< Tarix-tezkire 2 24 >

1 Yoash textke chiqqan chéghida yette yashta idi, u Yérusalémda qiriq yil seltenet qildi. Uning anisining ismi Zibiyah bolup, Beer-Shébaliq idi.
يوئاش تەختكە چىققان چېغىدا يەتتە ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىياھ بولۇپ، بەئەر-شېبالىق ئىدى.
2 Yehoyada kahin hayat künliride Yoash Perwerdigarning neziride durus bolghanni qilatti.
يەھويادا كاھىن ھايات كۈنلىرىدە يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى.
3 Yehoyada uninggha ikki xotun élip berdi, u birqanche oghul-qiz perzent kördi.
يەھويادا ئۇنىڭغا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى، ئۇ بىرقانچە ئوغۇل-قىز پەرزەنت كۆردى.
4 Shuningdin kéyin Yoash Perwerdigarning öyini qayta yasitish niyitige keldi,
شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قايتا ياسىتىش نىيىتىگە كەلدى،
5 u kahinlarni we Lawiylarni yighip ulargha: — Xudayinglarning öyini onglitip turush üchün Yehuda sheherlirige bérip, barliq Israillardin yilliq iane toplanglar; bu ishni tézdin béjiringlar! — dédi. Lékin Lawiylar bu ishni béjirishke anche aldirap ketmidi.
ئۇ كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدا شەھەرلىرىگە بېرىپ، بارلىق ئىسرائىللاردىن يىللىق ئىئانە توپلاڭلار؛ بۇ ئىشنى تېزدىن بېجىرىڭلار! ــ دېدى. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى بېجىرىشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمىدى.
6 Buni uqqan padishah bash kahin Yehoyadani chaqirtip uninggha: — Özliri némishqa Lawiylargha Perwerdigarning quli Musa Israil jamaitige Xudaning guwahliqi saqlaqliq chédir üchün belgiligen bajni Yehuda we Yérusalémdin élip kélishke buyrumidila? — dédi
بۇنى ئۇققان پادىشاھ باش كاھىن يەھويادانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزلىرى نېمىشقا لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ئۈچۈن بەلگىلىگەن باجنى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىن ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇمىدىلا؟ ــ دېدى
7 (chünki eslide rezil xotun Ataliya we uning oghulliri Xudaning öyige bösüp kirip, Perwerdigarning öyidiki barliq muqeddes buyumlarni élip Baal butlirigha atap teqdim qiliwetkenidi).
(چۈنكى ئەسلىدە رەزىل خوتۇن ئاتالىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خۇدانىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ بائال بۇتلىرىغا ئاتاپ تەقدىم قىلىۋەتكەنىدى).
8 Shuning bilen padishah buyruq chüshürüp, bir sanduq yasitip Perwerdigar öyining derwazisining sirtigha qoyghuzdi;
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا قويغۇزدى؛
9 andin: «Xudaning quli Musa chölde Israillarning üstige békitken bajni yighip ekilip Perwerdigargha tapshurunglar» dégen bir uqturush Yehuda bilen Yérusalém teweside chiqirildi.
ئاندىن: «خۇدانىڭ قۇلى مۇسا چۆلدە ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە بېكىتكەن باجنى يىغىپ ئەكىلىپ پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار» دېگەن بىر ئۇقتۇرۇش يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم تەۋەسىدە چىقىرىلدى.
10 Barliq emeldarlar we barliq xelq xushal halda bajni ekilip sanduq tolghuche uninggha tashlidi.
بارلىق ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق خۇشال ھالدا باجنى ئەكىلىپ ساندۇق تولغۇچە ئۇنىڭغا تاشلىدى.
11 Lawiylar pul sanduqini padishah bu ishqa mes’ul qilghan kishining aldigha ekelgende, ular baj pulining köp chüshkenlikini körse, andin padishahning katipi bilen Bash kahinning adimi kélip pul sanduqini öngtürüp quruqdighandin kéyin, yene esli ornigha apirip qoyatti. Herküni shundaq bolup turdi; nahayiti köp pul yighildi.
لاۋىيلار پۇل ساندۇقىنى پادىشاھ بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلغان كىشىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە، ئۇلار باج پۇلىنىڭ كۆپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئاندىن پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىننىڭ ئادىمى كېلىپ پۇل ساندۇقىنى ئۆڭتۈرۈپ قۇرۇقدىغاندىن كېيىن، يەنە ئەسلى ئورنىغا ئاپىرىپ قوياتتى. ھەركۈنى شۇنداق بولۇپ تۇردى؛ ناھايىتى كۆپ پۇل يىغىلدى.
12 Padishah bilen Yehoyada pulni Perwerdigar öyidiki ish béjirgüchilerge tapshurdi; ular [buning bilen] Perwerdigarning öyini ongshash we eslige keltürüsh üchün tashchilar bilen yaghachchilarni, tömürchiler bilen miskerlerni yallidi.
پادىشاھ بىلەن يەھويادا پۇلنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىش بېجىرگۈچىلەرگە تاپشۇردى؛ ئۇلار [بۇنىڭ بىلەن] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارنى، تۆمۈرچىلەر بىلەن مىسكەرلەرنى ياللىدى.
13 Ishlemchiler toxtimay ishlidi, ongshash ishi ularning qolida ongushluq élip bérildi; shundaq qilip ular Perwerdigarning öyini eslidiki ölchem-lahiyesi boyiche yasidi, shundaqla uni tolimu puxta qilip yasap chiqti.
ئىشلەمچىلەر توختىماي ئىشلىدى، ئوڭشاش ئىشى ئۇلارنىڭ قولىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەم-لاھىيەسى بويىچە ياسىدى، شۇنداقلا ئۇنى تولىمۇ پۇختا قىلىپ ياساپ چىقتى.
14 Ular ishni püttürgendin kéyin éship qalghan pulni padishah bilen Yehoyadaning aldigha ekilip tapshurdi. Ular buning bilen Perwerdigarning öyi üchün herxil eswab-buyumlarni, jümlidin ibadet xizmitidiki herxil buyumlar, köydürme qurbanliqlargha munasiwetlik qacha-qucha, qazan-texsiler we herxil altun-kümüsh bashqa buyumlarni yasatti. Yehoyadaning barliq künliride, ular Perwerdigarning öyide köydürme qurbanliqni daim sunup turdi.
ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى پادىشاھ بىلەن يەھويادانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاپشۇردى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ھەرخىل ئەسۋاب-بۇيۇملارنى، جۈملىدىن ئىبادەت خىزمىتىدىكى ھەرخىل بۇيۇملار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قاچا-قۇچا، قازان-تەخسىلەر ۋە ھەرخىل ئالتۇن-كۈمۈش باشقا بۇيۇملارنى ياساتتى. يەھويادانىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى دائىم سۇنۇپ تۇردى.
15 Yehoyada qérip, yashaydighan yéshi toshup öldi; u ölgen chaghda bir yüz ottuz yashta idi.
يەھويادا قېرىپ، ياشايدىغان يېشى توشۇپ ئۆلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بىر يۈز ئوتتۇز ياشتا ئىدى.
16 Ular uni «Dawut shehiri»de padishahlar qatarida depne qildi, chünki u Israilgha hem Xudagha we uning öyige nisbeten nahayiti chong töhpe körsetkenidi.
ئۇلار ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە پادىشاھلار قاتارىدا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىلغا ھەم خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنىدى.
17 Yehoyada ölgendin kéyin Yehudadiki yolbashchilar padishahning aldigha kélip uninggha bash urdi; padishah ular körsetken meslihetni maqul kördi.
يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن يەھۇدادىكى يولباشچىلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئۇلار كۆرسەتكەن مەسلىھەتنى ماقۇل كۆردى.
18 Ular ata-bowilirining Xudasi Perwerdigarning öyidin waz kéchip, Asherah we butlarning qulluqigha kirishti. Ularning bu gunahi seweblik Xudaning ghezipi Yehuda bilen Yérusalémdikilerning béshigha keldi.
ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ۋاز كېچىپ، ئاشەراھ ۋە بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھى سەۋەبلىك خۇدانىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلدى.
19 Shundaq bolsimu, Perwerdigar ularni Özige yandurush üchün yenila ularning arisigha peyghemberlerni ewetti; bu peyghemberler gerche ularni agahlandurghan bolsimu, lékin ular yenila qulaq salmidi.
شۇنداق بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆزىگە ياندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ بۇ پەيغەمبەرلەر گەرچە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى.
20 U chaghda Xudaning Rohi bash kahin Yehoyadaning oghli Zekeriyagha chüshti, u xelqning aldida öre turup ulargha: — Xuda mundaq deydu: «Siler némishqa Perwerdigarning emirlirige xilapliq qilisiler? Siler héch rawajliq körmeysiler, chünki siler Perwerdigardin waz kechtinglar we Umu silerdin waz kechti», — dédi.
ئۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى زەكەرىياغا چۈشتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ سىلەر ھېچ راۋاجلىق كۆرمەيسىلەر، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار ۋە ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كەچتى»، ــ دېدى.
21 Xalayiq [Zekeriyani] öltürüshke qestlidi; axir ular uni padishahning emri boyiche Perwerdigar öyining hoylisida chalma-kések qilip öltürüwetti.
خالايىق [زەكەرىيانى] ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى؛ ئاخىر ئۇلار ئۇنى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
22 Padishah Yoash Zekeriyaning atisi Yehoyadaning özige körsetken shepqitini yad etmek tügül, eksiche uning oghlini öltürüwetti. Zekeriya jan üzüsh aldida: — Perwerdigar bu ishni nezirige élip, uning hésabini alsun! — dédi.
پادىشاھ يوئاش زەكەرىيانىڭ ئاتىسى يەھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ياد ئەتمەك تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. زەكەرىيا جان ئۈزۈش ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى نەزىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالسۇن! ــ دېدى.
23 Shu yilning axirida Suriyening qoshuni Yoashqa hujum qilip keldi; ular Yehudagha we Yérusalémgha tajawuz qilip kirip, xelq ichidiki yolbashchilarni öltürüp, ulardin alghan pütün urush gheniymetlirini Demeshq padishahining aldigha élip bardi.
شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سۇرىيەنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يەھۇداغا ۋە يېرۇسالېمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئالغان پۈتۈن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى دەمەشق پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.
24 Derweqe Suriye qoshunidin peqet az bir qisim eskerler kelgen bolsimu, lékin Yehudalar ata-bowilirining Xudasi Perwerdigardin waz kechkenliki üchün Perwerdigar chong bir qoshunni ularning qoligha tapshurdi; ular Yoashqa jaza ijra qildi.
دەرۋەقە سۇرىيە قوشۇنىدىن پەقەت ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلەر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەھۇدالار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار چوڭ بىر قوشۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار يوئاشقا جازا ئىجرا قىلدى.
25 Suriyler Yoashni tashlap ketken chaghda (chünki u qattiq aghrip qalghanidi) uning öz xizmetkarliri bash kahin Yehoyadaning oghlining qéni üchün intiqam élish kérek dep uni qestlidi; ular uni kariwitidila öltürüwetti. U shu yol bilen öldi; kishiler uni Dawut shehiride depne qilghini bilen, biraq padishahlarning qebristanliqigha depne qilmidi.
سۇرىيلەر يوئاشنى تاشلاپ كەتكەن چاغدا (چۈنكى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالغانىدى) ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قېنى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك دەپ ئۇنى قەستلىدى؛ ئۇلار ئۇنى كارىۋىتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ شۇ يول بىلەن ئۆلدى؛ كىشىلەر ئۇنى داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلغىنى بىلەن، بىراق پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى.
26 Uni qestligenler munular: — Ammoniy ayal Shimiyatning oghli Zabad bilen Moabiy ayal Simritning oghli Yehozabad idi.
ئۇنى قەستلىگەنلەر مۇنۇلار: ــ ئاممونىي ئايال شىمىياتنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن موئابىي ئايال سىمرىتنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئىدى.
27 Yoashning oghulliri, uninggha qaritilghan qattiq we nurghun agah bésharetler, shundaqla uning Xudaning öyini yéngibashtin sélishqa dair ishliri «padishahlarning tezkiriliri» dégen kitabning izahlirigha pütülgendur. Yoashning oghli Amaziya uning ornigha padishah boldi.
يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇنىڭغا قارىتىلغان قاتتىق ۋە نۇرغۇن ئاگاھ بېشارەتلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىباشتىن سېلىشقا دائىر ئىشلىرى «پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئىزاھلىرىغا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

< Tarix-tezkire 2 24 >