< Tarix-tezkire 2 29 >

1 Hezekiya textke chiqqan chéghida yigirme besh yashta idi; u Yérusalémda yigirme toqquz yil seltenet qildi. Uning anisining ismi Abiya bolup, Zekeriyaning qizi idi.
ھەزەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا بولۇپ، زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى.
2 [Hezekiya] atisi Dawut barliq qilghanliridek, Perwerdigarning neziride durus bolghanni qildi.
[ھەزەكىيا] ئاتىسى داۋۇت بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى.
3 U textke chiqqan birinchi yilining birinchi éyida Perwerdigar öyining derwazilirini achturup, yéngibashtin yasatti.
ئۇ تەختكە چىققان بىرىنچى يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيىدا پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچتۇرۇپ، يېڭىباشتىن ياساتتى.
4 U kahinlar bilen Lawiylarni [Xudaning öyige] chaqirip kélip, [aldinqi] hoylisining meydanining sherq teripige yighip,
ئۇ كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى [خۇدانىڭ ئۆيىگە] چاقىرىپ كېلىپ، [ئالدىنقى] ھويلىسىنىڭ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە يىغىپ،
5 ulargha: — I Lawiylar, gépimge qulaq sélinglar; özünglarni Xudagha atap pakizlanglar we ata-bowanglarning Xudasi Perwerdigarning öyini uninggha muqeddes qilip pakizlanglar, muqeddesxanidin barliq paskina nersilerni chiqirip tashlanglar.
ئۇلارغا: ــ ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاڭلار ۋە ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا مۇقەددەس قىلىپ پاكىزلاڭلار، مۇقەددەسخانىدىن بارلىق پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاڭلار.
6 Chünki bizning ata-bowilirimiz asiyliq qilip, Xudayimiz Perwerdigarning neziride rezil bolghanni qilip, Uningdin waz kechti, Perwerdigarning turalghusidin yüzini örüp, Uninggha arqini qildi.
چۈنكى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسىيلىق قىلىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇسىدىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئارقىنى قىلدى.
7 Ular aywanning ishiklirini étiwetken, chiraghlarni öchüriwetken, xushbuy yaqmighanidi we muqeddesxanida Israilning Xudasigha héch köydürme qurbanliqlarni sunmaydighan bolup ketkenidi;
ئۇلار ئايۋاننىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋەتكەن، چىراغلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن، خۇشبۇي ياقمىغانىدى ۋە مۇقەددەسخانىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ھېچ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى؛
8 Shu sewebtin Perwerdigarning ghezipi Yehuda bilen Yérusalémdikilerning üstige chüshüp, xuddi öz közünglar bilen körüp turghininglardek, ularni dehshetke sélip, wehime bolushqa hem zangliq qilip ush-ush qilinidighan obyéktke aylandurup qoydi.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئۇلارنى دەھشەتكە سېلىپ، ۋەھىمە بولۇشقا ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
9 Shu sewebtin ata-bowilirimiz qilich astida qaldi; oghul-qizlirimiz we xotunlirimizmu tutqun qilindi.
شۇ سەۋەبتىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا قالدى؛ ئوغۇل-قىزلىرىمىز ۋە خوتۇنلىرىمىزمۇ تۇتقۇن قىلىندى.
10 Emdi men Israilning Xudasi bolghan Perwerdigarning ghezipining bizdin yandurulushi üchün, Uning bilen ehdilishish niyitige keldim.
ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ بىزدىن ياندۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىلىشىش نىيىتىگە كەلدىم.
11 I balilirim, ghapil bolmanglar; chünki Perwerdigar silerni Öz aldida turup xizmitide bolushqa, Uning xizmetkari bolup xushbuy yéqishqa tallighan, dédi.
ئى بالىلىرىم، غاپىل بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز ئالدىدا تۇرۇپ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ خۇشبۇي يېقىشقا تاللىغان، دېدى.
12 Shuning bilen Lawiylardin töwendikiler ornidin turup otturigha chiqti: — Kohatlardin bolghan Amasayning oghli Mahat we Azariyaning oghli Yoél, Merarilardin Abdining oghli Kish, Yehallelelning oghli Azariya, Gershonlardin Zimmahning oghli Yoah, Yoahning oghli Éden,
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى: ــ كوھاتلاردىن بولغان ئاماساينىڭ ئوغلى ماھات ۋە ئازارىيانىڭ ئوغلى يوئېل، مەرارىلاردىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يەھاللەلەلنىڭ ئوغلى ئازارىيا، گەرشونلاردىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئېدەن،
13 Elizafanning ewladliridin Shimri bilen Jeiyel, Asafning ewladliridin Zekeriya bilen Mattaniya;
ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىمرى بىلەن جەئىيەل، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن ماتتانىيا؛
14 Hémanning ewladliridin Yehiyel bilen Shimey, Yedutunning ewladliridin Shémaya bilen Uzziyeller.
ھېماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەل بىلەن شىمەي، يەدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شېمايا بىلەن ئۇززىيەللەر.
15 Ular qérindashlirini yighip, özlirini [Xudagha] atap paklidi, padishahning tapshuruqi, Perwerdigarning emri boyiche Perwerdigarning öyini pakizlashqa kirdi.
ئۇلار قېرىنداشلىرىنى يىغىپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى، پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پاكىزلاشقا كىردى.
16 Kahinlar Perwerdigarning öyining ichkirisige pakizlashqa kirdi; ular Perwerdigarning muqeddes jayidin tapqan barliq napak-nijis nersilerni Perwerdigar öyining hoylisigha toshup chiqti; andin ularni Lawiylar élip chiqip, [sheher sirtidiki] Kidron jilghisigha apirip tökti.
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىگە پاكىزلاشقا كىردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىدىن تاپقان بارلىق ناپاك-نىجىس نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا توشۇپ چىقتى؛ ئاندىن ئۇلارنى لاۋىيلار ئېلىپ چىقىپ، [شەھەر سىرتىدىكى] كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تۆكتى.
17 Ular birinchi ayning birinchi künidin bashlap, öyni qaytidin Xudagha atap pakizlashqa kiriship, sekkizinchi küni Perwerdigar öyining aywinigha chiqti; ular [yene] sekkiz kün waqit serp qilip Perwerdigar öyini pakizlap, birinchi ayning on altinchi künige kelgende ishni tügetti.
ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ئۆينى قايتىدىن خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاشقا كىرىشىپ، سەككىزىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ئايۋىنىغا چىقتى؛ ئۇلار [يەنە] سەككىز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنى پاكىزلاپ، بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئىشنى تۈگەتتى.
18 Andin ular Hezekiya padishahning aldigha kirip: — Biz Perwerdigarning pütkül öyini, jümlidin köydürme qurbanliq qurban’gahini we uningdiki barliq qacha-qucha, eswablarni, «teqdim nan» tizilidighan shireni we shire üstidiki barliq qacha-qucha, eswablarni pakizliwettuq;
ئاندىن ئۇلار ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئۆيىنى، جۈملىدىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى، «تەقدىم نان» تىزىلىدىغان شىرەنى ۋە شىرە ئۈستىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى پاكىزلىۋەتتۇق؛
19 Ahaz padishah texttiki chéghida asiyliq qilip tashliwetken barliq qacha-qucha, eswablarni teyyarlap tex qilip, pakizlap qoyduq; mana, ular hazir Perwerdigarning qurban’gahi aldigha qoyuldi, dédi.
ئاھاز پادىشاھ تەختتىكى چېغىدا ئاسىيلىق قىلىپ تاشلىۋەتكەن بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى تەييارلاپ تەخ قىلىپ، پاكىزلاپ قويدۇق؛ مانا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا قويۇلدى، دېدى.
20 Hezekiya padishah etigende tang seher ornidin turup sheherdiki emeldarlarni yighip Perwerdigarning öyige chiqti.
ھەزەكىيا پادىشاھ ئەتىگەندە تاڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەردىكى ئەمەلدارلارنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى.
21 Ular padishahliq üchün, muqeddesxana we pütün Yehudalar üchün gunah qurbanliqi qilishqa yette buqa, yette qochqar, yette qoza we yette téke élip keldi; [padishah] Harun ewladliri bolghan kahinlargha bularni Perwerdigarning qurban’gahigha sunushni buyrudi.
ئۇلار پادىشاھلىق ئۈچۈن، مۇقەددەسخانا ۋە پۈتۈن يەھۇدالار ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىشقا يەتتە بۇقا، يەتتە قوچقار، يەتتە قوزا ۋە يەتتە تېكە ئېلىپ كەلدى؛ [پادىشاھ] ھارۇن ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا سۇنۇشنى بۇيرۇدى.
22 Ular buqilarni boghuzlidi, kahinlar qénini élip, qurban’gahqa septi; andin ular qochqarlarnimu boghuzlap, qénini qurban’gahqa septi; qozilarnimu boghuzlap, ularning qéninimu qurban’gahqa septi.
ئۇلار بۇقىلارنى بوغۇزلىدى، كاھىنلار قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھقا سەپتى؛ ئاندىن ئۇلار قوچقارلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانگاھقا سەپتى؛ قوزىلارنىمۇ بوغۇزلاپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانگاھقا سەپتى.
23 Axirida gunah qurbanliqi qilinidighan tékilerni padishah we jamaet aldigha yétilep kéliwidi, [padishah we jamaet] qollirini tékiler üstige qoyushti.
ئاخىرىدا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەت ئالدىغا يېتىلەپ كېلىۋىدى، [پادىشاھ ۋە جامائەت] قوللىرىنى تېكىلەر ئۈستىگە قويۇشتى.
24 Kahinlar tékilerni boghuzlap, qénini barliq Israillarning gunahi üchün kechürüm-kafaret süpitide qurban’gahqa septi; chünki padishah: «Köydürme qurbanliq we gunah qurbanliqi barliq Israillar üchün sunulsun» dégenidi.
كاھىنلار تېكىلەرنى بوغۇزلاپ، قېنىنى بارلىق ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت سۈپىتىدە قۇربانگاھقا سەپتى؛ چۈنكى پادىشاھ: «كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقى بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن سۇنۇلسۇن» دېگەنىدى.
25 Padishah yene Lawiylarni Perwerdigar öyide Dawutning, [Dawut] padishahning aldin körgüchisi gadning we Natan peyghemberning buyrughinidek jangjang, tembur we chiltar qatarliq sazlarni tutup, sep bolup turushqa teyinlidi (chünki eslide bu emr Perwerdigardin, öz peyghemberlirining wastisi bilen tapilan’ghanidi).
پادىشاھ يەنە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگار ئۆيىدە داۋۇتنىڭ، [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى گادنىڭ ۋە ناتان پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاڭجاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار قاتارلىق سازلارنى تۇتۇپ، سەپ بولۇپ تۇرۇشقا تەيىنلىدى (چۈنكى ئەسلىدە بۇ ئەمر پەرۋەردىگاردىن، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلانغانىدى).
26 Shuning bilen Lawiylar Dawutning sazlirini, kahinlar kanaylarni tutqan halda turushti.
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، كاھىنلار كانايلارنى تۇتقان ھالدا تۇرۇشتى.
27 Hezekiya köydürme qurbanliq qurban’gah üstige sunulsun, dep buyrudi. Köydürme qurbanliq sunulghan haman, Perwerdigargha atalghan neghme-nawa qilinishqa, kanaylar chélinishqa we Israilning padishahi Dawutning sazliri tengkesh qilinishqa bashlidi.
ھەزەكىيا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنۇلسۇن، دەپ بۇيرۇدى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلغان ھامان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەغمە-ناۋا قىلىنىشقا، كانايلار چېلىنىشقا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ سازلىرى تەڭكەش قىلىنىشقا باشلىدى.
28 Pütkül köydürme qurbanliq ötküzülüp bolghuche, pütkül jamaet sejdige olturushti, neghme-nawachilar neghme-nawa qilishti, kanaychilar kanay chélip turdi.
پۈتكۈل كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغۇچە، پۈتكۈل جامائەت سەجدىگە ئولتۇرۇشتى، نەغمە-ناۋاچىلار نەغمە-ناۋا قىلىشتى، كانايچىلار كاناي چېلىپ تۇردى.
29 Köydürme qurbanliq ötküzülüp bolghanda, padishah we uning bilen hazir bolghanlarning hemmisi tizlinip sejde qilishti.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندا، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھازىر بولغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى.
30 Hezekiya padishah we emeldarlar yene Lawiylargha Dawutning we aldin körgüchi Asafning shéirliri bilen Perwerdigargha Hemdusana oqushni buyrudi; shuning bilen ular xushal-xuramliq bilen Perwerdigargha hemdusana oqushup, bash égip sejde qilishti.
ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار يەنە لاۋىيلارغا داۋۇتنىڭ ۋە ئالدىن كۆرگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇشال-خۇراملىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشۇپ، باش ئېگىپ سەجدە قىلىشتى.
31 Hezekiya: — Siler emdi özünglarni Perwerdigargha muqeddes bolushqa béghishlighanikensiler, aldigha kélinglar, qurbanliqlar, teshekkür qurbanliqlirini Rebning öyige keltürüp sununglar, déwidi, jamaet qurbanliqlar we teshekkür qurbanliqlirini keltürüshti; xalighanlar köydürme qurbanliqini keltürüshti.
ھەزەكىيا: ــ سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىكەنسىلەر، ئالدىغا كېلىڭلار، قۇربانلىقلار، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى رەبنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ سۇنۇڭلار، دېۋىدى، جامائەت قۇربانلىقلار ۋە تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتى؛ خالىغانلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشتى.
32 Jamaet élip kelgen köydürme qurbanliqlar töwendikiche: — yetmish buqa, yüz qochqar, ikki yüz qoza; bularning hemmisi Perwerdigargha atap köydürme qurbanliqqa ekilin’genidi.
جامائەت ئېلىپ كەلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار تۆۋەندىكىچە: ــ يەتمىش بۇقا، يۈز قوچقار، ئىككى يۈز قوزا؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئەكىلىنگەنىدى.
33 Bulardin bashqa Perwerdigargha atalghan alte yüz buqa, üch ming qoymu bar idi.
بۇلاردىن باشقا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئالتە يۈز بۇقا، ئۈچ مىڭ قويمۇ بار ئىدى.
34 Kahinlar bek az bolghachqa, köydürme qurbanliq mallirining térisini soyushqa ülgürelmeytti; shunga Lawiy qérindashliri taki mallar soyulup bolghuche hem bashqa kahinlar özlirini [Xudagha] atap paklap bolghuche yardemleshti (chünki Lawiylar özlirini [Xudagha] atap paklash ishida kahinlargha nisbeten bekrek ixlasmen idi).
كاھىنلار بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماللىرىنىڭ تېرىسىنى سويۇشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى؛ شۇڭا لاۋىي قېرىنداشلىرى تاكى ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ھەم باشقا كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاپ بولغۇچە ياردەملەشتى (چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاش ئىشىدا كاھىنلارغا نىسبەتەن بەكرەك ئىخلاسمەن ئىدى).
35 Uning üstige köydürme qurbanliqlar nahayiti köp idi, shundaqla inaqliq qurbanliqlirining méyi we köydürme qurbanliqlargha qoshulghan sharab hediyilirimu nahayiti köp idi. Shundaq qilip Perwerdigar öyidiki ibadet xizmetliri yéngibashtin eslige keltürüldi.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، شۇنداقلا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ مېيى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇلغان شاراب ھەدىيىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
36 Xuda Öz xelqige bu ishlarni orunlashturghanliqi üchün Hezekiya we pütkül xelq tolimu xushal bolushti; chünki bu ishlar bek tézla béjirilip bolghanidi.
خۇدا ئۆز خەلقىگە بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەزەكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق تولىمۇ خۇشال بولۇشتى؛ چۈنكى بۇ ئىشلار بەك تېزلا بېجىرىلىپ بولغانىدى.

< Tarix-tezkire 2 29 >