< Padishahlar 2 17 >

1 Yehudaning padishahi Ahazning seltenitining on ikkinchi yilida, Élahning oghli Hoshiya Samariyede Israilgha padishah bolup, toqquz yil seltenet qildi.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىدا، ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى.
2 U Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qilatti; lékin uningdin ilgiri ötken Israilning padishahliridek undaq rezillik qilmaytti.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىدەك ئۇنداق رەزىللىك قىلمايتتى.
3 Asuriyening padishahi Shalmanezer uninggha hujum qilghili chiqqanda, Hoshiya uninggha béqinip sowgha-salam berdi.
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىققاندا، ھوشىيا ئۇنىڭغا بېقىنىپ سوۋغا-سالام بەردى.
4 Emma Asuriyening padishahi Hoshiyaning asiyliq qilmaqchi bolghinini bayqidi; chünki Hoshiya burunqidek Asuriyening padishahigha yilliq sowgha-salam yollimay, belki Misirning padishahi sogha elchilerni mangdurghanidi. Uning üchün Asuriyening padishahi uni tutup, baghlap zindan’gha soliwetti.
ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ ئاسىيلىق قىلماقچى بولغىنىنى بايقىدى؛ چۈنكى ھوشىيا بۇرۇنقىدەك ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا يىللىق سوۋغا-سالام يوللىماي، بەلكى مىسىرنىڭ پادىشاھى سوغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، باغلاپ زىندانغا سولىۋەتتى.
5 Andin Asuriyening padishahi chiqip pütkül [Israil] zéminini talan-taraj qilip, Samariyeni üch yilghiche qamal qildi.
ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى چىقىپ پۈتكۈل [ئىسرائىل] زېمىنىنى تالان-تاراج قىلىپ، سامارىيەنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلدى.
6 Hoshiyaning seltenitining toqquzinchi yilida, Asuriyening padishahi Samariyeni ishghal qilip, Israillarni Asuriyege sürgün qilip, ularni Xalah shehiri, Gozandiki Xabor deryasining boyliri we Médialarning sheherlirige orunlashturdi.
ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى خالاھ شەھىرى، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.
7 Mana, shundaq ishlar boldi; chünki Israillar özlirini Misirning padishahi Pirewnning qolidin qutquzup, Misir zéminidin chiqarghan Perwerdigar Xudasigha gunah qilip bashqa ilahlardin qorqup
مانا، شۇنداق ئىشلار بولدى؛ چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىغا گۇناھ قىلىپ باشقا ئىلاھلاردىن قورقۇپ
8 Perwerdigar Israillarning aldidin heydiwetken yat elliklerning qaide-belgilimiliride, shundaqla Israilning padishahliri özliri chiqarghan qaide-belgilimiliride mangghanidi.
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە ماڭغانىدى.
9 We Israillar öz Perwerdigar Xudasigha qarshi chiqip, yoshurunlarche toghra bolmighan ishlarni qildi; ular barliq sheherliride közet munaridin mustehkem qorghan’ghiche «yuqiri jaylar»ni yasidi.
ۋە ئىسرائىللار ئۆز پەرۋەردىگار خۇداسىغا قارشى چىقىپ، يوشۇرۇنلارچە توغرا بولمىغان ئىشلارنى قىلدى؛ ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىدە كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە «يۇقىرى جايلار»نى ياسىدى.
10 Ular hemme égiz dönglerde we hemme kök derexlerning astida «but tüwrük» we «Asherah» buti turghuzdi.
ئۇلار ھەممە ئېگىز دۆڭلەردە ۋە ھەممە كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «بۇت تۈۋرۈك» ۋە «ئاشەراھ» بۇتى تۇرغۇزدى.
11 Perwerdigar ularning aldidin heydep chiqarghan [yat] ellikler qilghandek, ular hemme «yuqiri jaylar»da xushbuy yaqatti we Perwerdigarning ghezipini keltüridighan herxil rezil ishlarni qilatti.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان [يات] ئەللىكلەر قىلغاندەك، ئۇلار ھەممە «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياقاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل رەزىل ئىشلارنى قىلاتتى.
12 Gerche Perwerdigar ulargha: — «Bu ishni qilmanglar!» dégen bolsimu, ular butlarning qulluqigha bérilip ketkenidi.
گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ «بۇ ئىشنى قىلماڭلار!» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى.
13 Perwerdigar hemme peyghemberler bilen hemme aldin körgüchilerning wasitisi bilen hem Israilni hem Yehudani agahlandurup: Rezil yolliringlardin yénip, ata-bowiliringlargha tapilan’ghan we qullirim bolghan peyghemberler arqiliq silerge testiqlighan pütün qanun’gha boysunup, Méning emrlirim we Méning belgilimilirimni tutunglar, dégenidi.
پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى.
14 Lékin ular qulaq salmay, Perwerdigar Xudasigha ishenmigen ata-bowiliri qilghandek, boyunlirini qattiq qildi.
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بويۇنلىرىنى قاتتىق قىلدى.
15 Ular Uning belgilimilirini, shundaqla U ularning ata-bowiliri bilen tüzgen ehdini we ulargha tapshurghan agah-guwahlarni chetke qaqqan; ular erzimes nersilerge egiship, özliri erzimes bolup chiqti; Perwerdigar ulargha: — Etrapinglardiki elliklerning qilghinidek qilmanglar, dégen del shu ellerge egiship, rezillik qilatti.
ئۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى ۋە ئۇلارغا تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلارنى چەتكە قاققان؛ ئۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ ئەتراپىڭلاردىكى ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدەك قىلماڭلار، دېگەن دەل شۇ ئەللەرگە ئەگىشىپ، رەزىللىك قىلاتتى.
16 Ular Xudasi bolghan Perwerdigarning barliq emrlirini tashlap, özliri üchün quyma mebudlarni, yeni ikki mozayni quydurdi, bir «Asherah but» qildurdi, asmandiki nurghunlighan ay-yultuzlargha bash urdi we Baalning qulluqigha kirdi.
ئۇلار خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇيما مەبۇدلارنى، يەنى ئىككى موزاينى قۇيدۇردى، بىر «ئاشەراھ بۇت» قىلدۇردى، ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە بائالنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.
17 Ular öz oghulliri bilen qizlirini ottin ötküzdi, palchiliq we jadugerlik ishletti, shundaqla Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qilish üchün, özlirini sétip Uning ghezipini qozghidi.
ئۇلار ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك ئىشلەتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى سېتىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
18 Shuning üchün Perwerdigar Israilgha intayin achchiqlinip, ularni Öz neziridin néri qildi; Yehudaning qebilisidin bashqa héchqaysisi öz [zéminida] qaldurulmidi.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن باشقا ھېچقايسىسى ئۆز [زېمىنىدا] قالدۇرۇلمىدى.
19 Lékin Yehudamu öz Xudasi Perwerdigarning emrlirini tutmidi, belki Israil chiqarghan qaide-belgilimiler ichide mangdi.
لېكىن يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتمىدى، بەلكى ئىسرائىل چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە ماڭدى.
20 Uning üchün Perwerdigar Israilning barliq neslini chetke qaqti; ularni Öz neziridin tashlighan künigiche [zéminida] xarliqqa qaldurup, bulangchilarning qoligha tapshurup berdi.
ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ بارلىق نەسلىنى چەتكە قاقتى؛ ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنىگىچە [زېمىنىدا] خارلىققا قالدۇرۇپ، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
21 U Israilni Dawutning jemetidin tartiwalghanidi. Ular Nibatning oghli Yeroboamni padishah qildi we Yeroboam bolsa Israilni Perwerdigarning yolidin yandurup, ularni éghir bir gunahqa patquzup azdurdi.
ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى. ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنى پادىشاھ قىلدى ۋە يەروبوئام بولسا ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر بىر گۇناھقا پاتقۇزۇپ ئازدۇردى.
22 Israillar Yeroboamning qilghan hemme gunahlirida yürüp, ulardin chiqmidi.
ئىسرائىللار يەروبوئامنىڭ قىلغان ھەممە گۇناھلىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقمىدى.
23 Axir bérip Perwerdigar Öz qulliri bolghan peyghemberlerning wasitisi bilen éytqandek, Israilni Öz neziridin néri qildi; Israillar öz yurtidin Asuriyege élip kétilip, u yerde bügün’ge qeder turup keldi.
ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىلنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىدىن ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى.
24 Emma Asuriyening padishahi Babil, Kuttah, Awwa, Xamat we Sefarwaimdin xelqni yötkep Israilning ornigha Samariyening sheherlirige makanlashturdi. Ular shuning bilen Samariyege igidarchiliq qilip sheherlerde olturdi.
ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇتتاھ، ئاۋۋا، خامات ۋە سەفارۋائىمدىن خەلقنى يۆتكەپ ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ماكانلاشتۇردى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلەردە ئولتۇردى.
25 We shundaq boldiki, ular u yerde deslepte olturghinida Perwerdigardin qorqmighanidi; Perwerdigar ularni qiyma-jiyma qilidighan birnechche shirlarni ularning arisigha ewetti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇ يەردە دەسلەپتە ئولتۇرغىنىدا پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىيما-جىيما قىلىدىغان بىرنەچچە شىرلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتتى.
26 Shuning bilen Asuriyening padishahigha xewer yetküzülüp: — Sili yötkep Samariyening sheherliride makanlashturghan xelqler shu yurtning ilahining qaide-yosunlirini bilmeydu; shunga U ularning arisigha shirlarni ewetti; mana bular ularni öltürmekte, chünki xelq yurtning ilahining qaide-yosunlirini bilmeydu, déyildi.
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ: ــ سىلى يۆتكەپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى؛ مانا بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە، چۈنكى خەلق يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ، دېيىلدى.
27 Shuning bilen Asuriyening padishahi emr qilip: — Siler u yerdin élip kelgen kahinlarning birini yene u yerge apiringlar; u u yerde turup, ulargha u yurtning ilahining qaide-yosunlirini ögetsun, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلگەن كاھىنلارنىڭ بىرىنى يەنە ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار؛ ئۇ ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەتسۇن، ــ دېدى.
28 Uning buyruqi bilen ular Samariyedin yötkigen kahinlarning biri kélip, Beyt-Elde turup Perwerdigarning qorqunchini ulargha ögetti.
ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيت-ئەلدە تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى.
29 Lékin shu xelqlerning herbiri öz ilahlirining butlirini yasap, Samariyelikler salghan «yuqiri jaylar»diki ibadetgahlar ichige turghuzdi; herbir xelq özi turghan sheherde shundaq qildi.
لېكىن شۇ خەلقلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر سالغان «يۇقىرى جايلار»دىكى ئىبادەتگاھلار ئىچىگە تۇرغۇزدى؛ ھەربىر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى.
30 Babildin kelgenler Sukkot-Binot dégen mebudni yasidi, Kuttin kelgenler Nergal butni, Xamattin kelgenler Ashima butni,
بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت-بىنوت دېگەن مەبۇدنى ياسىدى، كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتنى،
31 Awwiylar Nibhaz bilen Tartak butlarni yasidi; Sefarwiylar Sefarwaimdiki butliri bolghan Adrammelek bilen Anammelekke öz balilirini atap otta köydürdi.
ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى.
32 Ular emdi mushundaq halette Perwerdigardin qorqup, öz arisidiki her türlük ademlerni özliri üchün «yuqiri jaylar»diki butxanilarda qurbanliqlarni sunidighan kahin qilip békitken.
ئۇلار ئەمدى مۇشۇنداق ھالەتتە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»دىكى بۇتخانىلاردا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان كاھىن قىلىپ بېكىتكەن.
33 Ular Perwerdigardin qorqatti we shuning bilen teng qaysi eldin kelgen bolsa, shu elning qaide-yosunlirida öz ilahlirining qulluqidimu bolatti.
ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ قايسى ئەلدىن كەلگەن بولسا، شۇ ئەلنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدىمۇ بولاتتى.
34 Bügün’ge qeder ular ilgiriki adetler boyiche méngip kelmekte; ular Perwerdigardin qorqmay, Perwerdigar Israil dep atighan Yaqupning ewladlirigha tapilighan belgilimiler we hökümler, qanun we emrlerge muwapiq ish körmeydu.
بۈگۈنگە قەدەر ئۇلار ئىلگىرىكى ئادەتلەر بويىچە مېڭىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ.
35 Perwerdigar ular bilen bir ehde qiliship ulargha buyrup: — «Bashqa ilahlardin qorqmay, ulargha sejde qilmay yaki ulargha bash urmay we ulargha qurbanliq qilmanglar —
پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە قىلىشىپ ئۇلارغا بۇيرۇپ: ــ «باشقا ئىلاھلاردىن قورقماي، ئۇلارغا سەجدە قىلماي ياكى ئۇلارغا باش ئۇرماي ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلماڭلار ــ
36 peqet zor qudret we uzatqan biliki bilen silerni Misir zéminidin chiqarghan Perwerdigardinla qorqunglar, uninggha sejde qilinglar we uninggha qurbanliq sununglar.
پەقەت زور قۇدرەت ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگاردىنلا قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇڭلار.
37 U siler üchün pütküzgen belgilimiler, hökümler, qanun we emrni bolsa, ularni ebedgiche köngül bölüp tutunglar; bashqa ilahlardin qorqmanglar.
ئۇ سىلەر ئۈچۈن پۈتكۈزگەن بەلگىلىمىلەر، ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرنى بولسا، ئۇلارنى ئەبەدگىچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇتۇڭلار؛ باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار.
38 Men siler bilen qilghan ehdini untumanglar ya bashqa ilahlardin qorqmanglar,
مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئۇنتۇماڭلار يا باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار،
39 belki Xudayinglar Perwerdigardin qorqunglar; we U silerni hemme düshmenliringlarning qolidin qutquzidu» — dégenidi.
بەلكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار؛ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېگەنىدى.
40 Lékin ular qulaq salmay, ilgiriki qaide-yosunlarni yürgüzetti.
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، ئىلگىرىكى قائىدە-يوسۇنلارنى يۈرگۈزەتتى.
41 Mushu eller shu teriqide Perwerdigardin qorqatti hem oyma mebudlarning qulluqida bolatti; ularning baliliri bilen balilirining balilirimu shundaq qilatti; öz ata-bowiliri qandaq qilghan bolsa, ularmu bügünki kün’giche shundaq qilip keldi.
مۇشۇ ئەللەر شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ھەم ئويما مەبۇدلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بالىلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى؛ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قانداق قىلغان بولسا، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ كەلدى.

< Padishahlar 2 17 >