.
دەمەشقنىڭ دەريالىرى، يەنى ئابارنا بىلەن فارپار [دەرياسىنىڭ سۇلىرى] ئىسرائىلنىڭ ھەممە سۇلىرىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇلاردا يۇيۇنسام پاكىز بولمامدىم؟ ــ دېدى. ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇرۇلۇپ يولغا چىقتى.
13 Lékin uning xizmetkarliri uning qéshigha bérip: — I atam, eger peyghember silige éghir bir ishni tapilighan bolsa, qilmasmidila? Undaq bolghan yerde, u silige sugha chüshüp yuyunup, pakiz bolisila, dégen bolsa shundaq qilmamla? — déyishti.
لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر پەيغەمبەر سىلىگە ئېغىر بىر ئىشنى تاپىلىغان بولسا، قىلماسمىدىلا؟ ئۇنداق بولغان يەردە، ئۇ سىلىگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ، پاكىز بولىسىلا، دېگەن بولسا شۇنداق قىلماملا؟ ــ دېيىشتى.
14 Shunga u chüshüp, Xudaning adimining sözige binaen Iordan deryasida yette qétim chömüldi. Shuning bilen uning éti paklinip, kichik balining étidek bolup saqaydi.
شۇڭا ئۇ چۈشۈپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىگە بىنائەن ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتى پاكلىنىپ، كىچىك بالىنىڭ ئېتىدەك بولۇپ ساقايدى.
15 Shuning bilen u barliq hemrahliri bilen Xudaning adimining qéshigha qaytip kélip, uning aldida turup: — Mana emdi pütkül yer yüzide Israildin bashqa yerde Xuda yoq iken, dep bilip yettim; emdi hazir, öz keminengdin bir sowghatni qobul qilghin, dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: ــ مانا ئەمدى پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئىسرائىلدىن باشقا يەردە خۇدا يوق ئىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم؛ ئەمدى ھازىر، ئۆز كەمىنەڭدىن بىر سوۋغاتنى قوبۇل قىلغىن، دېدى.
16 Lékin Élisha: Men xizmitide turuwatqan Perwerdigarning hayati bilen qesem qilimenki, héch némini qobul qilmasmen, dédi. [Naaman] tola ching turuwalsimu, héch qobul qilmidi.
لېكىن ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھېچ نېمىنى قوبۇل قىلماسمەن، دېدى. [نائامان] تولا چىڭ تۇرۇۋالسىمۇ، ھېچ قوبۇل قىلمىدى.
17 Andin Naaman mundaq dédi: — Eger qobul qilmisang, keminengge topidin ikki qéchir yük bérilsun; chünki kemineng bundin kéyin Perwerdigardin bashqa héchqandaq ilahlargha köydürme qurbanliq yaki inaqliq qurbanliqini keltümeydu.
ئاندىن نائامان مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر قوبۇل قىلمىساڭ، كەمىنەڭگە توپىدىن ئىككى قېچىر يۈك بېرىلسۇن؛ چۈنكى كەمىنەڭ بۇندىن كېيىن پەرۋەردىگاردىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈمەيدۇ.
18 Lékin Perwerdigar keminengning shu bir ishini kechürüm qilghay: ghojamning özi Rimmonning butxanisigha sejde qilmaq üchün kirgende, méning qolumgha yölense men Rimmonning butxanisida tiz püksem, mushu amalsiz tiz pükkinim üchün Perwerdigar men keminengni kechürgey, dédi.
لېكىن پەرۋەردىگار كەمىنەڭنىڭ شۇ بىر ئىشىنى كەچۈرۈم قىلغاي: غوجامنىڭ ئۆزى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا سەجدە قىلماق ئۈچۈن كىرگەندە، مېنىڭ قولۇمغا يۆلەنسە مەن رىمموننىڭ بۇتخانىسىدا تىز پۈكسەم، مۇشۇ ئامالسىز تىز پۈككىنىم ئۈچۈن پەرۋەردىگار مەن كەمىنەڭنى كەچۈرگەي، دېدى.
19 Élisha uninggha: — Sen aman-xatirjemlitke ketkin, dédi. U uningdin ayrilip azghine yol mangdi.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ سەن ئامان-خاتىرجەملىتكە كەتكىن، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئازغىنە يول ماڭدى.
20 Lékin Xudaning adimi Élishaning xizmetkari Gehazi könglide: — Mana, u Suriyelik Naaman élip kelgen nersiliridin ghojam héchnémini almay, uni bikar ketküzüwétiptu. Lékin Perwerdigarning hayati bilen qesem qilimenki, men uning keynidin yügürüp bérip, uningdin azraq bir nerse alay, dep oylidi.
لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گەھازى كۆڭلىدە: ــ مانا، ئۇ سۇرىيەلىك نائامان ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىن غوجام ھېچنېمىنى ئالماي، ئۇنى بىكار كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئازراق بىر نەرسە ئالاي، دەپ ئويلىدى.
21 Shuni dep Gehazi Naamanning keynidin bardi. Naaman bir kimning keynidin yügürüp kéliwatqinini körüp, harwisidin chüshüp uning aldigha bérip: Hemme ish tinchliqmu? — dep soridi.
شۇنى دەپ گەھازى نائاماننىڭ كەينىدىن باردى. نائامان بىر كىمنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
22 U: — Tinchliq, — dédi, — emma ghojam méni mangdurup: Mana emdi Efraim taghliqidin peyghemberlerning shagirtliridin ikki yigit qéshimgha keldi. Bulargha bir talant kümüsh bilen ikki kishlik kiyim bersile, dep éytti, — dédi.
ئۇ: ــ تىنچلىق، ــ دېدى، ــ ئەمما غوجام مېنى ماڭدۇرۇپ: مانا ئەمدى ئەفرائىم تاغلىقىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت قېشىمغا كەلدى. بۇلارغا بىر تالانت كۈمۈش بىلەن ئىككى كىشلىك كىيىم بەرسىلە، دەپ ئېيتتى، ــ دېدى.
23 Naaman: — Ikki talant kümüshni qobul qilghin, dep uni zorlap ikki talant kümüshni ikki xaltigha chégip, ikki kishilik kiyimni chiqirip berdi. Bularni Naaman ghulamliridin ikki yigitke yüdküzdi; ular Gehazining aldida bularni kötürüp mangdi.
نائامان: ــ ئىككى تالانت كۈمۈشنى قوبۇل قىلغىن، دەپ ئۇنى زورلاپ ئىككى تالانت كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا چېگىپ، ئىككى كىشىلىك كىيىمنى چىقىرىپ بەردى. بۇلارنى نائامان غۇلاملىرىدىن ئىككى يىگىتكە يۈدكۈزدى؛ ئۇلار گەھازىنىڭ ئالدىدا بۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.
24 U turghan döngge yetkende bularni ularning qolliridin élip öyige tiqip qoydi; andin bu ademlerni ketküzüwetti.
ئۇ تۇرغان دۆڭگە يەتكەندە بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ ئۆيىگە تىقىپ قويدى؛ ئاندىن بۇ ئادەملەرنى كەتكۈزۈۋەتتى.
25 Andin u ghojisining aldigha kirip turdi. Élisha uningdin: — I Gehazi, nege bérip kelding? — dep soridi. U jawab bérip: Qulung héchyerge barmidi, — dédi.
ئاندىن ئۇ غوجىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ تۇردى. ئېلىشا ئۇنىڭدىن: ــ ئى گەھازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: قۇلۇڭ ھېچيەرگە بارمىدى، ــ دېدى.
26 Élisha uninggha: — Melum bir kishi harwisidin chüshüp, keynige yénip, séning aldinggha kelgende, méning rohim shu chaghda séning bilen birge barghan emesmu? Bu kishiler kümüsh bilen kiyim, zeytun baghliri bilen üzümzarlar, qoy bilen kala, malaylar bilen kénizeklerni qobul qilidighan waqitmu?
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ مەلۇم بىر كىشى ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، كەينىگە يېنىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەندە، مېنىڭ روھىم شۇ چاغدا سېنىڭ بىلەن بىرگە بارغان ئەمەسمۇ؟ بۇ كىشىلەر كۈمۈش بىلەن كىيىم، زەيتۇن باغلىرى بىلەن ئۈزۈمزارلار، قوي بىلەن كالا، مالايلار بىلەن كېنىزەكلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتمۇ؟
27 Lékin hazir Naamanning maxaw késili sanga hem neslingge menggüge chaplishidu, — dédi. Shuning bilen u Élishaning qéshidin chiqqanda qardek aq bolup qaldi.
لېكىن ھازىر نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىققاندا قاردەك ئاق بولۇپ قالدى.

< Padishahlar 2 5 >