< Tarix-tezkire 2 36 >

1 [Yehuda] zéminidiki xelq Yosiyaning oghli Yehoahazni tallap, Yérusalémda atisining ornigha padishah qilip tiklidi.
[يەھۇدا] زېمىنىدىكى خەلق يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى تاللاپ، يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
2 Yehoahaz textke chiqqan chéghida yigirme üch yashta idi; u Yérusalémda üch ay seltenet qildi.
يەھوئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي سەلتەنەت قىلدى.
3 Misir padishahi uni Yérusalémda padishahliqtin bikar qildi we Yehuda zéminigha bir yüz talant kümüsh, bir talant altun jerimane qoydi.
مىسىر پادىشاھى ئۇنى يېرۇسالېمدا پادىشاھلىقتىن بىكار قىلدى ۋە يەھۇدا زېمىنىغا بىر يۈز تالانت كۈمۈش، بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى.
4 Andin Misir padishahi Yehoahazning ornigha uning inisi Éliakimni Yehuda bilen Yérusalém üstige padishah qilip, uning ismini Yehoakimgha özgertti; andin Neqo inisi Yehoahazni Misirgha élip ketti.
ئاندىن مىسىر پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئېلىئاكىمنى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى؛ ئاندىن نەقو ئىنىسى يەھوئاھازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
5 Yehoakim textke chiqqan chéghida yigirme besh yashta bolup, u Yérusalémda on bir yil seltenet qildi; u Perwerdigar Xudasining neziride rezil bolghanni qildi.
يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
6 Babil padishahi Néboqadnesar uninggha hujum qilghili chiqip, uni mis zenjir bilen baghlap Babilgha élip ketti.
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىقىپ، ئۇنى مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
7 Nébuqadnesar yene Perwerdigar öyidiki bir qisim eswab-buyumlarni Babilgha apirip, özining Babildiki butxanisigha qoydi.
نېبۇقادنەسار يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب-بۇيۇملارنى بابىلغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ بابىلدىكى بۇتخانىسىغا قويدى.
8 Yehoakimning qalghan ishliri, uning yirginchlik ishliri, uningdiki eyibler bolsa mana, «Israil we Yehuda padishahlirining tarix-tezkiriliri» dégen kitabta pütülgendur. Uning oghli Yehoakin uning ornigha padishah boldi.
يەھوئاكىمنىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەيىبلەر بولسا مانا، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
9 Yehoakin textke chiqqan chéghida on sekkiz yashta bolup, u Yérusalémda üch ay on kün seltenet qildi; u Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qildi.
يەھوئاكىن تەختكە چىققان چېغىدا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
10 Yéngi yil ötkende, Néboqadnesar adem ewetip Yehoakinni Perwerdigar öyidiki ésil buyumlar bilen birlikte Babilgha ekeldürüp, Yehoakinning taghisi Zedekiyani Yehuda we Yérusalém üstige padishah qilip tiklidi.
يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
11 Zedekiya textke chiqqan chéghida yigirme bir yashta bolup, Yérusalémda on bir yil seltenet qildi;
زەدەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛
12 u Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qildi; Yeremiya peyghember uninggha Perwerdigarning sözlirini yetküzgen bolsimu, u Yeremiyaning aldida özini töwen qilmidi;
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرەمىيانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن قىلمىدى؛
13 u özini Xudaning namida [béqinish] qesimini ichküzgen Néboqadnesardin yüz öridi; boynini qattiq qilip, Israilning Xudasi Perwerdigargha towa qilip yénishqa könglini jahil qildi.
ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ نامىدا [بېقىنىش] قەسىمىنى ئىچكۈزگەن نېبوقادنەساردىن يۈز ئۆرىدى؛ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا توۋا قىلىپ يېنىشقا كۆڭلىنى جاھىل قىلدى.
14 Uning üstige, kahinlarning barliq bashliri bilen xelqning hemmisi yat elliklerning hemme yirginchlik ishlirini dorap, asiyliqlirini ashurdi; ular Perwerdigar Yérusalémda Özige atap muqeddes qilghan öyni bulghiwetti.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاھىنلارنىڭ بارلىق باشلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى يات ئەللىكلەرنىڭ ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى دوراپ، ئاسىيلىقلىرىنى ئاشۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۆزىگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان ئۆينى بۇلغىۋەتتى.
15 Ularning ata-bowilirining Xudasi bolghan Perwerdigar Öz xelqige we turalghusigha ichini aghritqachqa, tang seherde ornidin turup elchilirini ewetip ularni izchil agahlandurup turdi.
ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.
16 Biraq ular Xudaning elchilirini mazaq qilip, söz-kalamlirini mensitmeytti, peyghemberlirini zangliq qilatti; axir bérip Perwerdigarning qehri örlep, qutquzghili bolmaydighan derijide xelqining üstige chüshti.
بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
17 Perwerdigar shuning bilen kaldiylerning padishahini ulargha hujumgha séliwidi, padishah ularning muqeddes öyide yashlirini qilichlidi; qiz-yigitler, qérilar, béshi aqarghanlargha héch ich aghritip olturmay, hemmini öltürüwetti; [Xuda] bularning hemmisini [Kaldiye] padishahining qoligha tapshurdi.
پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز-يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ [خۇدا] بۇلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە] پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
18 Kaldiye padishahi Xudaning öyidiki chong-kichik démey, barliq qacha-buyumlarni, shundaqla Perwerdigar öyidiki xezinilerni, shuningdek padishahning we emeldarlirining xezinilirini qoymay, Babilgha élip ketti.
كالدىيە پادىشاھى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى چوڭ-كىچىك دېمەي، بارلىق قاچا-بۇيۇملارنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى، شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى قويماي، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
19 Kaldiyler Xudaning öyini köydürüwetti, Yérusalémning sépilini chéqiwetti, sheherdiki hemme orda-qorghanlargha ot qoyup köydürüp, Yérusalémdiki barliq qimmetlik qacha-buyumlarni chéqip kukum-talqan qildi.
كالدىيلەر خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى چېقىۋەتتى، شەھەردىكى ھەممە ئوردا-قورغانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمدىكى بارلىق قىممەتلىك قاچا-بۇيۇملارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلدى.
20 Qilichtin aman qalghanlarning hemmisini [Kaldiye padishahi] Babilgha tutqun qilip eketti; ular taki Pars padishahliqining seltenitikiche Babil padishahi we ewladlirining qulluqida bolup turdi.
قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە پادىشاھى] بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى؛ ئۇلار تاكى پارس پادىشاھلىقىنىڭ سەلتەنىتىكىچە بابىل پادىشاھى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ تۇردى.
21 Bularning hemmisi Perwerdigarning Yeremiyaning wastisi bilen [aldin] éytqan [agah] sözi ishqa ashurulush üchün boldi. Shuning bilen zémin özige tégishlik shabat künlirige muyesser boldi; chünki zémin yetmish yil toshquche xarabilikte turup «shabat tutup» dem élip rahetlendi.
بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن [ئالدىن] ئېيتقان [ئاگاھ] سۆزى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىگە تېگىشلىك شابات كۈنلىرىگە مۇيەسسەر بولدى؛ چۈنكى زېمىن يەتمىش يىل توشقۇچە خارابىلىكتە تۇرۇپ «شابات تۇتۇپ» دەم ئېلىپ راھەتلەندى.

< Tarix-tezkire 2 36 >