< Samuil 1 23 >

1 Birsi Dawutqa xewer bérip: — Mana Filistiyler Kéilahgha hujum qilip xamanlarni bulap-talimaqta, dédi.
بىرسى داۋۇتقا خەۋەر بېرىپ: ــ مانا فىلىستىيلەر كېئىلاھغا ھۇجۇم قىلىپ خامانلارنى بۇلاپ-تالىماقتا، دېدى.
2 Dawut Perwerdigardin: — Men bérip bu Filistiylerge zerbe bérimenmu? — dep soridi. Perwerdigar Dawutqa: — Bérip Filistiylerge zerbe bérip Kéilahni azad qilghin, dédi.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ مەن بېرىپ بۇ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ بېرىپ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىپ كېئىلاھنى ئازاد قىلغىن، دېدى.
3 Lékin Dawutning ademliri uninggha: — Mana biz Yehuda zéminida turupmu qorqiwatqan yerde, Kéilahgha bérip Filistiylerning qoshunlirigha hujum qilsaq qandaq bolar? — dédi.
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپمۇ قورقىۋاتقان يەردە، كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلساق قانداق بولار؟ ــ دېدى.
4 Shunga Dawut yene bir qétim Perwerdigardin soriwidi, Perwerdigar uninggha jawab bérip: — Sen ornungdin turup Kéilahgha barghin; chünki Men Filistiylerni qolunggha tapshurimen, dédi.
شۇڭا داۋۇت يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگاردىن سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كېئىلاھغا بارغىن؛ چۈنكى مەن فىلىستىيلەرنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى.
5 Buning bilen Dawut öz ademliri bilen Kéilahgha bérip Filistiyler bilen soqushup, mallirini olja qilip, ularni qattiq qirdi. Dawut shundaq qilip Kéilahda turuwatqanlarni qutquzdi.
بۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشۇپ، ماللىرىنى ئولجا قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىردى. داۋۇت شۇنداق قىلىپ كېئىلاھدا تۇرۇۋاتقانلارنى قۇتقۇزدى.
6 Emdi Aximelekning oghli Abiyatar Kéilahgha qéchip kélip Dawutning qéshigha kelgende, uning qolida efod bar idi.
ئەمدى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئابىياتار كېئىلاھغا قېچىپ كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ قولىدا ئەفود بار ئىدى.
7 Birsi Saulgha, Dawut Kéilahgha keptu, dep xewer berdi. Saul: — Emdi Xuda uni méning qolumgha tashlap tapshurdi. Chünki u derwaziliri we taqaqliri bar sheherge kirgechke solunup qaldi, dédi.
بىرسى سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھغا كەپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. سائۇل: ــ ئەمدى خۇدا ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاشلاپ تاپشۇردى. چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرى ۋە تاقاقلىرى بار شەھەرگە كىرگەچكە سولۇنۇپ قالدى، دېدى.
8 Emdi Saul Dawut bilen ademlirini muhasirige élish üchün hemme xelqni Kéilahgha bérip jeng qilishqa chaqirdi.
ئەمدى سائۇل داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەممە خەلقنى كېئىلاھغا بېرىپ جەڭ قىلىشقا چاقىردى.
9 Dawut Saulning özini qestleydighanliqini bilip, Abiyatar kahin’gha: — Efodni élip kelgin, dédi.
داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى.
10 Andin Dawut: — I Israilning Xudasi Perwerdigar, menki Séning qulung Saulning bu sheherni méning sewebimdin xarab qilish üchün Kéilahgha kélishke qestlewatqanliqini éniq anglidi.
ئاندىن داۋۇت: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، مەنكى سېنىڭ قۇلۇڭ سائۇلنىڭ بۇ شەھەرنى مېنىڭ سەۋەبىمدىن خاراب قىلىش ئۈچۈن كېئىلاھغا كېلىشكە قەستلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدى.
11 Kéilahdikiler méni uning qoligha tutup bérermu? Saul öz bendeng anglighandek bu yerge kélermu? I Israilning Xudasi Perwerdigar, Sendin ötünimenki, öz bendengge bildürgeysen, dédi. Perwerdigar: — U bu yerge kélidu, dédi.
كېئىلاھدىكىلەر مېنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ؟ سائۇل ئۆز بەندەڭ ئاڭلىغاندەك بۇ يەرگە كېلەرمۇ؟ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئۆز بەندەڭگە بىلدۈرگەيسەن، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇ بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېدى.
12 Dawut yene: — Kéilahtikiler méni we ademlirimni Saulning qoligha tutup bérermu, dédi. Perwerdigar: — Ular silerni tutup béridu, dédi.
داۋۇت يەنە: ــ كېئىلاھتىكىلەر مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇلار سىلەرنى تۇتۇپ بېرىدۇ، دېدى.
13 Emdi Dawut ademliri bilen (texminen alte yüzche) ornidin turup Kéilahdin chiqip, özliri baralaydighan terepke qarap ketti. Saulgha, Dawut Kéilahtin qéchiptu dep xewer bérilgende u uni qoghlashqa chiqmidi.
ئەمدى داۋۇت ئادەملىرى بىلەن (تەخمىنەن ئالتە يۈزچە) ئورنىدىن تۇرۇپ كېئىلاھدىن چىقىپ، ئۆزلىرى بارالايدىغان تەرەپكە قاراپ كەتتى. سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھتىن قېچىپتۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەندە ئۇ ئۇنى قوغلاشقا چىقمىدى.
14 Dawut bolsa chöldiki qorghan-qiyalarda hemde Zif chölining taghlirida turdi. Saul uni her küni izdeytti; lékin Xuda uni uning qoligha tapshurmidi.
داۋۇت بولسا چۆلدىكى قورغان-قىيالاردا ھەمدە زىف چۆلىنىڭ تاغلىرىدا تۇردى. سائۇل ئۇنى ھەر كۈنى ئىزدەيتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرمىدى.
15 Emdi Dawut Saulning özini öltürgili chiqidighanliqini bayqap qaldi. Shu chaghda u Zif chölidiki bir ormanliqta turatti.
ئەمدى داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرگىلى چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ زىف چۆلىدىكى بىر ئورمانلىقتا تۇراتتى.
16 Saulning oghli Yonatan bolsa ormanliqqa chiqip Dawutning qéshigha bérip, uni Xuda arqiliq righbetlendürüp uninggha: —
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بولسا ئورمانلىققا چىقىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى خۇدا ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا: ــ
17 Qorqmighin; chünki atam Saulning qoli séni tapalmaydu. Sen belki Israilning üstide padishah bolisen, men bolsam séning weziring bolimen, buni atam Saulmu bilidu, dédi.
قورقمىغىن؛ چۈنكى ئاتام سائۇلنىڭ قولى سېنى تاپالمايدۇ. سەن بەلكى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن، مەن بولسام سېنىڭ ۋەزىرىڭ بولىمەن، بۇنى ئاتام سائۇلمۇ بىلىدۇ، دېدى.
18 Andin ular ikkiylen Perwerdigarning aldida ehde qilishti; Dawut bolsa, ormanliqta turup qaldi, Yonatan öz öyige yénip ketti.
ئاندىن ئۇلار ئىككىيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەھدە قىلىشتى؛ داۋۇت بولسا، ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدى، يوناتان ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى.
19 Shuningdin kéyin Ziftikiler Gibéahta turuwatqan Saulning qéshigha kélip: — Mana, Dawut Xaqilahning égizlikidiki Yeshimonning jenubi teripige jaylashqan ormanliqtiki qorghanlarda yoshuruniwaldi, bilmemdila?
شۇنىڭدىن كېيىن زىفتىكىلەر گىبېئاھتا تۇرۇۋاتقان سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ مانا، داۋۇت خاقىلاھنىڭ ئېگىزلىكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان ئورمانلىقتىكى قورغانلاردا يوشۇرۇنىۋالدى، بىلمەمدىلا؟
20 Shunga, i padishah, qachan köngülliri tartsa shu chaghda kelsile; bizning burchimiz uni padishahning qoligha tutup bérishtur, dédi.
شۇڭا، ئى پادىشاھ، قاچان كۆڭۈللىرى تارتسا شۇ چاغدا كەلسىلە؛ بىزنىڭ بۇرچىمىز ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرىشتۇر، دېدى.
21 Saul: Manga ich aghritqininglar üchün Perwerdigar silerge bext ata qilghay.
سائۇل: ماڭا ئىچ ئاغرىتقىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.
22 Emdi silerdin ötünimenki, bérip zadi qaysi yerde turidighinini jezmleshtürünglar, uning iz-dérikini éniqlap, we kimning uni körgenlikini bilip kélinglar; chünki kishiler éytishiche u intayin hiyliger iken, dédi.
ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بېرىپ زادى قايسى يەردە تۇرىدىغىنىنى جەزملەشتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېنىقلاپ، ۋە كىمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى بىلىپ كېلىڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر ئېيتىشىچە ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ئىكەن، دېدى.
23 Shunga bérip, uning yoshurun’ghan barliq mexpiy jaylirini éniq körüp kélinglar, yénimgha yénip kélip manga eynini éytinglar. Andin men siler bilen bille barimen; we shundaq boliduki, eger u zéminda bolsila, men Yehudiylarning minglighanlarning arisidin uni izdep tapimen, dédi.
شۇڭا بېرىپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان بارلىق مەخپىي جايلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ كېلىڭلار، يېنىمغا يېنىپ كېلىپ ماڭا ئەينىنى ئېيتىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا بولسىلا، مەن يەھۇدىيلارنىڭ مىڭلىغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن، دېدى.
24 Ular qopup Sauldin ilgiri Zifqa bardi; lékin Dawut öz ademliri bilen Maon chöllükidiki Yeshimonning jenub teripidiki Arabah tüzlenglikide turuwatatti.
ئۇلار قوپۇپ سائۇلدىن ئىلگىرى زىفقا باردى؛ لېكىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن مائون چۆللۈكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتاتتى.
25 Saul ademliri bilen Dawutni izdep bardi. Kishiler bu xewerni Dawutqa éytti; shuning bilen u chüshüp, qiyagha bérip Maon chölide turdi. Saul buni anglap Dawutning keynidin qoghlap Maonning chölige chiqti.
سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇتنى ئىزدەپ باردى. كىشىلەر بۇ خەۋەرنى داۋۇتقا ئېيتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشۈپ، قىياغا بېرىپ مائون چۆلىدە تۇردى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مائوننىڭ چۆلىگە چىقتى.
26 Saul taghning bu teripide mangdi, emma Dawut ademliri bilen taghning u teripide mangdi. Dawut Sauldin qéchish üchün aldiriwatqanidi; lékin Saul ademliri bilen Dawut we uning ademlirini tutimiz dep ularni qorshighili turdi.
سائۇل تاغنىڭ بۇ تەرىپىدە ماڭدى، ئەمما داۋۇت ئادەملىرى بىلەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماڭدى. داۋۇت سائۇلدىن قېچىش ئۈچۈن ئالدىرىۋاتقانىدى؛ لېكىن سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتىمىز دەپ ئۇلارنى قورشىغىلى تۇردى.
27 Emma bir xewerchi Saulning qéshigha kélip uninggha: — Filistiyler zéminimizning jenub teripige kirip bulang-talang qiliwatidu, tézdin qaytsila, dédi.
ئەمما بىر خەۋەرچى سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ فىلىستىيلەر زېمىنىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىگە كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتىدۇ، تېزدىن قايتسىلا، دېدى.
28 Shuning bilen Saul yénip Dawutni qoghlashtin toxtap Filistiyler bilen soqushqili chiqti. Shunga u yer Séla-Hammahlékot dep ataldi.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل يېنىپ داۋۇتنى قوغلاشتىن توختاپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقىلى چىقتى. شۇڭا ئۇ يەر سېلا-خامماھلېكوت دەپ ئاتالدى.
29 Dawut bolsa u yerdin chiqip En-Gedining tagh-qorghanliqida turdi.
داۋۇت بولسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئەن-گەدىنىڭ تاغ-قورغانلىقىدا تۇردى.

< Samuil 1 23 >