< Tarix-tezkire 2 8 >

1 Shundaq boldiki, yigirme yil ötüp, Sulayman Perwerdigarning öyi bilen padishahning öyini yasap bolghandin kéyin,
شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن،
2 u Hiram özige sowgha qilghan sheherlerni qaytidin qurup chiqti; Israillar shu yerde olturaqlashti.
ئۇ ھىرام ئۆزىگە سوۋغا قىلغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.
3 Sulayman Xamat-Zobah shehirige bérip uni ishghal qildi.
سۇلايمان خامات-زوباھ شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى.
4 U yene chöldiki Tadmorni we özining Xamatta qurghan barliq xezine sheherlirini yene ongshitip qurdi.
ئۇ يەنە چۆلدىكى تادمورنى ۋە ئۆزىنىڭ خاماتتا قۇرغان بارلىق خەزىنە شەھەرلىرىنى يەنە ئوڭشىتىپ قۇردى.
5 U yene Üstünki Beyt-Horon bilen Astinqi Beyt-Horonni sépil, baldaqliq qowuqliri bolghan qorghanliq sheherlerge aylandurdi;
ئۇ يەنە ئۈستۈنكى بەيت-ھورون بىلەن ئاستىنقى بەيت-ھوروننى سېپىل، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان قورغانلىق شەھەرلەرگە ئايلاندۇردى؛
6 Baalatni, shundaqla özige xas hemme xezine sheherlirini, «jeng harwisi sheherliri»ni, atliqlarni orunlashturghan sheherlerni we Yérusalémda, Liwanda we özi soraydighan barliq zéminda xalighinini bina qildi.
بائالاتنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە خەزىنە شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، ئاتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلەرنى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى.
7 Israildin bolmighan Hittiylar, Amoriylar, Perizziyler, Hiwiylar we Yebusiylardin [Israil] zéminida qélip qalghanlarning hemmisini bolsa,
ئىسرائىلدىن بولمىغان ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا،
8 Sulayman bularni, yeni Israillar pütünley yoqatmighan ellerning qalghan ewladlirini qulluq hashagha tutti. Ular bügünki kün’giche shundaq bolup keldi.
سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشاغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى.
9 Lékin Israillardin Sulayman öz ishliri üchün héchkimni qul qilmay, belki ularni leshker, hökümdar-emeldar, harwa bilen atliqlarning serdarliri qildi.
لېكىن ئىسرائىللاردىن سۇلايمان ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى.
10 Bulardin padishah Sulaymanning ishligüchilerning üstige qoyghan chong nazaretchiliri bolup, ikki yüz ellik idi.
بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى.
11 Sulayman Pirewnning qizini «Dawutning shehiri»din özi uninggha saldurghan ordigha ekeltürdi; chünki u: «Ayalimning Israil padishahi Dawutning ordisida turushi muwapiq emes; chünki Perwerdigarning ehde sanduqi barghanliki jaylarning hemmisi muqeddestur», — dédi.
سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر»، ــ دېدى.
12 Sulayman bu chaghda Perwerdigarning qurban’gahida, yeni [muqeddes jayning] aywanining aldigha saldurghan qurban’gahta Perwerdigargha atap köydürme qurbanliq teqdim qilatti;
سۇلايمان بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىدا، يەنى [مۇقەددەس جاينىڭ] ئايۋانىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان قۇربانگاھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلاتتى؛
13 — yeni Musa peyghemberning tapshuruqi boyiche, her küni, shabat künliride, ayning birinchi künliride we her yilda üch qétim ötküzülidighan alahide héyt künliride — «pétir nan héyti», «heptiler héyti» we «kepiler héyti»diki künlerde békitilgen burchluq qurbanliqlarni qilatti.
ــ يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھەر كۈنى، شابات كۈنلىرىدە، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ۋە ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ھېيت كۈنلىرىدە ــ «پېتىر نان ھېيتى»، «ھەپتىلەر ھېيتى» ۋە «كەپىلەر ھېيتى»دىكى كۈنلەردە بېكىتىلگەن بۇرچلۇق قۇربانلىقلارنى قىلاتتى.
14 Sulayman yene atisi Dawutning belgilep bergini boyiche kahinlarning xizmetlirining we Lawiylarning burchlirining ada qilinishi üchün nöwet-guruppilarni békitti; Lawiylarning her küni medhiye oqush we kahinlarning aldida xizmetlerni ada qilish burchi bar idi. Sulayman yene derwaziwenlerni nöwiti boyiche her derwazining xizmitini qilishqa békitti; chünki Xudaning adimi Dawutning buyruqi shundaq idi.
سۇلايمان يەنە ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە كاھىنلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ بۇرچلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن نۆۋەت-گۇرۇپپىلارنى بېكىتتى؛ لاۋىيلارنىڭ ھەر كۈنى مەدھىيە ئوقۇش ۋە كاھىنلارنىڭ ئالدىدا خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرچى بار ئىدى. سۇلايمان يەنە دەرۋازىۋەنلەرنى نۆۋىتى بويىچە ھەر دەرۋازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى.
15 [Kahin-lawiylar] padishahning kahinlargha we Lawiylargha buyrughanliridin, meyli qandaq ish bolsun yaki xezinilerge dair ish bolsun héch bash tartmaytti.
[كاھىن-لاۋىيلار] پادىشاھنىڭ كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بۇيرۇغانلىرىدىن، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ياكى خەزىنىلەرگە دائىر ئىش بولسۇن ھېچ باش تارتمايتتى.
16 Perwerdigarning öyini sélishta, öy uli sélin’ghan kündin tartip pütküche Sulaymanning barliq qurulush ishliri puxta tamamlandi. Shundaq qilip Perwerdigarning öyi pütti.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىشتا، ئۆي ئۇلى سېلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتكۈچە سۇلايماننىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۇختا تاماملاندى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى پۈتتى.
17 Andin Sulayman Édom zéminida [Qizil] déngiz boyidiki Ezion-Geberge we Élatqa qarap mangdi.
ئاندىن سۇلايمان ئېدوم زېمىنىدا [قىزىل] دېڭىز بويىدىكى ئەزىئون-گەبەرگە ۋە ئېلاتقا قاراپ ماڭدى.
18 Huram [padishah] öz xizmetkarliri arqiliq kémiler we déngiz yollirigha pishshiq ademlirini Sulaymanning yénigha ewetti. Ular Sulaymanning xizmetkarliri bilen bille Ofirgha bérip, u yerdin töt yüz ellik talant altun élip, uni padishah Sulaymanning qéshigha yetküzüp keldi.
ھۇرام [پادىشاھ] ئۆز خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق كېمىلەر ۋە دېڭىز يوللىرىغا پىششىق ئادەملىرىنى سۇلايماننىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز ئەللىك تالانت ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنى پادىشاھ سۇلايماننىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ كەلدى.

< Tarix-tezkire 2 8 >