< Tarix-tezkire 2 9 >

1 Shébaning ayal padishahi bolsa Sulaymanning dangq-shöhritini anglap, uni qiyin chigish-soallar bilen sinighili Yérusalémgha keldi. U xushbuy buyumlar, intayin tola altun we yaqut-göherler artilghan tögilerni élip, chong debdebe bilen keldi. Sulaymanning qéshigha kelgende öz könglige pükken hemme ish toghruluq uning bilen sözleshti.
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى يېرۇسالېمغا كەلدى. ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى.
2 Sulayman uning hemme sorighanlirigha jawab berdi. Héchnéme Sulayman’gha qarangghu emes idi, belki hemmiside uninggha jawab berdi.
سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە سۇلايمانغا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
3 Shébaning ayal padishahi Sulaymanning danaliqigha, yasighan orda-saraygha,
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا،
4 dastixandiki taamlargha, emeldarlarning qatar-qatar olturushlirigha, xizmetkarlirining qatar-qatar turushlirigha, ularning kiygen kiyimlirige, uning saqiyliri we ularning kiygen kiyimlirige we uning Perwerdigarning öyide atap sun’ghan köydürme qurbanliqlirigha qarap, üni ichige chüshüp ketti.
داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
5 U padishahqa: — Men öz yurtumda silining ishliri we danaliqliri toghrisida anglighan xewer rast iken;
ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛
6 emma men kélip öz közlirim bilen körmigüche bu sözlerge ishenmigenidim; we mana, men hetta yériminimu anglimighan ikenmen; silining danaliqliri bilen beriket-bayashatliqliri men anglighan xewerdin ziyade iken.
ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن ھەتتا يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن.
7 Silining ademliri némidégen bextlik-he! Hemishe silining aldilirida turup danaliqlirini anglaydighan bu xizmetkarliri neqeder bextliktur!
سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلىرى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
8 Silidin söyün’gen, silini özi üchün Israilning textige olturghuzghan Perwerdigar Xudaliri mubarektur! Xudaliri Israilgha baghlighan muhebbiti üchün, ularni menggü mezmut tursun dep U silini toghra höküm we adalet sürgili ular üstige padishah qildi, dédi.
سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! خۇدالىرى ئىسرائىلغا باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇلارنى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرسۇن دەپ ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى ئۇلار ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى، دېدى.
9 U padishahqa bir yüz yigirme talant altun, intayin köp xushbuy buyumlar we yaqut-göherlerni sowgha qildi. Shébaning ayal padishahi Sulayman padishahqa sun’ghan shunche zor miqdardiki xushbuy buyumlar shuningdin kéyin héch körün’gen emes
ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس
10 (Ofirdin altunlarni epkélidighan Huramning xizmetkarliri we Sulaymanning xizmetkarliri yene intayin zor miqdardiki sendel yaghichini we yaqut-göherlernimu élip keldi.
(ئوفىردىن ئالتۇنلارنى ئەپكېلىدىغان ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچىنى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى.
11 Padishah sendel yaghichidin Perwerdigarning öyi üchün we padishahning ordisi üchün pelempeyler yasap hem neghme-nawachilar üchün chiltarlar we sazlarni shuningdin yasatti. Shundaq ésil sendel yaghichi Yehuda zéminida bu waqitqiche héch körülüp baqmighanidi).
پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەيلەر ياساپ ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇنداق ئېسىل سەندەل ياغىچى يەھۇدا زېمىنىدا بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى).
12 Sulayman padishah Shébaning ayal padishahigha uning özige qilghan sowghiliridin ashurup sowgha tutti, ayal padishahning köngli tartqan hemmini — néme sorisa, shuni berdi; andin u xizmetkarliri bilen yolgha chiqip öz yurtigha qaytip ketti.
سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوۋغىلىرىدىن ئاشۇرۇپ سوۋغا تۇتتى، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
13 Sulayman’gha her yili keltürülgen altunning özi alte yüz atmish alte talant idi.
سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى.
14 Bu kirimdin bashqa, oqetchi-tijaretchiler, barliq ereb padishahlar we öz zéminidiki emeldarlarmu altun-kümüshlerni élip Sulayman’gha tapshuratti.
بۇ كىرىمدىن باشقا، ئوقەتچى-تىجارەتچىلەر، بارلىق ئەرەب پادىشاھلار ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلارمۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ سۇلايمانغا تاپشۇراتتى.
15 Sulayman padishah ikki yüz chong siparni soqturdi we her sipargha alte yüz shekel altun ketti.
سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى.
16 Shundaqla üch yüz qalqanni yapilaqlan’ghan altundin yasidi; herbir qalqanni yasashqa üch yüz shekel altun ishlitildi; padishah ularni «Liwan ormini sariyi»gha ésip qoydi.
شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ يۈز شەكەل ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى.
17 Padishah pil chishliridin chong bir text yasap, uni sap altun bilen qaplatti.
پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەخت ياساپ، ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.
18 Textning alte qewetlik pelempiyi bar idi, uning bir altun putperisi text bilen tutiship turatti; orunduqning ikki yénida tayan’ghuchisi bar idi, herbir tayan’ghuchning yénida birdin öre turghan shirning heykili bar idi.
تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى، ئۇنىڭ بىر ئالتۇن پۇتپەرىسى تەخت بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى؛ ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.
19 Alte qewetlik pelempeyning üstide, ong we sol teripide öre turghan on ikki shirning heykili bolup, herbir basquchning ong-sol teripide birdin bar idi; bashqa héchqandaq elde uninggha oxshash yasalghini yoq idi.
ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى.
20 Sulayman padishahning barliq jam-piyaliliri altundin yasalghan; «Liwan ormini Sarayi»diki barliq qacha-quchilar tawlan’ghan altundin yasalghan; Sulaymanning künliride kümüsh héchnéme hésablinatti.
سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارايى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمە ھېسابلىناتتى.
21 Chünki padishahning kémiliri Huramning xizmetkarliri bilen bille Tarshishqa bérip turatti; «Tarshish kéme»ler her üch yilda bir qétim kélip altun-kümüsh, pil chishliri, maymunlar we tozlarni ekéletti.
چۈنكى پادىشاھنىڭ كېمىلىرى ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە تارشىشقا بېرىپ تۇراتتى؛ «تارشىش كېمە»لەر ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى.
22 Sulayman padishah yer yüzidiki barliq padishahlardin bayliqta we danaliqta üstün idi.
سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى.
23 Xudaning Sulaymanning könglige salghan danaliqini anglash üchün yer yüzidiki barliq padishahlar uning bilen didarlishish arzusi bilen kéletti;
خۇدانىڭ سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى؛
24 kelgenlerning hemmisi öz sowghitini élip kéletti; yeni kümüsh qacha-quchilar, altun qacha-quchilar, kiyim-kéchekler, dubulgha-sawutlar, tétitqular, atlar we qéchirlarni élip kéletti. Her yili ular belgilik miqdarda shundaq qilatti.
كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھەر يىلى ئۇلار بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى.
25 We Sulaymanning jeng harwisigha qatidighan atliri üchün töt ming éghili bar idi, shuningdek on ikki ming atliq eskiri bar idi; u ularni «jeng harwisi sheherliri»ge we özi turidighan Yérusalémgha orunlashturdi.
ۋە سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىسىغا قاتىدىغان ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئېغىلى بار ئىدى، شۇنىڭدەك ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى.
26 Sulayman [Efrat] deryasidin Filistiye zéminighiche taki Misirning chégrisigha qeder bolghan barliq padishahliqlar üstidin hökümranliq qildi.
سۇلايمان [ئەفرات] دەرياسىدىن فىلىستىيە زېمىنىغىچە تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغا قەدەر بولغان بارلىق پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
27 Padishah Yérusalémda kümüshni tashtek köp, kédir derexlirini jenubiy tüzlengliktiki üjme derexlirige oxshash nurghun qildi.
پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى.
28 Kishiler atlarni Misirdin we herqaysi yurtlardin Sulayman’gha yetküzüp bérip turatti.
كىشىلەر ئاتلارنى مىسىردىن ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىن سۇلايمانغا يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇراتتى.
29 Sulaymanning bashqa emelliri bashtin axirighiche «Natan peyghemberning bayanliri», «Shilohluq Axiyahning bishariti», shundaqla Nibatning oghli Yeroboam toghruluq «Aldin körgüchi Iddo körgün alamet körünüshler» dégen kitablargha pütülgen emesmidi?
سۇلايماننىڭ باشقا ئەمەللىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «ناتان پەيغەمبەرنىڭ بايانلىرى»، «شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ بىشارىتى»، شۇنداقلا نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام توغرۇلۇق «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددو كۆرگۈن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر» دېگەن كىتابلارغا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
30 Sulayman Yérusalémda turup pütün Israilning üstidin qiriq yil seltenet qildi.
سۇلايمان يېرۇسالېمدا تۇرۇپ پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى.
31 Sulayman ata-bowiliri arisida uxlidi; xalayiq uni atisi Dawutning shehiride depne qildi; uning oghli Rehoboam uning ornigha padishah boldi.
سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ خالايىق ئۇنى ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ ئوغلى رەھوبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

< Tarix-tezkire 2 9 >