< Samuil 1 10 >

1 Samuil bir may komzikini élip uning béshigha töküp uni söyüp mundaq dédi: — «Mana bu, Perwerdigarning séni Öz mirasigha emir bolushqa mesih qilghini emesmu?
سامۇئىل بىر ماي كومزىكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تۆكۈپ ئۇنى سۆيۈپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا بۇ، پەرەۋردىگارنىڭ سېنى ئۆز مىراسىغا ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىنى ئەمەسمۇ؟
2 Sen bügün mendin ayrilghandin kéyin Binyamin zéminining chégrisidiki Zelzahgha yétip barghiningda Rahilening qebrisining yénida sanga ikki kishi uchraydu; ular sanga: «Sen izdep barghan éshekler tépildi, we mana, atang ésheklerdin ghem qilmay, belki siler üchün: Oghlumni qandaq qilip taparmen, dep ensirimekte» dep éytidu.
سەن بۈگۈن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىنيامىن زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى زەلزاھغا يېتىپ بارغىنىڭدا راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساڭا ئىككى كىشى ئۇچرايدۇ؛ ئۇلار ساڭا: «سەن ئىزدەپ بارغان ئېشەكلەر تېپىلدى، ۋە مانا، ئاتاڭ ئېشەكلەردىن غەم قىلماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن: ئوغلۇمنى قانداق قىلىپ تاپارمەن، دەپ ئەنسىرىمەكتە» دەپ ئېيتىدۇ.
3 Sen u yerdin méngip, Tabordiki dub derixige yetkende Perwerdigarning aldigha bérish üchün Beyt-Elge chiqip kétiwatqan üch kishige uchraysen. Ulardin biri üch oghlaq, biri üch nan we yene biri bir tulum sharabni kötürüp kélidu.
سەن ئۇ يەردىن مېڭىپ، تابوردىكى دۇب دەرىخىگە يەتكەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن بەيت-ئەلگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىگە ئۇچرايسەن. ئۇلاردىن بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شارابنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ.
4 — Ular sanga salam qilip ikki nanni sunidu; sen berginini qolliridin alghin.
ــ ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ ئىككى ناننى سۇنىدۇ؛ سەن بەرگىنىنى قوللىرىدىن ئالغىن.
5 Andin sen «Xudagha [atalghan] Gibéah sheherige barisen (u yerde Filistiylerning bir leshkergahi bar); sen shu sheherge kelseng chiltar, tembur, ney we lirilarni kötürüp yuqiri jayidin chüshken bir bölek peyghemberler sanga uchraydu. Ular bésharetlik sözlerni qilidu.
ئاندىن سەن «خۇداغا [ئاتالغان] گىبېئاھ شەھەرىگە بارىسەن (ئۇ يەردە فىلىستىيلەرنىڭ بىر لەشكەرگاھى بار)؛ سەن شۇ شەھەرگە كەلسەڭ چىلتار، تەمبۇر، نەي ۋە لىرىلارنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى جايىدىن چۈشكەن بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ساڭا ئۇچرايدۇ. ئۇلار بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ.
6 Shuning bilen Perwerdigarning Rohi séning wujudunggha chüshidu, sen ular bilen birlikte bésharetlik sözlerni qilisen we yéngi bir adem bolisen.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ، سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىسەن ۋە يېڭى بىر ئادەم بولىسەن.
7 Mushu alametler sanga kelgende, qolungdin néme kelse shuni qilghin. Chünki Xuda sen bilen billidur.
مۇشۇ ئالامەتلەر ساڭا كەلگەندە، قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلغىن. چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر.
8 Andin mendin ilgiri Gilgalgha chüshüp barisen. Mana, men hem yéninggha chüshüp köydürme qurbanliqlar sunush we inaq qurbanliqlar qilish üchün kélimen. Men yéninggha bérip, néme qilishing kéreklikini uqturmighuche, méni yette kün saqlap turghin».
ئاندىن مەندىن ئىلگىرى گىلگالغا چۈشۈپ بارىسەن. مانا، مەن ھەم يېنىڭغا چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇش ۋە ئىناق قۇربانلىقلار قىلىش ئۈچۈن كېلىمەن. مەن يېنىڭغا بېرىپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرمىغۇچە، مېنى يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن».
9 We shundaq boldiki, u burulup Samuildin ayrilghanda Xuda uninggha yéngi bir qelb ata qildi; we bu alametlerning hemmisi ashu küni emelde körsitildi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇرۇلۇپ سامۇئىلدىن ئايرىلغاندا خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى؛ ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ كۈنى ئەمەلدە كۆرسىتىلدى.
10 Ular Gibéahgha yétip kelgende mana, bir bölek peyghemberler uninggha uchridi; Xudaning Rohi uning wujudigha chüshti, buning bilen u ularning arisida bésharet qilishqa bashlidi.
ئۇلار گىبېئاھغا يېتىپ كەلگەندە مانا، بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا ئۇچرىدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلىشقا باشلىدى.
11 Uni ilgiri tonuydighanlarning hemmisi uning peyghemberlerning arisida bésharet qilghinini körgende ular bir-birige: — Kishning oghligha néme boptu? Saulmu peyghemberlerdin biri boldimu néme? — déyishti.
ئۇنى ئىلگىرى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلغىنىنى كۆرگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بوپتۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولدىمۇ نېمە؟ ــ دېيىشتى.
12 Emma yerlik bir adem: — Bularning atiliri kimler? — dédi. Shuning bilen: «Saulmu peyghemberlerning birimidu?» deydighan gep peyda boldi.
ئەمما يەرلىك بىر ئادەم: ــ بۇلارنىڭ ئاتىلىرى كىملەر؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن: «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىمىدۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى.
13 Emdi Saul bésharetlik sözlerni qilip bolup, yuqiri jaygha chiqip ketti.
ئەمدى سائۇل بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، يۇقىرى جايغا چىقىپ كەتتى.
14 Saulning taghisi uningdin we uning xizmetkaridin: — Nege bérip keldinglar? dep soridi. U: — Ésheklerni izdigili chiqtuq; lékin ularni tapalmay Samuilning qéshigha barduq, dédi.
سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىدىن: ــ نەگە بېرىپ كەلدىڭلار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىقتۇق؛ لېكىن ئۇلارنى تاپالماي سامۇئىلنىڭ قېشىغا باردۇق، دېدى.
15 Saulning taghisi: — Samuilning silerge néme déginini manga éytip bergine, dédi.
سائۇلنىڭ تاغىسى: ــ سامۇئىلنىڭ سىلەرگە نېمە دېگىنىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، دېدى.
16 Saul taghisigha: — U jezm bilen bizge éshekler tépildi, dep xewer berdi, dédi. Lékin Samuilning padishahliq ishi toghruluq éytqan sözini uninggha dep bermidi.
سائۇل تاغىسىغا: ــ ئۇ جەزم بىلەن بىزگە ئېشەكلەر تېپىلدى، دەپ خەۋەر بەردى، دېدى. لېكىن سامۇئىلنىڭ پادىشاھلىق ئىشى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرمىدى.
17 Samuil emdi xelqni Perwerdigarning aldigha jem bolunglar dep, Mizpahqa chaqirdi.
سامۇئىل ئەمدى خەلقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا جەم بولۇڭلار دەپ، مىزپاھقا چاقىردى.
18 U Israilgha: — Israilning Xudasi Perwerdigar mundaq deydu: — «Men siler Israilni Misirdin chiqirip misirliqlarning qolidin azad qilip, silerge zulum qilghan hemme padishahliqlarning qolidin qutquzdum.
ئۇ ئىسرائىلغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سىلەر ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، سىلەرگە زۇلۇم قىلغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم.
19 Lékin bügünki künde silerni béshinglargha chüshken barliq balayi’apetlerdin we barliq musheqqetlerdin qutquzghuchi Xudayinglardin waz kéchip uninggha: «Yaq. Üstimizge bir padishah békitip bergeysen» — dédinglar. Emdi özünglarni qebilenglar boyiche, jemetinglar boyiche Perwerdigarning aldigha hazir qilinglar» — dédi.
لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنى بېشىڭلارغا چۈشكەن بارلىق بالايىئاپەتلەردىن ۋە بارلىق مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغۇچى خۇدايىڭلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭغا: «ياق! ئۈستىمىزگە بىر پادىشاھ بېكىتىپ بەرگەيسەن» ــ دېدىڭلار. ئەمدى ئۆزۈڭلارنى قەبىلەڭلار بويىچە، جەمەتىڭلار بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىڭلار» ــ دېدى.
20 Shuning bilen Samuil Israilning hemme qebililirini aldigha jem qilip, chek tashliwidi, chek Binyamin qebilisige chiqti.
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ئالدىغا جەم قىلىپ، چەك تاشلىۋىدى، چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى.
21 U Binyamin qebilisini jemet-jemetliri boyiche öz aldigha keltürüp chek tashliwidi, chek Matrining jemetige chiqti. Andin kéyin yene chek tashliwidi, Kishning oghli Saulgha chiqti. Ular uni izdiwidi, emma uni tapalmidi.
ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىنى جەمەت-جەمەتلىرى بويىچە ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ چەك تاشلىۋىدى، چەك ماترىنىڭ جەمەتىگە چىقتى. ئاندىن كېيىن يەنە چەك تاشلىۋىدى، كىشنىڭ ئوغلى سائۇلغا چىقتى. ئۇلار ئۇنى ئىزدىۋىدى، ئەمما ئۇنى تاپالمىدى.
22 Shunga ular Perwerdigardin yene: — U kishi bu yerge kélemdu? — dep soridi. Perwerdigar jawaben: — Mana, u yük-taqlarning arisigha yoshuruniwaldi, dédi.
شۇڭا ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يەنە: ــ ئۇ كىشى بۇ يەرگە كېلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ مانا، ئۇ يۈك-تاقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالدى، دېدى.
23 Shunga ular yügürüp bérip uni shu yerdin élip keldi. U xelqning otturisida turghanda xalayiqning boyi uning mürisigimu kelmidi.
شۇڭا ئۇلار يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندا خالايىقنىڭ بويى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمىدى.
24 Samuil barliq xelqqe: — Emdi Perwerdigar tallighan kishige qaranglar! Derweqe barliq xelqning ichide uninggha yétidighan birsi yoqtur, dédi. We xelqning hemmisi: — Padishah yashisun! — dep towlashti.
سامۇئىل بارلىق خەلققە: ــ ئەمدى پەرۋەردىگار تاللىغان كىشىگە قاراڭلار! دەرۋەقە بارلىق خەلقنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرسى يوقتۇر، دېدى. ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى.
25 Samuil xelqqe padishahliq hoquq-qanunlirini uqturdi we uni oram yazma qilip yézip chiqip, Perwerdigarning aldigha qoydi. Andin Samuil hemme xelqni, herqaysisini öz öylirige qayturdi.
سامۇئىل خەلققە پادىشاھلىق ھوقۇق-قانۇنلىرىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇنى ئورام يازما قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن سامۇئىل ھەممە خەلقنى، ھەرقايسىسىنى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.
26 Saulmu hem Gibéahdiki öyige qaytti; köngülliri Xuda teripidin tesirlendürülgen bir türküm batur kishi uning bilen bille bardi.
سائۇلمۇ ھەم گىبېئاھدىكى ئۆيىگە قايتتى؛ كۆڭۈللىرى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر تۈركۈم باتۇر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى.
27 Lékin birnechche rezil kishi: — Bu kishi qandaqmu bizni qutquzalisun? — dep uni kemsitip uninggha héch sowghat bermidi; emma u anglimasliqqa saldi.
لېكىن بىرنەچچە رەزىل كىشى: ــ بۇ كىشى قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالىسۇن؟ ــ دەپ ئۇنى كەمسىتىپ ئۇنىڭغا ھېچ سوۋغات بەرمىدى؛ ئەمما ئۇ ئاڭلىماسلىققا سالدى.

< Samuil 1 10 >