< Korintliqlargha 1 8 >

1 Emdi «butlargha atap nezir qilin’ghan taamlar» mesilisige kéleyli. «Hemmimizde bilim bar» dep bilimiz. Xosh, biraq bilim bolsa ademni körenglitidu; méhir-muhebbet bolsa ademni quridu.
ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ.
2 «Méning bilimim bar» dep hésablighan kishi, emeliyette héchnémini téxi bilishke tégishlik derijide bilmigen bolidu.
«مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ.
3 Emma Xudani söygen kishi bolsa, u Uning teripidin tonulidu.
ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ.
4 Xosh, emdi «butlargha atap nezir qilin’ghan taamlar» toghruluq — bizge melumki, «Jahanda but dégen héchnéme hésablanmaydu», we «birla Xudadin bashqa héch ilah yoqtur».
خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق ــ بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر».
5 Gerche nurghun atalmish ilahlar bar bolsimu — meyli ular zéminda yaki asmanda turidu dep qarilishidin qet’iynezer (derweqe «ilahlar» köp, we «reb»ler köptur)
گەرچە نۇرغۇن ئاتالمىش ئىلاھلار بار بولسىمۇ ــ مەيلى ئۇلار زېمىندا ياكى ئاسماندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشىدىن قەتئىينەزەر (دەرۋەقە «ئىلاھلار» كۆپ، ۋە «رەب»لەر كۆپتۇر)
6 biraq biz üchün peqetla bir Xuda, yeni Ata bardur. Uningdin barliq mewjudatlar apiride bolghan, bizmu Uning üchün mewjut bolghanmiz; [shuningdek], birla Reb, yeni Eysa Mesih bardur. Pütkül mewjudatlar U arqiliq mewjut, bizmu U arqiliq hayatmiz.
بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ [شۇنىڭدەك]، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز.
7 Emma bundaq bilim hemmimizde téxi yoqtur; téxi butlargha köndürülginidin xalas bolmighan bezi [ishen’güchiler] bolsa mushundaq taamlarni «butqa atap nezir qilin’ghan» dep bilip yeydu; shundaqla ularning wijdani ajiz bolghachqa, bulghan’ghan bolidu.
ئەمما بۇنداق بىلىم ھەممىمىزدە تېخى يوقتۇر؛ تېخى بۇتلارغا كۆندۈرۈلگىنىدىن خالاس بولمىغان بەزى [ئىشەنگۈچىلەر] بولسا مۇشۇنداق تائاملارنى «بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان» دەپ بىلىپ يەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئاجىز بولغاچقا، بۇلغانغان بولىدۇ.
8 Emeliyette taamlarning özliri bizni Xuda bilen yarashturalmaydu; yémisek bizning kemchilikimiz hésablanmaydu, yégen bolsaq artuqchiliqmu hésablanmaydu.
ئەمەلىيەتتە تائاملارنىڭ ئۆزلىرى بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرالمايدۇ؛ يېمىسەك بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ھېسابلانمايدۇ، يېگەن بولساق ئارتۇقچىلىقمۇ ھېسابلانمايدۇ.
9 Biraq herhalda [yéyish] erkinlikinglarning ajizlargha putlikashang bolmasliqigha köngül qoyunglar.
بىراق ھەرھالدا [يېيىش] ئەركىنلىكىڭلارنىڭ ئاجىزلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا كۆڭۈل قويۇڭلار.
10 Chünki ajiz bir bende bilimi bar bolghan séning butxanidiki dastixanda olturup yégenlikingni körse, undaqta u öz ajiz wijdanigha qarshi halda butlargha atap nezir qilin’ghan taamlarni yéyishke «qurulup kücheytilidighan» bolmamdu?
چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟
11 Shuning bilen Mesih uning nijati üchün ölgen, séning qérindishing bolghan bu ajiz bende séning biliming wejidin halak bolidu.
شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ.
12 Shu yol bilen qérindashlargha ziyan yetküzüp gunah qilip, ularning ajiz wijdanini zeximlendürüp, Mesihke qarshi gunah qiliwatisiler.
شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر.
13 Shunga, eger birer taam öz qérindishimni yiqitidighan qiltaq bolsa, qérindishimni yiqitmasliqim üchün men menggügiche göshni qet’iy yémeymen. (aiōn g165)
شۇڭا، ئەگەر بىرەر تائام ئۆز قېرىندىشىمنى يىقىتىدىغان قىلتاق بولسا، قېرىندىشىمنى يىقىتماسلىقىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈگىچە گۆشنى قەتئىي يېمەيمەن. (aiōn g165)

< Korintliqlargha 1 8 >