< Tarix-tezkire 2 26 >

1 Yehudaning barliq xelqi uning on alte yashqa kirken oghli Uzziyani tiklep, uni atisi Amaziyaning ornida padishah qildi
يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىركەن ئوغلى ئۇززىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى
2 (padishah atisi ata-bowilirining arisida uxlighandin kéyin, Élat shehirini qaytidin yasap, Yehudagha yene tewe qilghuchi del Uzziya idi).
(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى).
3 Uzziya textke chiqqan chéghida on alte yash idi; u Yérusalémda jemiy ellik ikki yil padishahliq qildi. Uning anisining ismi Yekoliya bolup, Yérusalémliq idi.
ئۇززىيا تەختكە چىققان چېغىدا ئون ئالتە ياش ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا جەمئىي ئەللىك ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى.
4 U atisi Amaziyaning barliq qilghanliridek Perwerdigarning neziride durus bolghanni qildi.
ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى.
5 Xuda bergen alamet körünüshler bilen yorutulghan Zekeriya Uzziyagha telim bergechke, u hayat waqtida Uzziya Xudani izdidi; we u Perwerdigarni izdigen künlerde Xuda uning ishlirini rawan qildi.
خۇدا بەرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر بىلەن يورۇتۇلغان زەكەرىيا ئۇززىياغا تەلىم بەرگەچكە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا خۇدانى ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەن كۈنلەردە خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلدى.
6 U chiqip Filistiylerge hujum qildi we Gatning sépilini, Jabnehning sépilini we Ashdodning sépilini chaqturuwetti. Yene Ashdod etrapida, shundaqla Filistiyler arisida birnechche sheher berpa qildi.
ئۇ چىقىپ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە گاتنىڭ سېپىلىنى، جابنەھنىڭ سېپىلىنى ۋە ئاشدودنىڭ سېپىلىنى چاقتۇرۇۋەتتى. يەنە ئاشدود ئەتراپىدا، شۇنداقلا فىلىستىيلەر ئارىسىدا بىرنەچچە شەھەر بەرپا قىلدى.
7 Xuda uning Filistiyler we Gur-baalda turuwatqan Erebler bilen Maonlargha qarshi urushigha yardem berdi.
خۇدا ئۇنىڭ فىلىستىيلەر ۋە گۇر-بائالدا تۇرۇۋاتقان ئەرەبلەر بىلەن مائونلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
8 Ammoniylar Uzziyagha olpan tölidi; Uzziya tolimu qudretlik bolup, nam-shöhriti taki Misirning chégrisighiche tarqaldi.
ئاممونىيلار ئۇززىياغا ئولپان تۆلىدى؛ ئۇززىيا تولىمۇ قۇدرەتلىك بولۇپ، نام-شۆھرىتى تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغىچە تارقالدى.
9 Uzziya Yérusalémdiki «Burjek derwazisi»da, «Jilgha derwazisi»da we sépilning qayrilidighan yéride munarlar saldi we ularni ajayip mustehkem qildi.
ئۇززىيا يېرۇسالېمدىكى «بۇرجەك دەرۋازىسى»دا، «جىلغا دەرۋازىسى»دا ۋە سېپىلنىڭ قايرىلىدىغان يېرىدە مۇنارلار سالدى ۋە ئۇلارنى ئاجايىپ مۇستەھكەم قىلدى.
10 U yene chöllerde birmunche közet munarlirini salghuzdi we köp quduqlarni kolatti; chünki uning Shefelah tüzlenglikide we égizlikte nurghun charwisi bar idi; u yene tériqchiliqqa amraq bolghachqa, taghlarda we étiz-baghlarda [nurghun] baghwenlerni we üzümchilerni yallap ishletti.
ئۇ يەنە چۆللەردە بىرمۇنچە كۆزەت مۇنارلىرىنى سالغۇزدى ۋە كۆپ قۇدۇقلارنى كولاتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئېگىزلىكتە نۇرغۇن چارۋىسى بار ئىدى؛ ئۇ يەنە تېرىقچىلىققا ئامراق بولغاچقا، تاغلاردا ۋە ئېتىز-باغلاردا [نۇرغۇن] باغۋەنلەرنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتتى.
11 Uzziyaning yene urushqa mahir qoshuni bar idi. Qoshun katip Jeiyel we emeldar Maaséyah éniqlighan san’gha asasen qisim-qisimlar boyiche bölünüp, padishahning serdarliridin biri bolghan Hananiyaning yétekchiliki astida sep bolup jengge chiqatti.
ئۇززىيانىڭ يەنە ئۇرۇشقا ماھىر قوشۇنى بار ئىدى. قوشۇن كاتىپ جەئىيەل ۋە ئەمەلدار مائاسېياھ ئېنىقلىغان سانغا ئاساسەن قىسىم-قىسىملار بويىچە بۆلۈنۈپ، پادىشاھنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى بولغان ھانانىيانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا سەپ بولۇپ جەڭگە چىقاتتى.
12 Bu batur jengchiler ichidiki herqaysi jemet bashliri jemiy ikki ming alte yüz kishi idi.
بۇ باتۇر جەڭچىلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى.
13 Ularning yétekchiliki astidiki qoshun jemiy üch yüz yetmish yette ming besh yüz bolup, hemmisi ishta qabil, jengde mahir idi, ular padishahqa yardemliship düshmen’ge hujum qilalaytti.
ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى قوشۇن جەمئىي ئۈچ يۈز يەتمىش يەتتە مىڭ بەش يۈز بولۇپ، ھەممىسى ئىشتا قابىل، جەڭدە ماھىر ئىدى، ئۇلار پادىشاھقا ياردەملىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلالايتتى.
14 Uzziya pütkül qoshunidiki leshkerlirini qalqan, neyze, dobulgha, sawut, oqya we salghilar bilenmu qorallandurghanidi.
ئۇززىيا پۈتكۈل قوشۇنىدىكى لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دوبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغىلار بىلەنمۇ قوراللاندۇرغانىدى.
15 U yene Yérusalémda ustilar ijad qilghan oq béshi we yoghan tashlarni atquchi üskünilerni yasitip, ularni sépil munarlirigha we burjeklirige orunlashturghanidi. Uning nam-shöhriti yiraq-yiraqlargha ketkenidi, chünki u alamet yardemlerge érishkechke, karamet qudret tapqanidi.
ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا ئۇستىلار ئىجاد قىلغان ئوق بېشى ۋە يوغان تاشلارنى ئاتقۇچى ئۈسكۈنىلەرنى ياسىتىپ، ئۇلارنى سېپىل مۇنارلىرىغا ۋە بۇرجەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى يىراق-يىراقلارغا كەتكەنىدى، چۈنكى ئۇ ئالامەت ياردەملەرگە ئېرىشكەچكە، كارامەت قۇدرەت تاپقانىدى.
16 Lékin u kücheygendin kéyin, meghrurlinip ketti we bu ish uni halaketke élip bardi. U Xudasi Perwerdigargha itaetsizlik qilip, xushbuygah üstide xushbuy yaqimen dep Perwerdigarning öyige kirdi.
لېكىن ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. ئۇ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە خۇشبۇي ياقىمەن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى.
17 Kahin Azariya bilen Perwerdigarning bashqa kahinliridin seksen ezimet uning arqidin kirdi;
كاھىن ئازارىيا بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقا كاھىنلىرىدىن سەكسەن ئەزىمەت ئۇنىڭ ئارقىدىن كىردى؛
18 Ular padishah Uzziyani tosup: — I Uzziya, Perwerdigargha xushbuy yéqish sanga tewe ish emes, belki xushbuy yéqishqa muqeddes xizmetke atalghan kahinlar bolghan, Harunning ewladlirigha mensuptur; muqeddesxanidin chiqqin, chünki itaetsizlik qilip qoydung; sen Xuda Perwerdigardin izzet tapalmaydighan bolup qalisen, dédi.
ئۇلار پادىشاھ ئۇززىيانى توسۇپ: ــ ئى ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يېقىش ساڭا تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى خۇشبۇي يېقىشقا مۇقەددەس خىزمەتكە ئاتالغان كاھىنلار بولغان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپتۇر؛ مۇقەددەسخانىدىن چىققىن، چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قويدۇڭ؛ سەن خۇدا پەرۋەردىگاردىن ئىززەت تاپالمايدىغان بولۇپ قالىسەن، دېدى.
19 Uzziya qattiq ghezeplendi; u xushbuy yaqqili turghan halette, qolida bir xushbuydanni tutup turatti; u Perwerdigarning öyidiki xushbuygahning yénida turup kahinlargha ghezepliniwatqan chaghda, kahinlarning aldidila uning pishanisigha maxaw örlep chiqti.
ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى.
20 Bash kahin Azariya bilen bashqa kahinlar qarisa, mana, birdinla uning pishanisigha maxaw örlep chiqqanidi; ular derhal uni chiqiriwétishke itterdi; u özimu chiqip kétishke aldiridi, chünki Perwerdigar uni urghanidi.
باش كاھىن ئازارىيا بىلەن باشقا كاھىنلار قارىسا، مانا، بىردىنلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىققانىدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە ئىتتەردى؛ ئۇ ئۆزىمۇ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇرغانىدى.
21 Padishah Uzziyani taki ölgüche maxaw késili chirmiwaldi; u maxaw késili bolghachqa, ayrim bir öyde turdi; shuning bilen u Perwerdigarning öyige kirishtin mehrum qilindi. Uning oghli Yotam ordining ishlirini bashqurup, yurt soridi.
پادىشاھ ئۇززىيانى تاكى ئۆلگۈچە ماخاۋ كېسىلى چىرمىۋالدى؛ ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغاچقا، ئايرىم بىر ئۆيدە تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، يۇرت سورىدى.
22 Uzziyaning bashqa emelliri bolsa bashtin axirighiche Amozning oghli Yeshaya peyghember teripidin yézip qaldurulghandur.
ئۇززىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى بولسا باشتىن ئاخىرىغىچە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغاندۇر.
23 Uzziya özining ata-bowiliri arisida uxlidi; beziler: — «U maxaw bolghan adem» dégechke, u ata-bowiliri qatarida yatquzulghan bolsimu, padishahlar qebristanliqigha tewe [chetrek] bir yerlikke depne qilindi. Andin oghli Yotam uning ornigha padishah boldi.
ئۇززىيا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ بەزىلەر: ــ «ئۇ ماخاۋ بولغان ئادەم» دېگەچكە، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قاتارىدا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا تەۋە [چەترەك] بىر يەرلىككە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

< Tarix-tezkire 2 26 >