< Tarix-tezkire 1 7 >

1 Issakarning oghulliri: — Tola, Puah, Yashub we Shimron dégen töteylen idi.
ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون دېگەن تۆتەيلەن ئىدى.
2 Tolaning oghulliri: — Uzzi, Réfaya, Yériyel, Yahmay, Yibsam we Samuildin ibaret, bularning hemmisi jemet béshi idi. Dawutning zamanida Tolaning adem sani nesebnamilerde yigirme ikki ming alte yüz batur jengchi dep xatirilen’gen.
تولانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇززى، رېفايا، يېرىيەل، ياھماي، يىبسام ۋە سامۇئىلدىن ئىبارەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ زامانىدا تولانىڭ ئادەم سانى نەسەبنامىلەردە يىگىرمە ئىككى مىڭ ئالتە يۈز باتۇر جەڭچى دەپ خاتىرىلەنگەن.
3 Uzzining oghli Izraqiya idi, Izraqiyaning oghulliri Mikail, Obadiya, Yoél we Ishiya idi. Bu besheylenning hemmisi jemet béshi idi.
ئۇززىنىڭ ئوغلى ئىزراقىيا ئىدى، ئىزراقىيانىڭ ئوغۇللىرى مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە ئىشىيا ئىدى. بۇ بەشەيلەننىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى.
4 Nesebnamiler boyiche ular bilen bille hésablan’ghanlardin jenggiwar ottuz alte ming adem bar idi; chünki ularning xotun, bala-chaqiliri nahayiti köp idi.
نەسەبنامىلەر بويىچە ئۇلار بىلەن بىللە ھېسابلانغانلاردىن جەڭگىۋار ئوتتۇز ئالتە مىڭ ئادەم بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
5 Bularning Issakarning barliq jemetliri ichidiki batur jengchi qérindashliri bilen qoshulup, neseb boyiche tizimgha élin’ghan jemiy seksen yette ming adimi bar idi.
بۇلارنىڭ ئىسساكارنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي سەكسەن يەتتە مىڭ ئادىمى بار ئىدى.
6 Binyaminning Béla, Beker we Yediyayel dégen üch oghli bar idi.
بىنيامىننىڭ بېلا، بەكەر ۋە يەدىيايەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
7 Bélaning Ézbon, Uzzi, Uzziel, Yerimot we Iri dégen besh oghli bolup, hemmisi jemet béshi idi; ularning nesebnamilirige tizimgha élin’ghan jemiy yigirme ikki ming ottuz töt batur jengchi bar idi.
بېلانىڭ ئېزبون، ئۇززى، ئۇززىئەل، يەرىموت ۋە ئىرى دېگەن بەش ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئوتتۇز تۆت باتۇر جەڭچى بار ئىدى.
8 Bekerning oghulliri Zémirah, Yoash, Eliézer, Elyoyinay, Omri, Yeremot, Abiya, Anatot we Alamet idi. Bularning hemmisi Bekerning oghulliri bolup,
بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى زېمىراھ، يوئاش، ئەلىئېزەر، ئەليويىناي، ئومرى، يەرەموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالامەت ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ،
9 Jemet bashliri idi; ularning nesebnamilirige tizimgha élin’ghan jemiy yigirme ming ikki yüz batur jengchi bar idi.
جەمەت باشلىرى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە مىڭ ئىككى يۈز باتۇر جەڭچى بار ئىدى.
10 Yediyayelning oghli Bilhan idi; Bilhanning oghulliri Yeush, Binyamin, Exud, Kenaanah, Zétan, Tarshish we Axishahar idi;
يەدىيايەلنىڭ ئوغلى بىلھان ئىدى؛ بىلھاننىڭ ئوغۇللىرى يەئۇش، بىنيامىن، ئەخۇد، كەنائاناھ، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاھار ئىدى؛
11 Bularning hemmisi Yediyayelning ewladliri, jemet bashliri we batur jengchiler idi. Ularning nesebnamilirige tizimlan’ghanlarning jengge chiqilaydighanliri jemiy on yette ming ikki yüz idi.
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەدىيايەلنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت باشلىرى ۋە باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىملانغانلارنىڭ جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي ئون يەتتە مىڭ ئىككى يۈز ئىدى.
12 Shuppiylar we Xuppiylar bolsa yene Irning ewladliri idi; Xushiylar Axerning ewladliri idi.
شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار بولسا يەنە ئىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ھۇشىيلار ئاخەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
13 Naftalining oghulliri: Yahziel, Guni, Yezer, Shallom; bularning hemmisi Bilhahning oghulliri idi.
نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر، شاللوم؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلھاھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
14 Manassehning oghulliri: — Uning Suriyelik toqilidin Asriel törelgen; uningdin yene Giléadning atisi Makir tughulghan.
ماناسسەھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇنىڭ سۇرىيەلىك توقىلىدىن ئاسرىئەل تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭدىن يەنە گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىر تۇغۇلغان.
15 Makir Shuppiylar we Xuppiylar arisidinmu ayal alghan (Makirning singlisining ismi Maakah idi). Makirning yene bir ewladining ismi Zelofihad idi, Zelofihadning peqet birnechche qizila bolghan.
ماكىر شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار ئارىسىدىنمۇ ئايال ئالغان (ماكىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى). ماكىرنىڭ يەنە بىر ئەۋلادىنىڭ ئىسمى زەلوفىھاد ئىدى، زەلوفىھادنىڭ پەقەت بىرنەچچە قىزىلا بولغان.
16 Makirning ayali Maakah oghul tughup, uninggha Peresh dep at qoyghan; Pereshning inisining ismi Sheresh idi; Shereshning oghli Ulam we Rakem idi.
ماكىرنىڭ ئايالى مائاكاھ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا پەرەش دەپ ئات قويغان؛ پەرەشنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى شەرەش ئىدى؛ شەرەشنىڭ ئوغلى ئۇلام ۋە راكەم ئىدى.
17 Ulamning oghli Bédan idi. Bularning hemmisi Giléadning ewladliri; Giléad Makirning oghli, Makir Manassehning oghli idi.
ئۇلامنىڭ ئوغلى بېدان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى؛ گىلېئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئىدى.
18 Giléadning singlisi Hammolekettin Ishhod, Abiézer we Mahalah tughulghan.
گىلېئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئېزەر ۋە ماھالاھ تۇغۇلغان.
19 Shémidaning oghulliri Axiyan, Shekem, Likxi we Aniam idi.
شېمىدانىڭ ئوغۇللىرى ئاخىيان، شەكەم، لىكخى ۋە ئانىئام ئىدى.
20 Efraimning ewladliri: Uning oghli Shutilah, Shutilahning oghli Bered, Beredning oghli Tahat, Tahatning oghli Éliadah, Éliadahning oghli Tahat,
ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ، شۇتىلاھنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاداھ، ئېلىئاداھنىڭ ئوغلى تاھات،
21 Tahatning oghli Zabad, Zabadning oghli Shutilah idi (Ézer bilen Éliad Gatliqlarning charwa mallirini bulang-talang qilghili chüshkende, shu yerlik Gatliqlar teripidin öltürülgen.
تاھاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ ئىدى (ئېزەر بىلەن ئېلىئاد گاتلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى چۈشكەندە، شۇ يەرلىك گاتلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
22 Ularning atisi Efraim bu baliliri üchün xéli künlergiche matem tutqachqa, uning buraderliri uninggha teselli bergili kelgen.
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرائىم بۇ بالىلىرى ئۈچۈن خېلى كۈنلەرگىچە ماتەم تۇتقاچقا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلگەن.
23 Efraim ayali bilen bille qayta bir yastuqqa bash qoyghan. Ayali hamilidar bolup, bir oghul tughqan; Efraim uninggha ailem bala-qazagha yoluqti dep, Bériyah dep isim qoyghan.
ئەفرائىم ئايالى بىلەن بىللە قايتا بىر ياستۇققا باش قويغان. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغقان؛ ئەفرائىم ئۇنىڭغا ئائىلەم بالا-قازاغا يولۇقتى دەپ، بېرىياھ دەپ ئىسىم قويغان.
24 Uning qizi Üstün Beyt-Horon bilen Töwen Beyt-Horonni we Uzzen-Sheerahni bina qilghan).
ئۇنىڭ قىزى ئۈستۈن بەيت-ھورون بىلەن تۆۋەن بەيت-ھوروننى ۋە ئۇززەن-شەئەراھنى بىنا قىلغان).
25 Bériyahning oghli Réfah bilen Reshef idi; Reshefning oghli Télah, Télahning oghli Tahan,
بېرىياھنىڭ ئوغلى رېفاھ بىلەن رەشەف ئىدى؛ رەشەفنىڭ ئوغلى تېلاھ، تېلاھنىڭ ئوغلى تاھان،
26 Tahanning oghli Ladan, Ladanning oghli Ammihud, Ammihudning oghli Elishama,
تاھاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما،
27 Elishamaning oghli Nun, Nunning oghli Yeshua idi.
ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىدى.
28 Efraimlarning zémini we makanlashqan yerliri Beyt-El we uninggha tewe yéza-kentler bolup, künchiqish teripide Naraan, künpétish teripide Gezer bilen uninggha tewe yéza-kentler; Shekem we uninggha tewe yéza-kentler, taki Gaza we uninggha tewe yéza-kentlergiche sozulatti.
ئەفرائىملارنىڭ زېمىنى ۋە ماكانلاشقان يەرلىرى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر بولۇپ، كۈنچىقىش تەرىپىدە نارائان، كۈنپېتىش تەرىپىدە گەزەر بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، تاكى گازا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگىچە سوزۇلاتتى.
29 Manasseh qebilisining zéminigha tutashqan yene Beyt-Shéan we uninggha tewe yéza-kentler; Taanaq we uninggha tewe yéza-kentler; Megiddo we uninggha tewe yéza-kentler; Dor we uninggha tewe yéza-kentlermu bar idi. Israilning oghli Yüsüpning ewladliri mana mushu yerlerge makanlashqanidi.
ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا تۇتاشقان يەنە بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ تائاناق ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ مەگىددو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ دور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرمۇ بار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇ يەرلەرگە ماكانلاشقانىدى.
30 Ashirning oghulliri: — Yimnah, Yishwah, Yishwi we Bériyah; ularning Sérah dégen singlisimu bar idi.
ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ؛ ئۇلارنىڭ سېراھ دېگەن سىڭلىسىمۇ بار ئىدى.
31 Bériyahning oghli Xeber bilen Malkiel bolup, Malkiel Birzawitning atisi idi.
بېرىياھنىڭ ئوغلى خەبەر بىلەن مالكىئەل بولۇپ، مالكىئەل بىرزاۋىتنىڭ ئاتىسى ئىدى.
32 Xéberdin Yaflet, Shomer, Xotam we ularning singlisi Shuya törelgen.
خېبەردىن يافلەت، شومەر، خوتام ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شۇيا تۆرەلگەن.
33 Yafletning oghulliri Pasaq, Bimhal we Ashwat; bular Yafletning oghulliri idi.
يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى پاساق، بىمھال ۋە ئاشۋات؛ بۇلار يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
34 Shemerning oghulliri Axi, Rohgah, Xubbah we Aram idi.
شەمەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاخى، روھگاھ، خۇبباھ ۋە ئارام ئىدى.
35 [Shemerning] inisi Helemning oghli Zofah, Yimna, Shelesh we Amal idi;
[شەمەرنىڭ] ئىنىسى ھەلەمنىڭ ئوغلى زوفاھ، يىمنا، شەلەش ۋە ئامال ئىدى؛
36 Zofahning oghli Suah, Harnefer, Shual, Béri, Imrah,
زوفاھنىڭ ئوغلى سۇئاھ، ھارنەفەر، شۇئال، بېرى، ئىمراھ،
37 Bézer, Xod, Shamma, Shilshah, Itran we Beerah idi.
بېزەر، خود، شامما، شىلشاھ، ئىتران ۋە بەئەراھ ئىدى.
38 Yeterning oghulliri Yefunneh, Pispah we Ara idi.
يەتەرنىڭ ئوغۇللىرى يەفۇننەھ، پىسپاھ ۋە ئارا ئىدى.
39 Ullaning oghulliri Arah, Xanniel we Riziya idi.
ئۇللانىڭ ئوغۇللىرى ئاراھ، خاننىئەل ۋە رىزىيا ئىدى.
40 Bularning hemmisi Ashirning ewladliri bolup, her qaysisi jemet bashliri, alamet batur jengchiler, yolbashchilar idi; ularning jemetliri boyiche nesebnamige tizimlan’ghanda, jengge chiqilaydighanliri jemiy yigirme alte ming idi.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەر قايسىسى جەمەت باشلىرى، ئالامەت باتۇر جەڭچىلەر، يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە نەسەبنامىگە تىزىملانغاندا، جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىڭ ئىدى.

< Tarix-tezkire 1 7 >