< زەفانىيا 3 >

ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي! 1
Voi uppiniskaista ja saastutettua, voi väkivaltaista kaupunkia!
ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى؛ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداسىغا يېقىنلاشمىدى. 2
Se ei ole totellut ääntä, ei huolinut kurituksesta, ei luottanut Herraan, ei lähestynyt Jumalaansa.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛ 3
Sen päämiehet sen keskellä ovat ärjyviä leijonia. Sen tuomarit ovat kuin sudet illalla, jotka eivät säästä mitään aamuksi.
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار، تەۋرات-قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار. 4
Sen profeetat ovat huikentelijoita, uskottomia miehiä. Sen papit saastuttavat pyhän ja tekevät väkivaltaa laille.
ھەققانىي پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ ھېچ ھەققانىيەتسىزلىك قىلمايدۇ؛ ھەر ئەتىگەندە ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدۇ؛ ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر؛ بىراق نامەرد ئادەم ھېچ نومۇسنى بىلمەيدۇ. 5
Herra on vanhurskas sen keskellä, hän ei tee väärin. Joka aamu hän tuo valoon oikeutensa, ei se tulematta jää. Mutta väärintekijä ei tunne häpeätä.
ــ مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر؛ كوچىلىرىنى ھېچبىر ئادەم ئۆتمىگۈدەك قىلىپ خارابە قىلغانمەن؛ شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان. 6
Minä olen hävittänyt pakanakansat, niiden muurinkulmat ovat autioina. Minä olen tehnyt niiden kadut raunioiksi, kulkijattomiksi; niiden kaupungit ovat hävitetyt ihmisettömiksi, asujattomiksi.
مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى. 7
Minä olen sanonut: Ainoastaan pelkää minua ja ota varteen kuritus, niin ei hävitetä tytär Siionin asumusta, ei mitään siitä, mitä minä olen hänelle säätänyt. Kuitenkin he varhaisesta alkaen ovat aina pahemmin tehneet.
شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە ــ چۈنكى مېنىڭ قارارىم ــ ئەللەرنى يىغىش، پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى، ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. 8
Sentähden odottakaa minua, sanoo Herra, odottakaa sitä päivää, jona minä nousen saaliille. Sillä minun tuomioni on, että minä kokoan pakanakansat, saatan kokoon valtakunnat vuodattaakseni heidän päällensä tuimuuteni, vihani kaiken hehkun; sillä minun kiivauteni tuli kuluttaa koko maan.
چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن، 9
Silloin minä muutan puhtaiksi kansain huulet, niin että ne kaikki rukoilevat Herran nimeä, palvelevat häntä yksimielisesti.
چۈنكى ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسىدىن مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى، ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيەنى ئېپكېلىدۇ. 10
Tuolta puolen Etiopian virtain tuovat minun rukoilijani-tytär, minun hajoitettu joukkoni-minulle ruokauhreja.
شۇ كۈنى سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئىزا تارتىپ قالمايسەن؛ چۈنكى شۇ تاپتا مەن تەكەببۇرلۇقۇڭدىن خۇشاللىنىپ كەتكەنلەرنى ئاراڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن ھالىڭنى ئىككىنچى چوڭ قىلمايسەن؛ 11
Sinä päivänä ei sinun tarvitse hävetä yhtäkään niistä teoistasi, joilla olet rikkonut minua vastaan, sillä silloin minä poistan sinun keskuudestasi sinun ylvääsi, riemuitsevaisesi, etkä sinä sitten enää ylpeile minun pyhällä vuorellani.
ۋە مەن ئاراڭدا كەمتەر ھەم مىسكىن بىر خەلقنى قالدۇرىمەن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ. 12
Mutta minä jätän jäljelle sinun keskuuteesi kurjan ja vaivaisen kansan, ja he luottavat Herran nimeen.
ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ، نە يالغان سۆزلىمەيدۇ، نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. 13
Israelin jäännökset eivät tee väärin, eivät puhu valhetta, eikä heidän suussaan tavata vilpillistä kieltä. Sillä he kaitsevat kaittaviansa ja makaavat kenenkään peloittelematta.
يايراپ-ياشنا، ئى زىئون قىزى! تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرا، ئى ئىسرائىل! پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلان، ئى يېرۇسالېمنىڭ قىزى! 14
Iloitse, tytär Siion, puhkea huutoon, Israel; ihastu ja ratkea riemuun kaikesta sydämestäsi, tytär Jerusalem.
پەرۋەردىگار سېنى جازالايدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ تاشلىدى، دۈشمىنىڭنى قايتۇرۇۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار ئاراڭدىدۇر؛ يامانلىقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. 15
Herra on poistanut sinun tuomiosi, kääntänyt pois sinun vihollisesi. Israelin kuningas, Herra, on sinun keskelläsi. Ei tarvitse sinun enää onnettomuutta nähdä.
شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى، «قورقما، ئى زىئون! قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن! 16
Sinä päivänä sanotaan Jerusalemille: "Älä pelkää, Siion, älkööt kätesi hervotko.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ. 17
Herra, sinun Jumalasi, on sinun keskelläsi, sankari, joka auttaa. Hän ilolla iloitsee sinusta, hän on ääneti, sillä hän rakastaa sinua, hän sinusta riemulla riemuitsee."
جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى. 18
Jotka murehtivat, kaukana juhlakokouksista, ne minä kokoan: nehän ovat sinusta, niitä häväistys kuormana painaa.
مانا، مەن شۇ تاپتا سېنى خارلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىمەن، ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن؛ دەل ئۇلار خورلانغان بارلىق زېمىنلاردا ئۇلارنى [ئۆزۈمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن. 19
Katso, siihen aikaan minä teen tekoni kaikille sinun nöyryyttäjillesi. Minä pelastan ontuvat ja kokoan karkoitetut ja teen heidät ylistetyiksi ja mainehikkaiksi jokaisessa maassa, jossa he olivat häpeänalaisina.
مەن شۇ تاپتا، يەنى سىلەرنى يىغقان ۋاقىتتا، سىلەرنى [ئۆيگە] ئېپكېلىمەن؛ چۈنكى مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا چىقارغىنىمدا، سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەتلىك، [ئۆزەمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 20
Siihen aikaan minä tuon teidät takaisin-siihen aikaan, jona minä teidät kokoan. Sillä minä teen teidät mainehikkaiksi ja ylistetyiksi kaikissa maan kansoissa, kun minä käännän teidän kohtalonne teidän silmäinne nähden; sanoo Herra.

< زەفانىيا 3 >