< Tarix-tezkire 2 7 >

1 Sulayman duasini tügitishigila, asmandin ot chüshüp köydürme qurbanliq hemde bashqa qurbanliqlarni qoymay köydürüwetti; Perwerdigarning shan-sheripi öyni toldurdi.
سۇلايمان دۇئاسىنى تۈگىتىشىگىلا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھەمدە باشقا قۇربانلىقلارنى قويماي كۆيدۈرۈۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇردى.
2 Perwerdigarning shan-sheripi öyni tolduruwetkechke, kahinlar Perwerdigarning öyige kirelmidi.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇرۇۋەتكەچكە، كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىدى.
3 Ot chüshkenlikini we Perwerdigarning shan-sheripi öyning üstide toxtighanliqini körüp, Israillarning hemmisi tash yatquzulghan meydanda yükünüp bash urup: «Perwerdigar méhribandur, Uning özgermes muhebbiti menggügiche turidu!» dep Perwerdigargha ibadet qilip teshekkür-medhiye oqushti.
ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى.
4 Padishah we pütkül xelq Perwerdigarning aldida qurbanliqlirini sundi.
پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلىرىنى سۇندى.
5 Sulayman padishah yigirme ikki ming kala, bir yüz yigirme ming qoyni qurbanliq qilip sundi. Shundaq qilip padishah we pütkül xelq Xudaning öyini [Xudagha] béghishlidi.
سۇلايمان پادىشاھ يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوينى قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنى [خۇداغا] بېغىشلىدى.
6 Kahinlar we shundaqla Perwerdigargha atighan sazlarni tutqan Lawiylar öz orunlirida turatti (padishah Dawut bu sazlarni Perwerdigarning medhiyiside ishletkili yasighanidi, [u Perwerdigargha]: «Uning özgermes muhebbiti ebedgichidur» dep medhiye oqughinida ularni ishlitetti); kahinlar Lawiylarning udulida turup kanay chélishatti; Israillarning hemmisi shu yerde öre turushqanidi.
كاھىنلار ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا ئاتىغان سازلارنى تۇتقان لاۋىيلار ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇراتتى (پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىدە ئىشلەتكىلى ياسىغانىدى، [ئۇ پەرۋەردىگارغا]: «ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغىنىدا ئۇلارنى ئىشلىتەتتى)؛ كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ كاناي چېلىشاتتى؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئۆرە تۇرۇشقانىدى.
7 Sulayman Perwerdigarning öyining aldidiki hoylisining otturisini ayrip muqeddes qilip, u yerde köydürme qurbanliqlar we inaqliq qurbanliqilirining yaghlirini sundi; chünki Sulayman yasatqan mis qurban’gah köydürme qurbanliqlar, ash hediyiliri we qurbanliqlarning yaghlirini qobul qilishqa kichik keldi.
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى سۇلايمان ياساتقان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاش ھەدىيىلىرى ۋە قۇربانلىقلارنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى.
8 Shuning bilen u waqitta Sulayman we uning bilen bolghan pütün Israil, yeni Xamat rayonigha kirish éghizidin tartip Misir éqinighiche hemme yerlerdin kelgen zor bir jamaet héyt ötküzdi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت ھېيت ئۆتكۈزدى.
9 Sekkizinchi küni ular tentenilik bir ibadet yighilishi ötküzdi; ular yette kün qurban’gahni Xudagha atap béghishlighanidi andin ular yene yette kün héyt ötküzdi.
سەككىزىنچى كۈنى ئۇلار تەنتەنىلىك بىر ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى؛ ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغانىدى ئاندىن ئۇلار يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى.
10 Yettinchi ayning yigirme üchinchi küni padishah xelqni öz öy-chédirlirige qayturdi; ular Perwerdigarning Dawutqa, Sulayman’gha we Öz xelqi Israilgha qilghan yaxshiliqliri üchün qelbide shad-xuram bolup qaytip ketti.
يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ خەلقنى ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا، سۇلايمانغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ قايتىپ كەتتى.
11 Shundaq qilip Sulayman Perwerdigarning öyini we padishahning ordisini yasap püttürdi. Sulaymanning könglige Perwerdigarning öyide we özining ordisida néme qilish kelgen bolsa, shu ishlarning hemmisi ongushluq pütti.
شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ياساپ پۈتتۈردى. سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىدا نېمە قىلىش كەلگەن بولسا، شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق پۈتتى.
12 Andin Perwerdigar kéchide Sulayman’gha ayan bolup uninggha: «Men séning duayingni anglidim we Özümgimu bu jayni «qurbanliq öyi» bolushqa tallidim.
ئاندىن پەرۋەردىگار كېچىدە سۇلايمانغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ بۇ جاينى «قۇربانلىق ئۆيى» بولۇشقا تاللىدىم.
13 Eger Men asmanni yamghur yaghmaydighan qilip étiwetsem yaki chéketkilerge zémindiki mehsulatlarni yep tashlashni buyrusam we yaki xelqim arisigha waba tarqitiwetsem,
ئەگەر مەن ئاسماننى يامغۇر ياغمايدىغان قىلىپ ئېتىۋەتسەم ياكى چېكەتكىلەرگە زېمىندىكى مەھسۇلاتلارنى يەپ تاشلاشنى بۇيرۇسام ۋە ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا تارقىتىۋەتسەم،
14 [shu chaghda] namim bilen atalghan bu xelqim özini kemter tutup, dua qilip yüzümni izlep, rezil yolliridin yansa, Men asmanda turup anglap, ularning gunahini kechürimen we zéminini saqaytimen.
[شۇ چاغدا] نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن.
15 Emdi bu yerde qilin’ghan dualargha Méning közlirim ochuq we qulaqlirim ding bolidu.
ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ.
16 Men emdi namim menggü bu yerde ayan qilinsun dep bu öyni tallap, uni Özümge muqeddes qildim; közümmu, qelbimmu hemishe shu yerde bolidu.
مەن ئەمدى نامىم مەڭگۈ بۇ يەردە ئايان قىلىنسۇن دەپ بۇ ئۆينى تاللاپ، ئۇنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم؛ كۆزۈممۇ، قەلبىممۇ ھەمىشە شۇ يەردە بولىدۇ.
17 Sen bolsang, atang Dawutning aldimda mangghinidek senmu sanga buyrughinimning hemmisige muwapiq emel qilish üchün belgilimilirim we hökümlirimni tutup aldimda mangsang,
سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئالدىمدا ماڭساڭ،
18 Men emdi atang Dawutqa: «Israilning textide sanga ewladingdin olturushqa bir zat kem bolmaydu» dep ehde qilghinimdek, Men séning padishahliq textingni Israilning üstide mehkem qilimen.
مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئەھدە قىلغىنىمدەك، مەن سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە مەھكەم قىلىمەن.
19 Biraq eger siler Méningdin yüz örüp, Men silerning aldinglarda jakarlighan belgilimilirim we emrlirimni tashlap, bashqa ilahlarning qulluqigha kirip choqunsanglar,
بىراق ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا جاكارلىغان بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ چوقۇنساڭلار،
20 shu chaghda Men Israilni ulargha teqdim qilghan zéminidin yulup tashlaymen; we Öz namimni körsitishke Özümge muqeddes qilghan bu öyni nezirimdin tashlaymen we Israilni hemme xelqler arisida söz-chöchek we tapa-tenining obyékti qilimen;
شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىلنى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى قىلىمەن؛
21 bu öy gerche hazir ulugh bolsimu, shu zamanda uningdin ötkenlerning hemmisi qattiq heyran qiliship: «Perwerdigar bu zémin’gha we bu öyge némishqa shundaq qilghandu?» dep soraydu.
بۇ ئۆي گەرچە ھازىر ئۇلۇغ بولسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھەيران قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ.
22 Kishiler: — Chünki [zémindiki xelqler] ata-bowilirining Xudasi, yeni ularni Misir zéminidin chiqarghan Perwerdigarni tashlap, özlirini bashqa ilarhlargha baghlap, ulargha sejde qilip qulluqida bolghanliqi üchün, U bu pütkül külpetni ularning béshigha chüshürüptu, dep jawab béridu.
كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلارھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

< Tarix-tezkire 2 7 >