< Yuhanna 1 2 >

1 I eziz balilirim, men silerni gunah sadir qilmisun dep, bu sözlerni yéziwatimen. Mubada birsi gunah sadir qilsa, Atining yénida bir yardemchi wekilimiz, yeni Heqqaniy Bolghuchi Eysa Mesih bardur.
ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر.
2 U Özi gunahlirimiz üchün [jazani kötürgüchi] kafarettur; mushu kafaret peqet bizning gunahlirimiz üchünla emes, belki pütkül dunyadikilerning gunahliri üchündur.
ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن [جازانى كۆتۈرگۈچى] كافارەتتۇر؛ مۇشۇ كافارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.
3 Bizning uni tonughanliqimizni bilelishimiz — Uning emrlirige emel qilishimizdindur.
بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر.
4 «Uni tonuymen» dep turup, Uning emrlirige emel qilmighuchi kishi yalghanchidur, uningda heqiqet yoqtur.
«ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر.
5 Lékin kimki Uning sözige emel qilsa, emdi uningda Xudaning méhir-muhebbiti heqiqeten kamaletke yetken bolidu. Biz özimizning Uningda bolghanliqimizni ene shuningdin bilimiz.
لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز.
6 «Xudada turup yashaymen» dégüchi bolsa [Eysaning] mangghinidek oxshash méngishi kérek.
«خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا [ئەيسانىڭ] ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك.
7 I söyümlüklirim, silerge [burun anglap baqmighan] yéngi bir emrni emes, belki desleptin tartip siler tapshuruwalghan kona emrni yéziwatimen. Ushbu emr siler burundinla anglap kéliwatqan söz-kalamdur.
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە [بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان] يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر.
8 Lékin yene kélip men silerge yéziwatqinimni yéngi emr [désekmu bolidu]; bu emr Mesihde hem silerdimu emel qilinmaqta, chünki qarangghuluq ötüp ketmekte, we heqiqiy nur alliqachan chéchilishqa bashlidi.
لېكىن يەنە كېلىپ مەن سىلەرگە يېزىۋاتقىنىمنى يېڭى ئەمر [دېسەكمۇ بولىدۇ]؛ بۇ ئەمر مەسىھدە ھەم سىلەردىمۇ ئەمەل قىلىنماقتا، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۆتۈپ كەتمەكتە، ۋە ھەقىقىي نۇر ئاللىقاچان چېچىلىشقا باشلىدى.
9 Kimdekim özini «nurda yashawatimen» dep turup, qérindishini öch körse, u bügün’giche qarangghuluqta turuwatqan bolidu.
كىمدەكىم ئۆزىنى «نۇردا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ بۈگۈنگىچە قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.
10 Qérindishigha méhir-muhebbet körsetken kishi yoruqluqta turmaqta, uningda gunahqa putlashturidighan héchnéme qalmaydu.
قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا تۇرماقتا، ئۇنىڭدا گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ.
11 Lékin qérindishini öch körgen kishi qarangghuluqtidur; u qarangghuluqta mangidu we qeyerge kétiwatqanliqini bilmeydu, chünki qarangghuluq uning közlirini qarighu qiliwetken.
لېكىن قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر؛ ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋەتكەن.
12 Men bularni silerge yéziwatimen, i eziz balilirim, chünki gunahliringlar Uning nami üchün kechürüm qilindi.
مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى.
13 Men buni silerge yéziwatimen, i atilar, chünki siler Ezeldin Bar Bolghuchini tonudunglar. Men buni silerge yéziwatimen, i yigitler, chünki siler u rezil üstidin ghelibe qildinglar.
مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار.
14 Men buni silerge yéziwatimen, i eziz balilirim, chünki siler Atini tonudunglar. Men buni silerge yéziwatimen, i atilar, chünki siler Ezeldin Bar Bolghuchini tonudunglar. Men buni silerge yéziwatimen, i yigitler, chünki siler küchlüksiler, Xudaning söz-kalami silerde turidu we siler u rezil üstidinmu ghelibe qildinglar.
مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى سىلەر ئاتىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر كۈچلۈكسىلەر، خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردە تۇرىدۇ ۋە سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار.
15 Bu dunyani we bu dunyadiki ishlarni söymenglar. Herkim bu dunyani söyse, Atining söygüsi uningda yoqtur.
بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر.
16 Chünki bu dunyadiki barliq ishlar, yeni ettiki hewes, közlerdiki hewes we hayatigha bolghan meghrurluqning hemmisi Atidin kelgen emes, belki bu dunyadin bolghandur, xalas;
چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس؛
17 we bu dunya we uningdiki heweslerning hemmisi ötüp kétidu. Lékin Xudaning iradisige emel qilghuchi kishi menggü yashaydu. (aiōn g165)
ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ. (aiōn g165)
18 Eziz balilirim, zamanning axirqi saiti yétip keldi; we siler dejjalning [axir zamanda] kélidighanliqini anglighininglardek, emeliyette bolsa hazirning özidila nurghun dejjallar meydan’gha chiqti; buningdin zamanning axirqi saiti bolup qalghanliqi bizge melum.
ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ [ئاخىر زاماندا] كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم.
19 Ular arimizdin chiqti, lékin ular eslide bizlerdin emes idi. Chünki eger bizlerdin bolghan bolsa, arimizda turiwergen bolatti. Lékin ularning héchqaysisining eslide bizdikilerdin bolmighanliqi pash qilin’ghanliqi üchün ular arimizdin chiqip ketti.
ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى.
20 Halbuki, siler bolsanglar Muqeddes Bolghuchidin kelgen mesihligüchi Rohtin nésip boldunglar we shuning üchün siler hemme ishni bilisiler.
ھالبۇكى، سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس بولغۇچىدىن كەلگەن مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر.
21 Silerge bu xetni yizishimdiki seweb, silerning heqiqetni bilmigenlikinglar üchün emes, belki heqiqetni bilip, yalghanchiliqning heqiqettin kélip chiqmaydighanliqini bilgenlikinglar üchündur.
سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
22 Emise, kim yalghanchi? Eysaning Mesih ikenlikini inkar qilghuchi kishi bulsa, u yalghanchidur. Ata we Oghulni inkar qilghuchi kishi özi bir dejjaldur.
ئەمىسە، كىم يالغانچى؟ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى بۇلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. ئاتا ۋە ئوغۇلنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى ئۆزى بىر دەججالدۇر.
23 Kimdekim Oghulni ret qilsa uningda Ata bolmaydu. Lékin Oghulni étirap qilsa, uningda Ata bolidu.
كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ.
24 Siler bolsanglar, burundin anglap kéliwatqininglarni özünglarda dawamliq turghuziwéringlar. Burundin anglap kéliwatqininglar silerde dawamliq turiwerse, silermu dawamliq Oghul we Atida yashawatqan bolisiler;
سىلەر بولساڭلار، بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزۈڭلاردا داۋاملىق تۇرغۇزىۋېرىڭلار. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلار سىلەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسە، سىلەرمۇ داۋاملىق ئوغۇل ۋە ئاتىدا ياشاۋاتقان بولىسىلەر؛
25 we Uning bizge qilghan wedisi bolsa del shu — menggü hayatliqtur. (aiōnios g166)
ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر. (aiōnios g166)
26 Silerni azdurmaqchi bolghanlarni nezerde tutup, bularni silerge yazdim;
سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛
27 Siler bolsanglar, siler Uningdin qobul qilghan mesihligüchi Roh silerde turiwéridu, siler héchkimning ögitishige mohtaj emessiler; belki ene shu mesihligüchi Roh silerge barliq ishlar toghruluq ögitiwatqandek (U heqtur, héch yalghan emestur!) — hem ögetkendek, siler dawamliq Uningda yashaydighan bolisiler.
سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ــ ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر.
28 Emise, i eziz balilirim, dawamliq Uningda turup yashawéringlar. Shundaq qilsanglar, U herqachan qaytidin ayan bolghanda qorqmas bolimiz hem U kelginide Uning aldida héch xijalet bolup qalmaymiz.
ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز.
29 [Xudaning] heqqaniy ikenlikini bilgenikensiler, heqqaniyliqqa emel qilghuchilarning herbirining uning teripidin tughulghuchi ikenlikinimu bilsenglar kérek.
[خۇدانىڭ] ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەڭلار كېرەك.

< Yuhanna 1 2 >