< Padishahlar 2 20 >

1 Shu künlerde Hezekiya ejel keltürgüchi bir késelge muptila boldi. Amozning oghli Yeshaya peyghember uning qéshigha bérip, uninggha: — «Perwerdigar mundaq deydu: — — Öyüng toghruluq wesiyet qilghin; chünki ejel keldi, yashimaysen» — dédi.
شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن» ــ دېدى.
2 [Hezekiya] bolsa yüzini tam terepke qilip Perwerdigargha dua qilip: —
[ھەزەكىيا] بولسا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ
3 I Perwerdigar, Séning aldingda méning heqiqet we pak dil bilen méngip yürgenlikimni, neziring aldingda durus bolghan ishlarni qilghanliqimni eslep qoyghaysen, — dédi. We Hezekiya yighlap éqip ketti.
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى.
4 Yeshaya chiqip ordidiki ottura hoyligha yetmeste, Perwerdigarning sözi uninggha yétip mundaq déyildi: —
يەشايا چىقىپ ئوردىدىكى ئوتتۇرا ھويلىغا يەتمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
5 Yénip bérip xelqimning bashlamchisi Hezekiyagha mundaq dégin: — «Perwerdigar, atang Dawutning Xudasi mundaq deydu: — «Duayingni anglidim, köz yashliringni kördüm; mana, Men séni saqaytimen. Üchinchi künide Perwerdigarning öyige chiqisen.
يېنىپ بېرىپ خەلقىمنىڭ باشلامچىسى ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، مەن سېنى ساقايتىمەن. ئۈچىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىسەن.
6 Künliringge Men yene on besh yil qoshimen; shuning bilen Men séni we bu sheherni Asuriye padishahining qolidin qutquzimen; Özüm üchün we qulum Dawut üchün Men bu sheherni etrapidiki sépildek qoghdaymen.
كۈنلىرىڭگە مەن يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغدايمەن.
7 (Yeshaya bolsa: — «Enjür poshkili teyyarlanglar, dédi. Ular uni élip kélip, yarisigha chapliwidi, u saqaydi.
(يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، يارىسىغا چاپلىۋىدى، ئۇ ساقايدى.
8 Hezekiya Yeshayadin: Perwerdigar méni saqaytip, üchinchi küni uning öyige chiqidighanliqimni ispatlaydighan’gha qandaq bésharetlik alamet bolidu? — dep sorighanidi.
ھەزەكىيا يەشايادىن: پەرۋەردىگار مېنى ساقايتىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغانغا قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى.
9 Yeshaya: — Perwerdigarning Özi éytqan ishini jezmen qilidighanliqini sanga ispatlash üchün Perwerdigardin shundaq bésharetlik alamet boliduki, sen quyashning pelempey üstige chüshken sayisining on basquch aldigha méngishi yaki on basquch keynige yénishini xalamsen? — dédi.
يەشايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن شۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، سەن قۇياشنىڭ پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ياكى ئون باسقۇچ كەينىگە يېنىشىنى خالامسەن؟ ــ دېدى.
10 Hezekiya: Quyash sayisining on basquch aldigha méngishi asan; saye on bashquch keynige yansun, dégenidi.
ھەزەكىيا: قۇياش سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ئاسان؛ سايە ئون باشقۇچ كەينىگە يانسۇن، دېگەنىدى.
11 Shuning bilen Yeshaya peyghember Perwerdigargha nida qildi we U quyashning Ahaz padishah qurghan pelempey basquchiliri üstige chüshken sayisini yandurup, on basquch keynige mangdurdi).
شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى ۋە ئۇ قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي باسقۇچىلىرى ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ياندۇرۇپ، ئون باسقۇچ كەينىگە ماڭدۇردى).
12 Shu peytte Baladanning oghli Babil padishahi Mérodaq-Baladan, Hezekiyani késel bolup yétip qaptu, dep anglap, xetler hediye bilen ewetti.
شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان، ھەزەكىيانى كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، خەتلەر ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى.
13 Hezekiya bolsa elchilerning gépini tingshap, ulargha barliq xezine-ambarlirini, kümüshni, altunni, dora-dermanlarni, serxil maylarni, sawut-qorallar ambiridiki hemmini we bayliqlirining barliqini körsetti; ordisi we pütkül padishahliqi ichidiki nersilerdin Hezekiya ulargha körsetmigen birimu qalmidi.
ھەزەكىيا بولسا ئەلچىلەرنىڭ گېپىنى تىڭشاپ، ئۇلارغا بارلىق خەزىنە-ئامبارلىرىنى، كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللار ئامبىرىدىكى ھەممىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئوردىسى ۋە پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى.
14 Andin Yeshaya peyghember Hezekiyaning aldigha bérip, uningdin: — «Mushu kishiler néme dédi? Ular séni yoqlashqa nedin kelgen?» — dep soridi. Hezekiya: — «Ular yiraq bir yurttin, yeni Babildin kelgen» dédi.
ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن» دېدى.
15 Yeshaya yene: — «Ular ordangda némini kördi?» dep soridi. Hezekiya: — «Ordamda bar nersilerni ular kördi; bayliqlirimning arisidin men ulargha körsetmigen birimu qalmidi» — dédi.
يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن مەن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى.
16 Yeshaya Hezekiyagha: Perwerdigarning sözini anglap qoyghin: —
يەشايا ھەزەكىياغا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ
17 — Mana shundaq künler kéliduki, ordangda bar nersiler we bügün’ge qeder ata-bowiliring toplap, saqlap qoyghan hemme Babilgha élip kétilidu; héchnerse qalmaydu — deydu Perwerdigar.
ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18 — Hemde Babilliqlar oghulliringni, yeni özüngdin bolghan ewladliringni élip kétidu; shuning bilen ular Babil padishahining ordisida aghwat bolidu.
ــ ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ.
19 Hezekiya emdi öz-özige «Öz künlirimde bolsa aman-tinchliq, Xudaning heqiqet-wapaliqi bolmamdu?», dep Yeshayagha: — «Siz éytqan Perwerdigarning mushu sözi yaxshi iken» — dédi.
ھەزەكىيا ئەمدى ئۆز-ئۆزىگە «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولمامدۇ؟»، دەپ يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى.
20 Hezekiyaning bashqa emelliri, jümlidin uning seltenitining qudriti, uning qandaq qilip sheherge su teminlesh üchün köl, shundaqla su apiridighan nor yasighanliqi «Yehuda padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgen emesmidi?
ھەزەكىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ شەھەرگە سۇ تەمىنلەش ئۈچۈن كۆل، شۇنداقلا سۇ ئاپىرىدىغان نور ياسىغانلىقى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
21 Hezekiya ata-bowilirining arisida uxlidi; oghli Manasseh ornida padishah boldi.
ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئوغلى ماناسسەھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

< Padishahlar 2 20 >