< Tarix-tezkire 1 4 >

1 Yehudaning oghulliri Perez, Hezron, Karmi, Xur we Shobal idi.
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرەز، ھەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىدى.
2 Shobalning oghli Réayadin Jahat töreldi; Jahattin Axumay bilen Laxad töreldi. Bular Zoratiy jemetidin idi.
شوبالنىڭ ئوغلى رېئايادىن جاھات تۆرەلدى؛ جاھاتتىن ئاخۇماي بىلەن لاخاد تۆرەلدى. بۇلار زوراتىي جەمەتىدىن ئىدى.
3 Étamning oghulliri Yizreel, Ishma, Idbash idi; ularning singlisining ismi Hazililponi idi.
ئېتامنىڭ ئوغۇللىرى يىزرەئەل، ئىشما، ئىدباش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ھازىلىلپونى ئىدى.
4 Gedorning atisi Penuel; Xushahning atisi Ézer idi; bularning hemmisi Beyt-Lehemning atisi bolghan Efratahning tunji oghli Xurdin törelgen.
گەدورنىڭ ئاتىسى پەنۇئەل؛ خۇشاھنىڭ ئاتىسى ئېزەر ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى بولغان ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇردىن تۆرەلگەن.
5 Tekoaning atisi Ashxurning Hélah we Naarah dégen ikki ayali bar idi.
تەكوئانىڭ ئاتىسى ئاشخۇرنىڭ ھېلاھ ۋە نائاراھ دېگەن ئىككى ئايالى بار ئىدى.
6 Naarah Ashxurgha Axuzzam, Hefer, Temeni, Axashtarini tughup berdi; bularning hemmisi Naarahning oghulliri.
نائاراھ ئاشخۇرغا ئاخۇززام، ھەفەر، تەمەنى، ئاخاشتارىنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نائاراھنىڭ ئوغۇللىرى.
7 Hélahning oghulliri Zeret, Zohar bilen Etnan we
ھېلاھنىڭ ئوغۇللىرى زەرەت، زوھار بىلەن ئەتنان ۋە
8 Koz idi; Kozdin Anob, Hazzibiba bilen Xarumning oghli Axarhelning jemetliri töreldi.
كوز ئىدى؛ كوزدىن ئانوب، ھاززىبىبا بىلەن خارۇمنىڭ ئوغلى ئاخارھەلنىڭ جەمەتلىرى تۆرەلدى.
9 Yabez öz qérindashliri ichide hemmidin bek hörmetlik idi, anisi: «Tughuti üstide bek azaplandim» dep uninggha Yabez dégen isimni qoyghan.
يابەز ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلىك ئىدى، ئانىسى: «تۇغۇتى ئۈستىدە بەك ئازاپلاندىم» دەپ ئۇنىڭغا يابەز دېگەن ئىسىمنى قويغان.
10 Yabez Israilning Xudasigha nida qilip: «Méni nahayiti köp beriketligen bolsang, zéminimni kéngeytseng, qolung bilen méni yölep, bala-qazadin saqlap, manga azab-oqubetni körsetmigeysen!» — dep tilidi. Xuda uning tiligini ijabet eylidi.
يابەز ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا نىدا قىلىپ: «مېنى ناھايىتى كۆپ بەرىكەتلىگەن بولساڭ، زېمىنىمنى كېڭەيتسەڭ، قولۇڭ بىلەن مېنى يۆلەپ، بالا-قازادىن ساقلاپ، ماڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسەتمىگەيسەن!» ــ دەپ تىلىدى. خۇدا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت ئەيلىدى.
11 Shuxahning inisi Kélubtin Méxir törelgen; Méxir Éshtonning atisi idi.
شۇخاھنىڭ ئىنىسى كېلۇبتىن مېخىر تۆرەلگەن؛ مېخىر ئېشتوننىڭ ئاتىسى ئىدى.
12 Éshtondin Beyt-Rafa, Paséah we Ir-Nahashning atisi Téxinnah töreldi; bularning hemmisi Rikahliqlar idi.
ئېشتوندىن بەيت-رافا، پاسېئاھ ۋە ئىر-ناھاشنىڭ ئاتىسى تېخىنناھ تۆرەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى رىكاھلىقلار ئىدى.
13 Kénazning oghli Otniyel bilen Séraya idi; Otniyelning oghli Xatat bilen Méonotay idi.
كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل بىلەن سېرايا ئىدى؛ ئوتنىيەلنىڭ ئوغلى خاتات بىلەن مېئونوتاي ئىدى.
14 Méonotaydin Ofrah töreldi. Sérayadin «Hünerwenler jilghisi»dikilerning ejdadi bolghan Yoab töreldi (ular eslide hünerwenler idi).
مېئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سېرايادىن «ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسى»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولغان يوئاب تۆرەلدى (ئۇلار ئەسلىدە ھۈنەرۋەنلەر ئىدى).
15 Yefunnehning oghli Kalebning oghulliri Iru, Élah bilen Naam idi; Élahning oghli Kénaz idi.
يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى ئىرۇ، ئېلاھ بىلەن نائام ئىدى؛ ئېلاھنىڭ ئوغلى كېناز ئىدى.
16 Yehallilelning oghulliri Zif bilen Zifah, Tiriya bilen Asariyel idi.
يەھاللىلەلنىڭ ئوغۇللىرى زىف بىلەن زىفاھ، تىرىيا بىلەن ئاسارىيەل ئىدى.
17 Ezraning oghulliri: — Yeter, Méred, Éfer we Yalonlar; Méred Pirewnning qizi Bitiyani aldi; u hamilidar bolup Meriyem, Shammay bilen Éshtémoaning atisi Ishbahni tughdi. Bular Bitiyadin bolghan oghullar. Méredning Yehudalardin bolghan ayali bolsa Gedorning atisi Yeredni, Sokohning atisi Heber bilen Zanoahning atisi Yekutiyelni tughdi.
ئەزرانىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەتەر، مېرەد، ئېفەر ۋە يالونلار؛ مېرەد پىرەۋننىڭ قىزى بىتىيانى ئالدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ مەرىيەم، شامماي بىلەن ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى ئىشباھنى تۇغدى. بۇلار بىتىيادىن بولغان ئوغۇللار. مېرەدنىڭ يەھۇدالاردىن بولغان ئايالى بولسا گەدورنىڭ ئاتىسى يەرەدنى، سوكوھنىڭ ئاتىسى ھەبەر بىلەن زانوئاھنىڭ ئاتىسى يەكۇتىيەلنى تۇغدى.
19 Nahamning singlisi Xodiyaning ayalidin Garmiliq Kéilahning atisi bilen Maakat jemetidin bolghan Éshtémoaning atisi törelgen.
ناھامنىڭ سىڭلىسى خودىيانىڭ ئايالىدىن گارمىلىق كېئىلاھنىڭ ئاتىسى بىلەن مائاكات جەمەتىدىن بولغان ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى تۆرەلگەن.
20 Shimonning oghulliri Amnon we Rinnah, Ben-Hanan bilen Tilon idi. Yishining oghulliri Zohet bilen Bin-Zohet idi.
شىموننىڭ ئوغۇللىرى ئامنون ۋە رىنناھ، بەن-ھانان بىلەن تىلون ئىدى. يىشىنىڭ ئوغۇللىرى زوھەت بىلەن بىن-زوھەت ئىدى.
21 Shélah Yehudaning oghli idi; uningdin törelgen Lékahning atisi Ér, Mareshahning atisi Laadah we Beyt-Ashbiyada olturaqlashqan chekmen toqughuchilarning jemetliri
شېلاھ يەھۇدانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن تۆرەلگەن لېكاھنىڭ ئاتىسى ئېر، مارەشاھنىڭ ئاتىسى لائاداھ ۋە بەيت-ئاشبىيادا ئولتۇراقلاشقان چەكمەن توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى
22 we yene Yokim, Kozibaliqlar, Yoash bilen Saraf (bular ikkisi Moab yurtigha hökümranliq qilghan) we Yashubi-Lehemlermu bar idi (bularning hemmisi qedimki xatirilerdur).
ۋە يەنە يوكىم، كوزىبالىقلار، يوئاش بىلەن ساراف (بۇلار ئىككىسى موئاب يۇرتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان) ۋە ياشۇبى-لەھەملەرمۇ بار ئىدى (بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى خاتىرىلەردۇر).
23 Bular Nétayim we Gederahda olturaqlashqan bolup, kulalchilar idi; ular shu yerde turup padishahning xizmitide bolatti.
بۇلار نېتايىم ۋە گەدەراھدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۇلالچىلار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە تۇرۇپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.
24 Nemuel we Yamin, Yarib, Zerah bilen Saul Shiméonning oghulliri idi.
نەمۇئەل ۋە يامىن، يارىب، زەراھ بىلەن سائۇل شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
25 Shallom Saulning oghli; Mibsam Shallomning oghli, Mishma Mibsamning oghli idi.
شاللوم سائۇلنىڭ ئوغلى؛ مىبسام شاللومنىڭ ئوغلى، مىشما مىبسامنىڭ ئوغلى ئىدى.
26 Mishmaning ewladliri töwendikiler: — Mishmaning oghli Xammuil; Xammuilning oghli Zakkur; Zakkurning oghli Shimey idi.
مىشمانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەر: ــ مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئىل؛ خاممۇئىلنىڭ ئوغلى زاككۇر؛ زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمەي ئىدى.
27 Shimeyning on alte oghli, alte qizi bar idi; uning aka-inilirining perzenti köp bolmighachqa, ularning herqaysisining jemetining perzentliri Yehuda jemetiningkidek undaq köp bolmighan.
شىمەينىڭ ئون ئالتە ئوغلى، ئالتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ جەمەتىنىڭ پەرزەنتلىرى يەھۇدا جەمەتىنىڭكىدەك ئۇنداق كۆپ بولمىغان.
28 Ular Beer-shéba, Moladah, Hazar-Shual,
ئۇلار بەئەر-شېبا، مولاداھ، ھازار-شۇئال،
29 Bilxah, Ézem, Tolad,
بىلخاھ، ئېزەم، تولاد،
30 Bétuel, Xormah, Ziklag,
بېتۇئەل، خورماھ، زىكلاگ،
31 Beyt-Markabot, Hazar-Susim, Beyt-Biri we Shaaraimgha makanlashqanidi. Taki Dawut padishahning dewrigiche bularning hemmisi ularning sheherliri idi.
بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارائىمغا ماكانلاشقانىدى. تاكى داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىگىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىدى.
32 Ular olturaqlashqan jaylar Étam, Ayin, Rimmon, Token we Ashan qatarliq besh shehernimu öz ichige alghan.
ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان قاتارلىق بەش شەھەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
33 We bu sheherlerning öpchürisidiki barliq yéza-kentler taki Baalgha qeder shulargha qaraytti. Bular bolsa ular makanlashqan jaylar bolup, ularning öz nesebnamilirimu bar idi.
ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى بارلىق يېزا-كەنتلەر تاكى بائالغا قەدەر شۇلارغا قارايتتى. بۇلار بولسا ئۇلار ماكانلاشقان جايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەبنامىلىرىمۇ بار ئىدى.
34 [Ularning jemet bashliri] Méshobab, Yamlek, Amaziyaning oghli Yoshah,
[ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىرى] مېشوباب، ياملەك، ئامازىيانىڭ ئوغلى يوشاھ،
35 Yoél, Yosibiyaning oghli Yehu (Yosibiya Sérayaning oghli, Séraya Asielning oghli idi),
يوئېل، يوسىبىيانىڭ ئوغلى يەھۇ (يوسىبىيا سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئاسىئەلنىڭ ئوغلى ئىدى)،
36 Elyoyinay, Yaakobah, Yeshohaya, Asaya, Adiel, Yesimiel, Binaya
ئەليويىناي، يائاكوباھ، يەشوھايا، ئاسايا، ئادىئەل، يەسىمىئەل، بىنايا
37 we Shifining oghli Zizalar idi (Shifi Allonning oghli, Allon Yedayaning oghli, Yedaya Shimrining oghli, Shimri Shémayaning oghli idi).
ۋە شىفىنىڭ ئوغلى زىزالار ئىدى (شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يەدايانىڭ ئوغلى، يەدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شېمايانىڭ ئوغلى ئىدى).
38 Yuqirida xatirilep ötülgen isimlarning hemmisi herqaysi jemet bashliri idi; bularning jemetlirining hemmisi nahayiti güllen’genidi.
يۇقىرىدا خاتىرىلەپ ئۆتۈلگەن ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ئىدى؛ بۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى گۈللەنگەنىدى.
39 Ular qoy padilirigha otlaq izlep taki Gedor éghizighiche, yeni jilghining kün chiqish teripigiche barghanidi.
ئۇلار قوي پادىلىرىغا ئوتلاق ئىزلەپ تاكى گەدور ئېغىزىغىچە، يەنى جىلغىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە بارغانىدى.
40 Ular shu yerde yapyéshil, nahayiti munbet bir otlaq tapqan; u yer tolimu keng, hem taza hem tinch idi. Ilgiri shu yerde olturaqlashqanlar Hamdikilerdin iken.
ئۇلار شۇ يەردە ياپيېشىل، ناھايىتى مۇنبەت بىر ئوتلاق تاپقان؛ ئۇ يەر تولىمۇ كەڭ، ھەم تازا ھەم تىنچ ئىدى. ئىلگىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ھامدىكىلەردىن ئىكەن.
41 Yuqirida tilgha élip ötülgen kishiler Yehudaning padishahi Hezekiyaning zamanida shu [Hamdikilerning] chédirlirigha we u yerlerde olturushluq Mionluqlargha hujum qilip ularni tamamen yoqatqanidi, taki bügün’ge qeder; ular shularning yerlirige makanlashti, chünki u yerlerde padilirini baqqudek otlaq bar idi.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كىشىلەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ زامانىدا شۇ [ھامدىكىلەرنىڭ] چېدىرلىرىغا ۋە ئۇ يەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق مىئونلۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تامامەن يوقاتقانىدى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر؛ ئۇلار شۇلارنىڭ يەرلىرىگە ماكانلاشتى، چۈنكى ئۇ يەرلەردە پادىلىرىنى باققۇدەك ئوتلاق بار ئىدى.
42 Shu chaghlarda Shiméonlardin yene besh yüz kishi Séir téghigha qarap mangdi, ularning yolbashchiliri Yishining oghulliri Pilatiya, Néariya, Réfaya bilen Uzriel idi;
شۇ چاغلاردا شىمېئونلاردىن يەنە بەش يۈز كىشى سېئىر تېغىغا قاراپ ماڭدى، ئۇلارنىڭ يولباشچىلىرى يىشىنىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا، نېئارىيا، رېفايا بىلەن ئۇزرىئەل ئىدى؛
43 ular qéchip tirik qalghan Amaleklernimu öltürüp, bügün’ge qeder shu yerde makanliship ötüwatidu.
ئۇلار قېچىپ تىرىك قالغان ئامالەكلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە ماكانلىشىپ ئۆتۈۋاتىدۇ.

< Tarix-tezkire 1 4 >