< Samuil 1 1 >

1 Efraim taghliqidiki Ramataim-Zofimda Elkanah isimlik bir kishi bar idi. U Efraimliq bolup, Yerohamning oghli, Yeroham Élixuning oghli, Élixu Toxuning oghli, Toxu Zufning oghli idi.
ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماتائىم-زوفىمدا ئەلكاناھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەفرائىملىق بولۇپ، يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئېلىخۇنىڭ ئوغلى، ئېلىخۇ توخۇنىڭ ئوغلى، توخۇ زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.
2 Uning ikki ayali bar idi. Birsining ismi Hannah, yene birsining ismi Peninnah idi. Peninnahning baliliri bar idi, lékin Hannahning balisi yoq idi.
ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار ئىدى. بىرسىنىڭ ئىسمى ھانناھ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى پەنىنناھ ئىدى. پەنىنناھنىڭ بالىلىرى بار ئىدى، لېكىن ھانناھنىڭ بالىسى يوق ئىدى.
3 Bu adem her yili öz shehiridin samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigargha sejde qilip qurbanliq sun’ghili Shilohgha baratti. U yerde Elining Xofniy we Finihas dégen ikki oghli Perwerdigarning kahinliri bolup ishleytti.
بۇ ئادەم ھەر يىلى ئۆز شەھىرىدىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ قۇربانلىق سۇنغىلى شىلوھغا باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ خوفنىي ۋە فىنىھاس دېگەن ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇپ ئىشلەيتتى.
4 Her qétim Elkanah qurbanliq qilghan künide u [qurbanliqtin] ayali Peninnah we uning herbir oghul-qizlirigha öz ülüshini béretti.
ھەر قېتىم ئەلكاناھ قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە ئۇ [قۇربانلىقتىن] ئايالى پەنىنناھ ۋە ئۇنىڭ ھەربىر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئۆز ئۈلۈشىنى بېرەتتى.
5 Emma Hannahgha bolsa u ikki hessilik ülüsh béretti; chünki u Hannahni tolimu söyetti. Lékin Perwerdigar uni tughmas qilghanidi.
ئەمما ھانناھغا بولسا ئۇ ئىككى ھەسسىلىك ئۈلۈش بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇ ھانناھنى تولىمۇ سۆيەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى.
6 Perwerdigarning uni tughmas qilghanliqidin uning kündesh reqibi [Peninnah Hannahni] azablash üchün uning bilen qattiq qérishatti.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى تۇغماس قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ كۈندەش رەقىبى [پەنىنناھ ھانناھنى] ئازابلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قېرىشاتتى.
7 We her yili, Hannah her qétim Perwerdigarning öyige chiqqanda, [Peninnah] uninggha azar béretti. Peninnah shundaq qilghachqa, u yighlap héch néme yémeytti.
ۋە ھەر يىلى، ھانناھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا، [پەنىنناھ] ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. پەنىنناھ شۇنداق قىلغاچقا، ئۇ يىغلاپ ھېچ نېمە يېمەيتتى.
8 Axiri uning éri Elkanah uninggha: — I Hannah, némishqa yighlaysen? Némishqa birnerse yémeysen? Némishqa könglüng azar yeydu? Men özüm sanga on oghuldin ewzel emesmu?! — dédi.
ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى.
9 Ular Shilohda yep-ichkendin kéyin (Eli dégen kahin shu chaghda Perwerdigarning ibadetxanisining ishiki yénidiki orunduqta olturatti) Hannah dastixandin turdi;
ئۇلار شىلوھدا يەپ-ئىچكەندىن كېيىن (ئەلى دېگەن كاھىن شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى) ھانناھ داستىخاندىن تۇردى؛
10 u qattiq azab ichide Perwerdigargha dua qilip zar-zar yighlaytti.
ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ زار-زار يىغلايتتى.
11 U qesem ichip: — I samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar, eger dédikingning derdige yétip, méni yad étip dédikingni untumay, belki dédikingge bir oghul bala ata qilsang, uni pütün ömrining künliride Sen Perwerdigargha béghishlaymen; uning béshigha ustira héchqachan sélinmaydu, dédi.
ئۇ قەسەم ئىچىپ: ــ ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەردىگە يېتىپ، مېنى ياد ئېتىپ دېدىكىڭنى ئۇنتۇماي، بەلكى دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلساڭ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىدە سەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلايمەن؛ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ، دېدى.
12 U Perwerdigarning aldida duasini dawam qiliwatqanda, Eli uning aghzigha qarap turdi;
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئاسىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئەلى ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇردى؛
13 chünki Hannah duani ichide qilghachqa lewliri midirlawatqini bilen awazi anglanmaytti. Shunga Eli uni mest bolup qaptu, dep oylidi.
چۈنكى ھانناھ دۇئانى ئىچىدە قىلغاچقا لەۋلىرى مىدىرلاۋاتقىنى بىلەن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا ئەلى ئۇنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى.
14 Eli uninggha: — Qachan’ghiche mest yürisen? Sharabingni özüngdin néri qil, dédi.
ئەلى ئۇنىڭغا: ــ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابىڭنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىل، دېدى.
15 Lékin Hannah jawaben: — Undaq emes, i ghojam! Köngli sunuq bir mezlummen. Men sharabmu, haraqmu ichmidim, belki jénim derdini Perwerdigarning aldida töktüm;
لېكىن ھانناھ جاۋابەن: ــ ئۇنداق ئەمەس، ئى غوجام! كۆڭلى سۇنۇق بىر مەزلۇممەن. مەن شارابمۇ، ھاراقمۇ ئىچمىدىم، بەلكى جېنىم دەردىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۆكتۈم؛
16 dédeklirini yaman xotun dep bilmigeyla. Chünki méning zor derdim we azablirimdin bu kün’giche shundaq nida qiliwatimen, dédi.
دېدەكلىرىنى يامان خوتۇن دەپ بىلمىگەيلا. چۈنكى مېنىڭ زور دەردىم ۋە ئازابلىرىمدىن بۇ كۈنگىچە شۇنداق نىدا قىلىۋاتىمەن، دېدى.
17 Eli uninggha jawab bérip: — Tinch-aman qaytqin; Israilning Xudasi Özidin tiligen iltijayingni ijabet qilghay, dédi.
ئەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ تىنچ-ئامان قايتقىن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆزىدىن تىلىگەن ئىلتىجايىڭنى ئىجابەت قىلغاي، دېدى.
18 Hannah: — Dédekliri köz aldilirida iltipat tapqay, dédi. U shularni dep chiqip, ghiza yédi we shuningdin kéyin chirayida ilgirikidek ghemkinlik körünmidi.
ھانناھ: ــ دېدەكلىرى كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقاي، دېدى. ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ، غىزا يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك غەمكىنلىك كۆرۈنمىدى.
19 Ular etisi tang seherde ornidin turup Perwerdigarning huzurida sejde qilip bolup, Ramahdiki öyige yénip keldi. Elkanah ayali Hannahgha yéqinchiliq qildi; Perwerdigar uni esligenidi.
ئۇلار ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەجدە قىلىپ بولۇپ، راماھدىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەلكاناھ ئايالى ھانناھغا يېقىنچىلىق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى ئەسلىگەنىدى.
20 Hannah hamilidar bolup, waqti-saiti toshup, bir oghul tughdi. U: «Men uni Perwerdigardin tilep aldim» dep, ismini Samuil qoydi.
ھانناھ ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالدىم» دەپ، ئىسمىنى سامۇئىل قويدى.
21 Uning éri Elkanah öyidiki hemmisi bilen Perwerdigargha atidighan her yilliq qurbanliqni qilghili we qilghan qesimini ada qilish üchün Shilohgha chiqti.
ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۆيىدىكى ھەممىسى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىغان ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ۋە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىلوھغا چىقتى.
22 Lékin Hannah bille barmay érige: — Bala emchektin ayrilghandila andin men uning Perwerdigarning aldida hazir bolushi üchün uni élip barimen; shuning bilen u u yerde menggü turidu, dédi.
لېكىن ھانناھ بىللە بارماي ئېرىگە: ــ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، دېدى.
23 Éri Elkanah uninggha: — Özüngge néme yaxshi körünse, shuni qilghin. Uni emchektin ayrighuche turup turghin. Perwerdigar Öz söz-kalamigha emel qilghay, dédi. Ayali öyde qélip balisi emchektin ayrilghuche émitti.
ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن. ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار ئۆز سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلغاي، دېدى. ئايالى ئۆيدە قېلىپ بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغۇچە ئېمىتتى.
24 Balisi emchektin ayrilghandin kéyin u uni élip, shundaqla üch buqa, bir efah un we bir tulum sharabni élip Perwerdigarning Shilohdiki öyige apardi. Bala bolsa téxi kichik idi.
بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ، شۇنداقلا ئۈچ بۇقا، بىر ئەفاھ ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھدىكى ئۆيىگە ئاپاردى. بالا بولسا تېخى كىچىك ئىدى.
25 Ular bir buqini soyup balini elining qéshigha élip keldi.
ئۇلار بىر بۇقىنى سويۇپ بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى.
26 Shuning bilen Hannah [uninggha]: — I ghojam, özliride hayat rast bolghinidek, bu yerde silining qashlirida turup Perwerdigargha nida qilghan mezlum men bolimen, dédi.
شۇنىڭ بىلەن ھانناھ [ئۇنىڭغا]: ــ ئى غوجام، ئۆزلىرىدە ھايات راست بولغىنىدەك، بۇ يەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا نىدا قىلغان مەزلۇم مەن بولىمەن، دېدى.
27 Men mushu oghul bala üchün dua qildim we mana, Perwerdigar méning tiligen iltijayimni ijabet qildi.
مەن مۇشۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە مانا، پەرۋەردىگار مېنىڭ تىلىگەن ئىلتىجايىمنى ئىجابەت قىلدى.
28 Emdi hazir men uni Perwerdigargha tapshurup berdim. Ömrining hemme künliride u Perwerdigargha béghishlan’ghan bolidu, dédi. Shuning bilen ular u yerde Perwerdigargha sejde qildi.
ئەمدى ھازىر مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.

< Samuil 1 1 >