< Tarix-tezkire 2 28 >

1 Ahaz textke chiqqan chéghida yigirme yashta idi; u Yérusalémda on alte yil seltenet qildi. U atisi Dawutqa oxshash Perwerdigarning neziride durus bolghanni qilmay,
ئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلماي،
2 Belki Israilning padishahlirining yoligha kirip mangdi; u hetta Baallargha atap mebudlarni quydurdi;
بەلكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ ماڭدى؛ ئۇ ھەتتا بائاللارغا ئاتاپ مەبۇدلارنى قۇيدۇردى؛
3 Perwerdigar Israillar zéminidin heydep chiqarghan ellerning yirginchlik gunahlirini dorap, Hinnom jilghisida küje köydürdi, özining perzentlirini ottin ötküzüp köydürdi;
پەرۋەردىگار ئىسرائىللار زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىنى دوراپ، ھىننوم جىلغىسىدا كۈجە كۆيدۈردى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى؛
4 Yene «yuqiri jaylar»da, dönglerde we herqaysi kökergen derex astida köydürme qurbanliq qildi we küje köydürdi.
يەنە «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەرقايسى كۆكەرگەن دەرەخ ئاستىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى ۋە كۈجە كۆيدۈردى.
5 Shunga, uning Xudasi Perwerdigar uni Suriye padishahining qoligha tapshurdi; Suriyler uni tarmar keltürüp, Yehudadin nurghun xelqni tutqun qilip Demeshqqe élip ketti. Xuda yene uni Israil padishahining qoligha tapshurdi, Israil padishahi [Yehudada] chong qirghinchiliq élip bardi.
شۇڭا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنى سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ سۇرىيلەر ئۇنى تارمار كەلتۈرۈپ، يەھۇدادىن نۇرغۇن خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. خۇدا يەنە ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىل پادىشاھى [يەھۇدادا] چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى.
6 Remaliyaning oghli Pikah Yehudada bir kün ichide bir yüz yigirme ming ademni öltürdi, ularning hemmisi ezimetler idi; buning sewebi, ular ata-bowilirining Xudasi Perwerdigardin waz kechkenidi.
رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يەھۇدادا بىر كۈن ئىچىدە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنىدى.
7 Zikri isimlik bir Efraimiy ezimet bar idi; u padishahning oghli Maasiyahani, ordining bash ghojidari Azrikam we padishahning bash weziri Elkanahni qetl qildi.
زىكرى ئىسىملىك بىر ئەفرائىمىي ئەزىمەت بار ئىدى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسىياھانى، ئوردىنىڭ باش غوجىدارى ئازرىكام ۋە پادىشاھنىڭ باش ۋەزىرى ئەلكاناھنى قەتل قىلدى.
8 Israillar öz qérindashliridin ikki yüz ming ayal, oghul-qiz balilarni tutqun qilip élip ketti; ular yene Yehudadin nurghun urush gheniymetlirini bulang-talang qilip Samariyege eketti.
ئىسرائىللار ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز مىڭ ئايال، ئوغۇل-قىز بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار يەنە يەھۇدادىن نۇرغۇن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سامارىيەگە ئەكەتتى.
9 Lékin u yerde Perwerdigarning Oded isimlik bir peyghembiri bar idi; u Samariyege qaytip kelgen qoshunning aldigha chiqip ulargha: — Qaranglar, ata-bowanglarning Xudasi Perwerdigar Yehudalarni achchiqida silerning qolunglargha tapshurdi we siler pelekke yetken qehri-ghezep bilen ularni öltürdünglar.
لېكىن ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئودەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى؛ ئۇ سامارىيەگە قايتىپ كەلگەن قوشۇننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەھۇدالارنى ئاچچىقىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇردى ۋە سىلەر پەلەككە يەتكەن قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭلار.
10 Emdi siler yene Yehudalar bilen Yérusalémliqlarni mejburiy özünglargha qul-didek qilmaqchi boluwatisiler. Lékin siler özünglarmu Xudayinglar Perwerdigar aldida gunah-itaetsizlikler ötküzdunglarghu?
ئەمدى سىلەر يەنە يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېملىقلارنى مەجبۇرىي ئۆزۈڭلارغا قۇل-دىدەك قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ-ئىتائەتسىزلىكلەر ئۆتكۈزدۇڭلارغۇ؟
11 Emdi gépimge qulaq sélinglar! Qérindashliringlardin tutqun qilip kelgenlerni qayturuwétinglar, chünki Perwerdigarning qattiq ghezipi béshinglargha chüshey dep qaldi, dédi.
ئەمدى گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! قېرىنداشلىرىڭلاردىن تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا چۈشەي دەپ قالدى، دېدى.
12 Shuning bilen Efraimlarning birqanche yolbashchiliri, yeni Yohananning oghli Azariya, Meshillimotning oghli Berekiya, Shallumning oghli Hezekiya we Hadlayning oghli Amasa qozghilip chiqip jengdin qaytip kelgen qoshunni tosuwélip
شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىملارنىڭ بىرقانچە يولباشچىلىرى، يەنى يوھاناننىڭ ئوغلى ئازارىيا، مەشىللىموتنىڭ ئوغلى بەرەكىيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا ۋە ھادلاينىڭ ئوغلى ئاماسا قوزغىلىپ چىقىپ جەڭدىن قايتىپ كەلگەن قوشۇننى توسۇۋېلىپ
13 ulargha: — Bu tutqunlarni bu yerge élip kirsenglar bolmaydu; bizning Perwerdigarning aldida gunahimiz turup, yene téximu köp gunahlar we itaetsizliklerni aynitmaqchimusiler? Chünki bizning itaetsizlikimiz hélimu intayin éghirdur, Israilning béshigha otluq qehr-ghezep chüshey dep qaldi, dédi.
ئۇلارغا: ــ بۇ تۇتقۇنلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ؛ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھىمىز تۇرۇپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ گۇناھلار ۋە ئىتائەتسىزلىكلەرنى ئاينىتماقچىمۇسىلەر؟ چۈنكى بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز ھېلىمۇ ئىنتايىن ئېغىردۇر، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا ئوتلۇق قەھر-غەزەپ چۈشەي دەپ قالدى، دېدى.
14 Shuning bilen leshkerler tutqunlar bilen urush gheniymetlirini yolbashchilar we pütkül jamaet aldida qaldurup qoydi.
شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر تۇتقۇنلار بىلەن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى يولباشچىلار ۋە پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا قالدۇرۇپ قويدى.
15 Yuqirida ismi tilgha élin’ghan kishiler qozghilip, tutqunlarni bashlap chiqti, urush gheniymetliri ichidin kiyim-kéchek we ayaghlarni ularning arisidiki barliq yalingach, yalang ayagh turghanlargha kiygüzüp, hemmisini yémek-ichmek bilen ghizalandurdi, üstibashlirini maylidi, barliq ajizlarni ésheklerge mindürüp, hemmisini «Xorma derexliri shehiri» dep atilidighan Yérixogha, öz qérindashlirining qéshigha apirip qoydi, andin Samariyege qaytti.
يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر قوزغىلىپ، تۇتقۇنلارنى باشلاپ چىقتى، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق يالىڭاچ، يالاڭ ئاياغ تۇرغانلارغا كىيگۈزۈپ، ھەممىسىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن غىزالاندۇردى، ئۈستىباشلىرىنى مايلىدى، بارلىق ئاجىزلارنى ئېشەكلەرگە مىندۈرۈپ، ھەممىسىنى «خورما دەرەخلىرى شەھىرى» دەپ ئاتىلىدىغان يېرىخوغا، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى، ئاندىن سامارىيەگە قايتتى.
16 Bu chaghda Ahaz padishah Asuriyening padishahlirigha yardem tilep adem ewetti,
بۇ چاغدا ئاھاز پادىشاھ ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم تىلەپ ئادەم ئەۋەتتى،
17 chünki Édomiylar yene Yehudagha hujum qilip nurghun ademni tutqun qilip ketkenidi.
چۈنكى ئېدومىيلار يەنە يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەنىدى.
18 Filistiylermu Shefelah tüzlenglikidiki we Yehudaning jenubidiki sheherlerge tajawuz qilip kirip, Beyt-Shemesh, Ayjalon, Gederot, Sokoh we Sokohqa tewe yéza-qishlaqlarni, Timnah we Timnahqa tewe yéza-qishlaqlarni, Gimzo we Gimzogha tewe yéza-qishlaqlarni ishghal qilip, shu yerlerge jaylashqanidi.
فىلىستىيلەرمۇ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى ۋە يەھۇدانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بەيت-شەمەش، ئايجالون، گەدەروت، سوكوھ ۋە سوكوھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، تىمناھ ۋە تىمناھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، گىمزو ۋە گىمزوغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەرلەرگە جايلاشقانىدى.
19 Perwerdigar Yehudaning padishahi Ahaz tüpeylidin Yehudani xorluqqa qaldurdi; chünki Ahaz Yehudani itaetsilikke éziqturdi we özi Perwerdigargha éghir asiyliq qildi.
پەرۋەردىگار يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھاز تۈپەيلىدىن يەھۇدانى خورلۇققا قالدۇردى؛ چۈنكى ئاھاز يەھۇدانى ئىتائەتسىلىككە ئېزىقتۇردى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئېغىر ئاسىيلىق قىلدى.
20 Asuriyening padishahi Tiglat-Pilneser derweqe uning yénigha keldi, lékin yardem bérishning ornigha, uninggha köp awarichiliklerni keltürdi.
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلنەسەر دەرۋەقە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، لېكىن ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈردى.
21 Chünki Ahaz Perwerdigarning öyidin, padishahning ordisidin, shundaqla emeldarlarning öyliridin köp mal-dunyani chiqirip, Asuriye padishahigha bergen bolsimu, lékin uninggha héch paydisi bolmidi.
چۈنكى ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىن كۆپ مال-دۇنيانى چىقىرىپ، ئاسۇرىيە پادىشاھىغا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ پايدىسى بولمىدى.
22 Mushundaq intayin müshkül peytte bu padishah Ahaz Perwerdigar aldida téximu éghir qebihlikke chöküp ketti.
مۇشۇنداق ئىنتايىن مۈشكۈل پەيتتە بۇ پادىشاھ ئاھاز پەرۋەردىگار ئالدىدا تېخىمۇ ئېغىر قەبىھلىككە چۆكۈپ كەتتى.
23 U özini meghlup qilghan Demeshqning ilahlirigha qurbanliq sundi, chünki u: «Suriyening padishahlirining ilahliri ulargha yardem qildi, shunga menmu ulargha qurbanliq sunup, ularni mangimu yardem béridighan qilimen» dédi. Lékin eksiche bu butlar uning özini, shundaqla barliq Israillarni halaketke élip bardi.
ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقنىڭ ئىلاھلىرىغا قۇربانلىق سۇندى، چۈنكى ئۇ: «سۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا ياردەم قىلدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا قۇربانلىق سۇنۇپ، ئۇلارنى ماڭىمۇ ياردەم بېرىدىغان قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئەكسىچە بۇ بۇتلار ئۇنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى.
24 Ahaz Perwerdigarning öyidiki eswab-buyumlarni yighip élip chiqip, ularni késip-ézip pare-pare qiliwetti; we Perwerdigarning öyining derwazilirini péchetliwetti. Hem özi üchün Yérusalémning herbir doqmushida qurban’gahlarni salghuzdi.
ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئەسۋاب-بۇيۇملارنى يىغىپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كېسىپ-ئېزىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. ھەم ئۆزى ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا قۇربانگاھلارنى سالغۇزدى.
25 U yene Yehudaning herqaysi sheherliride bashqa ilahlargha xushbuy yéqish üchün «yuqiri jaylar»ni salghuzdi, shundaq qilip ata-bowilirining Xudasi Perwerdigarning ghezipi qozghaldi.
ئۇ يەنە يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىش ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»نى سالغۇزدى، شۇنداق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قوزغالدى.
26 Mana, uning qalghan ishliri, jümlidin barliq tutqan yolliri bashtin-axirighiche «Yehuda we Israil padishahlirining tarixnamisi»da pütülgendur.
مانا، ئۇنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن بارلىق تۇتقان يوللىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر.
27 Ahaz ata-bowiliri arisida uxlidi; kishiler uni Yérusalém shehirige depne qildi, lékin uni Israil padishahlirining qebristanliqigha depne qilmidi. Oghli Hezekiya uning ornigha padishah boldi.
ئاھاز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى يېرۇسالېم شەھىرىگە دەپنە قىلدى، لېكىن ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. ئوغلى ھەزەكىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

< Tarix-tezkire 2 28 >